ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:دانىشمەن بېغى - ماقالىلەر - بىز قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى!

بىز قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى!

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:56:46 كۆرۈلىشى: $$访问$$



     بىز قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى!
      (شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1997 - يىل 5 - ئاينىڭ  12 - كۈنى تېلېگراممىسى)
     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى،   دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ 5 - نۆۋەتلىك   مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسا بىقىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى
    5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى  بىلەن مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن بۇ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن؛ مەملىكىتىمىزدىكى  مېيىپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن، مېيىپلەر ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلىكىمنى بىلدۈرىمەن!
    ئەسىر ئالمىشىش ئالدىدا مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى مەملىكىتىمىزدىكى60 مىليون مېيىپكە نىسبەتەن بىر ياخشى ئىش ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ ئىش. مېيىپلەرنىڭ تەقدىرى ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن كونا جەمئىيەتتە چوڭقۇر ئازاب چەككەن مېيىپلەر يېڭى تۇرمۇشقا ئىگە بولدى. سوتسالىزم تۈزۈمى مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتىنى  كاپالەتلەندۈردى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىياتى مېيىپلەر ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزدىكى مېيىپلەر تېخىمۇ ياخشى گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ.
  پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن جەمئىيەت  مېيىپلەر ئىشلىرىغا داۋاملىق قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك. مېيىپلەر — ئالاھىدە كىشىلەردۇر. ئۇلارغا باشتىن - ئاخىر ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى ئالاھىدە يۆلەش كېرەك. ئۇلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇق - مەنپەئەتى  ۋە ئىنسانىي ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا  ھەممە ئىشقا قاتنىشىش، ھەممىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى قوللاش — دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈشى شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى.
  پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى، كادىرلار ۋە ئامما مېيىپلەرنى تولۇق چۈشىنىشى، ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردەم  بېرىشى لازىم. مېيىپلەرنىڭ  ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش،  ئۆز كۈچىگە تايىنىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئەسىرگە يۈرۈش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.
                                                   جياڭ زېمىن
                                       2000 - يىل 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى
 
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر