باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىلقۇت خەزىنىسى
-
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
-
«بىلقۇت» خەزىنىسى 11 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇلدى
«بىلقۇت» خەزىنىسى 11 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇلدى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-11-3 21:20:16 كۆرۈلىشى: $$访问$$
«بىلقۇت» خەزىنىسى 11 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!!!
«بىلقۇت خەزىنىسى» _ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل،چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب،يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق
ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھەدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن زور ھەجىمدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بىز بۇ قوللىغۇچىلىرىمىزغا سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.
«بىلقۇت خەزىنىسى» توردا ئەلالاشتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن بازارغا سېلىنغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى - يېڭى مەزمۈنلار ۋە بايقالغان خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىز «بىلقۇت خەزىنىسى» بازارغا سېلىنىپ بەش كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خەزىنىگە 450 پارچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قېتىلغان ئاساستا تۇنجى قېتىملىق ەلالاشتۇرغانىدۇق، بۈگۈن 2 - قېتىم يەنى 11 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇشنى باشلىدۇق، بۇ قېتىمقى ئەلالاشتۇرۇشتا «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ بىر قىسىم خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەن ۋە 100 مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قېتىلغان ئاساستا ئەلالاشتۇرۇلدى، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!!!
«بىلقۇت خەزىنىسى» ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، 12 - ئايدا 30 مىڭ سۆزلۈك دۇنيادىكى مىللەت ناملىرىنىڭ ئاتىلىشى قېتىلىدۇ.
ئەلالاشتۇرۇش:
/update/update/update.exe
«بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
0991-2552897
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر