ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:دانىشمەن بېغى - ماقالىلەر - يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش

يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:55:57 كۆرۈلىشى: $$访问$$



     يېڭى دەرس  ئىسلاھاتى بويىچە دەرس بايلىقىنى  ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش
    ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش، يېڭى دەرس  ئىسلاھاتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، مەن يېڭى دەرس بويىچە ھەر خىل دەرسلەردە دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەققىدە كەسىپداشلىرىم تۆۋەندىكىچە بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. 
  دەرس  بايلىقى دېگىنىمىزدە ئاساسلىقى ئوقۇتۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن پايدىلانغان قوراللار ۋە تەبىئىي نەرسىلەرنى كۆرسىتىلىدۇ. كېلىش مەنبەسى جەھەتتىن مەكتەپ ئىچىدىكى، جەمئىيەتتىكى ئوقۇتۇش بايلىقلىرىى مەنبەسىگە بۆلۈنىدۇ. مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلىدىن ئالغاندا ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى بىز جەمئىيىتىمىزنى كۆزەتكىنىمىزدە ئەتراپىمىزدا مول ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقى بار. 
  مەسىلەن، تۇرپان - قەدىمىي يىپەك يولىغا جايلاشقان قەدىمىي ماكان بولۇپ، مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا باي يۇرت. بىز بۇنى تىل - ئەدەبىيات، تارىخ دەرسىنى ئۆتكەن ۋاقتىمىزدا، ئوقۇغۇچىلارغا جانلىق پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرسەك، يەنى كېلىپ تۇرپاننى بىلەلەيدىغان ھەم چۈشەندۈرەلەيدىغان قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرسەك، بۇ تەييار دەرس بايلىقى بولمامدۇ؟ 
  دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشنىڭ يولى جەھەتتە تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىزدىنىش لازىم. 
  بىرىنچى، جەمئىيەت تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېگىشلىك بىلىملەرنى، ماھارەت ۋە ساپانى بەلگىلەش ياكى ئېچىش كېرەك. 
  تولۇقسىز 1 - يىللىقلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق جەھەتتىكى نۇقتىلارغا، يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزەكى ھالەتتىن بىرقەدەر مۇرەككەپرەك نۇقتىلارنى ھەل قىلىش ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇرمۇش ھەققىدىكى ساۋاتلارنى چۈشەندۈرۈشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر. 
  ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەنپەئەتلىنەلەيدىغان تۈرلۈك ماتېرىياللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىنسانىيلىق تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلىشىغا، تەپەككۇر يولىنى ئېچىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. 
  بىز تۇرمۇشنىڭ ساۋاقداشلار ئويلىغاندەك ئانچە ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاتا - ئانىمىزنىڭ بىزنى تەربىيىلەشتە سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قىممىتىنى يەنى بىزگە سەرپ قىلغان ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئىنچىكە ھېسابلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىگە، ئاتا - ئانىسىغا بولغان ھۆرمىتىنى شۇنىڭدەك ۋاپادارلىق، ئاتا - ئانىلار ئالدىدىكى بۇرچ، ئىنسانپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق  روھ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ قاتارلىق تەربىيىلەرگە ئىگە قىلىشقا بولىدۇ. 
  ئۈچىنچى، ياش ئۆسمۈرلەر ۋە ئالاھىدە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ قايسى بىلىم، ماھارەت ۋە ساپانى ھازىرلىغانلىقى ۋە ھازىرلىمىغانلىقىنى ئىگىلەپ، دەرس بايلىقىنى ئويلىشىمىز كېرەك. 
  مەسىلەن، مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىكى تولۇقسىز 2 - يىللىقلار ئۈچۈن 1 - قىسىم تۆتىنچى بۆلەك ئوقۇتۇش تېكىستى 12. <باھار> دېگەن جۇزىچىڭنىڭ تېكىستىدە چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارغا بۇ تېكىستنى ئۆتكەندە تەبىئەت ھەققىدىكى تۆت پەسىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭىن باشقا ئۆز رايونىمىزنىڭ پەسىل ئۆزگىرىشىگە بولغان تونۇشىنى ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرگە باغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم. يەنى بۇيلۇقتىن ئىبارەت مەملىكەت بويىچە مەشھۇر ئۈزۈم ماكانى، شۇنداقلا ساياھەت نۇقتىسى بولۇشتىكى تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ چۈشىنىش، دەل <باھار> تېكىستىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە. دېمەك، بۇ بىزدە بولغان تەبىئىي بايلىقنى مەنىۋى بايلىق سۈپىتىدە قوللىنىشتا، يەنى كېلىپ ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالىشىمىزدا.
  يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئۆسمۈرلەرگە بىر ئىستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزدە بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى نەزەرىيىۋى ئاساسى مول بولغان، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئۇستازلاردىن قىلالىساقلا يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى چۈشەندۈرۈپ راۋاجلاندۇرغۇچىلاردىن بولالايمىز.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر