ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:دانىشمەن بېغى - ھېكايىلەر - تۇنجى مۇھەببەت

تۇنجى مۇھەببەت

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:55:34 كۆرۈلىشى: $$访问$$



  تۇنجى مۇھەببەت (مىخائىل سادوۋىئانو<رومىنىيە>)
 بەزىرلەر ياشلىقتىكى تۇنجى مۇھەببىتى بىلەن ناھايىتى پەخىرلىنىدىكەن، - دېدى ئارىمىزدىن بېرەيلەن، - ئىئورگو مورگاچ ئەپەندى خۇددى بىزگە بەخت تىلەۋاتقاندەك، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن پېتى، گەپ - سۆز قىلماي ئالدىدىكى تەخسىگە ئېڭىشىپ ئولتۇراتتى.
  - توختاپتۇر، سادىغاڭ كېتەي، توختاپتۇر، ئالدىمدا ئېسىل جۆجە كاۋىپىدىن بىرى قاپتۇ، غاچچىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتەي!
  كۆپچىلىك ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلىشىپ، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. بەزىلەر تاماكىنى بولۇشىغا چەككەچكە، كۆپكۈك ئىس ئۇلارنىڭ باشلىرىدا ئەگىپ يۈرەتتى. بىز ئۈزۈم باراڭ ئاستىدىكى يوغان بىر شىرەنى چۆرىدىشىپ ئولتۇرغانىدۇق. بۇنداق شىرەلەر پەقەت پۇلدارلارنىڭ قورۇلىرىدا بولاتتى. شرەدىكى تەخسە - پەخسە، رومكا -  پومكىلار خۇددى بىر ئۇرۇش خارابىسىغا ئوخشاش قالايمىقان چېچىلپ ياتاتتى.
  ئىئورگو مورگاچ ئەپەندى پىشىپ ۋايىغا يەتكەن جۆجە كاۋپىنى پاك - پاكىز تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىن تەخسىدىن بېشىنى ئاستا كۆتۈردى. ئاپئاق ساقاللىق يۈزى خۇددى خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى.
  - ئىئورگو ئەپەندى، ئەپەندى بولغاندۇ؟ قېنى ئەمىسە! ئىئورگو ئەپەندى بېلىق كۆزى قۇيۇلغان رومكىنى سول قولىغا ئېلىپ، ئاغزىغا يېقىن ئەكەلدى. كۆزلىرى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قادالغانىدى، خۇددى بىزگە بەخت تىلەۋاتقاندەك ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرى خۇددى قۇشنىڭ قانتىدەك تىترەپ تۇراتتى.
  ئۇ قولىدىكى ھاراقنى گۇپپىدە كۆتۈرۈۋېتىپ، بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن،پېشانىسى ۋە ساقال - بۇرۇتلىرىنى بىر قۇر سىلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئاغزىنى سۈرتتى، ئاندىن ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ، سورۇندىكىلەرگە قاراپ كۈلۈپ قويدى.
  - بايا، نېمە دېۋىدىڭلار؟ - دېدى ئۇ خۇددى نېمە دېيىلگەنلىكىنى چۈشەنمىگەندەك قىياپەتتە.
  - ياش ۋاقتىڭىزدىكى مۇھەببەت سەرگۈزەشتىڭىزنى سۆزلەپ بېرىڭ دەۋاتىمىز. تۇنجى مۇھەببەتنى. . .
  - ئاھ . . . خۇدا! ياشلىقتىكى تۇنجى مۇھەببەت. . . !
  - مەن ئۆزۈمنىڭ رومانتىك تارىخىمنى بۇرۇن بىر سۆزلىگەن. . . شۇندىن كېيىن، دېگەندەك ئۆزۈمگە كېلەلمىگەنىدىم. سىلەرمۇ سورايدىغان باشقا نەرسە يوقتەك قىلىپ كەتتىڭلار. گەپنىڭ ئوچۇقىنى دېسەم،بۈگۈ نكىدەك سورۇنلاردا قىزىق - قىزىق پاراڭلار بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتىم.
  - ئىئورگو ئەپەندى ئىشەنسىڭىز، مۇشۇ سورۇندىكىلەرنىڭ ھېچقيسىسى سەزگۈزەشتىڭىزنى ئاڭلاپ دباقمىغانىكەن. . . - دېدى شىرەنىڭ بىر چېتىدىرەك ئولتۇرغان بىر يىگىت.
  - ھېم، - بوۋاي يىگىتكە قاراپ ئالدىغىراق سىلجىدى، - ياش يىگىت تەلەپ قىلىپ قالدى. سۆزلىمەي بولمايدۇ. بىزدەك قېرىلاردىن ياشلارغا ئىبرەت بولۇپ قالار.
  كۆپچىلىك تالاش - تارتىش قىلىشپ، ئىئورگو ئەپەندىنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قېرى قاتارىغا كىرمەيدۇ، بىزگە دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى پايدىلىق گەپ، دەپ چۈشەندۈرەتتى. «ئىبرەت» دېگەن گەپكە كەلسەك، ئۇ تېخى كېيىنكى ئىش ئىدى. كۆپچىلىك جىمىغاندىن كېيىن ئۇ ھېكايىسىنى باشلىدى:
  - بۇ، مۇنداق ئىش، يىگىت، - دېدى ئۇ، - 1866 - يىللىرى مەن سىلەرگە ئوخشاش ياق، تامامەن ئوخشاش ئەمەس. . . كېلىشكەن، قاۋۇل يىگىت ئىدىم، بىراق قورسىقىمدا ئانچە ئۇماچ يوق ئىدى، ئىھتىمال، مۇشۇ تەرەپلىرىم سىلەرگە ئوخشىمىسا كېرەك، ھە، چۇۋۇرلىشىپ كەتتىڭىزغۇ، ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟ خەپشۈك! مەن دادامنىڭ خانىسىدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيتتىم، خەت يازاتتىم، ھېساب ئىشلەيتتىم، مېنى ئاپامنىڭ بوۋىسى ئوقۇتاتتى، ئۇمۇ ئالىي مەكتەپ كۆرگەن ئەمەس. . .  گەپنىڭ راستىنى دېسەم، ئۆگىنىدىغان نېمە بار دەيسىلەر، دادام ئىككىمىزنىڭ ئارزۇسى ئوخشاش ئىدى، داداممۇ مېنى قورۇق باشقۇرۇدىغان ئادەم بولسا دەپ ئويلايتتى، شۇڭا مەن جاپاغىمۇ، ئىشقىمۇ پىشتىم. سوغۇققا قارىماستىن سەھەر تۇرىدىغان، ئوت دۆۋىسى قېشىدا يېتىپ، ئۇخلاۋېرىدىغان بولۇپ كەتتىم، ئەمما گرېكچە لاتىنچە كىتابلارنى پەقەت ئوقالمايتتىم، كېيىن بالام چوڭ بولۇپ، مەكتەپ يۈزى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنىڭ ئەلىمى ئۆتۈلدى. . . - بىركۈنى دادام مېنى بوتۇ ساننىدىكى يېرىمىزگە ئەۋەتتى. ئۇ يەردە بىر قورۇقىمىز بار ئىدى. كۆلىمى چوڭ بولۇپ، ناھايىتى گۈزەل ئىدى. يېنىدىكى جىلغا قاپتىلدا بىر كاۋچۇكزارلىق بىلەن بىر كەنت بار ئىدى. ئۇ يەردىكى ئات - ئۇلاقتىن تارتىپ ھەممىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرماي. مەن ئەتتىگەندىن تا كەچكىچە قورسىقىمغا تۈزۈكرەك بىر نەرسە يېمەي، كۆيۈك ئاپتاپتا ئاتتىن چۈشمەي يۈرۈپ، قاپقارا بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدىم. ياللانما تېرىقچىلار بىلەن بىرگە يېتىپ قوپاتتىم، تېنىم ناھايىتى ساغلام ئىدى، خۇددى كۆندۈرۈلمىگەن شاش ئاتتەك شوخ ئىدىم.
  ھېيت - بايرام ياكى يامغۇر - يېشىن كۈنلىرى بىكار بولۇپ قالاتتۇق، تېرىقچىلىرىمنىڭ دېگەندەك تايىنى يوق ئىدى. بىر كۈنى مەن شۇ جايدىكى بىر كەنتكە بېرىپ قالدىم. ئۇ يەردە بىر پوپ  بار ئىدى. ئۆيگە كىردىم. ئۇنىڭ چاققانغىنا ئۆيى ناھايىتى رەتلىك، پاكىز ئىدى. قورۇسىدا چاققانغىنا بىر ئالمىلىق بېغى، ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان كىچىك مەيدانى بار ئىدى. ئۇ پوپنىڭ يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىكەن. ئايالنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولغانىكەن. بىر نەچچە ئوغلىنى يېقىن ئۆپچۆرىدىكى يەرلەرگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى تىكەندەك يالغۇز قاپتۇ. ئۇنىڭغا بىردىنبىر ئەرمەك بولىدىغان نەرسە - ئۆيدىكى ئىككى جازا كونا كىتابلار بىلەن ھويلىدىكى ھەسەل ھەرىلىرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ ئادەمنىڭ يېنىدا كىتاب ئوقۇيدىغان بولدۇم. ھەر كۈنى كەچلىكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمەن، ئۇ ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى. مەن بۇنداق پوپنى ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئاۋازى يېقىملىق ۋە سەمىمىي ئىدى. مورداۋينىڭ بۇرۇنقى تارىخىي شەخسىلىرى بىلەن تارىخىي ۋەقەلىرىنى سۆزلەپ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. مەن خۇددى گۈدەك چاغلىرىمدا چۆچەك ئاڭلىغاندەك بېرىلىپ ئاڭلايتتىم. بۇرۇن تۈزۈكرەك بىر نەرسە بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ماڭا يېڭىلىق  تۇيۇلاتتى، شۇنداق قىلىپ، ئىككىمىز ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.
   دوستۇم، ئافىرام ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ كەتتىم. كەچۈرگەيسىلەر. مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ئۇنىڭ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بىر يەكشەنبە كۈنى، ئىككىمىز ھۈپپىدە ئېچلىغان گۈللەرگە قاراپ، سەينادا پاراڭ بىلەن ئولتۇراتتۇق. چىتلاقنى ئېچىپ، چىرايلىق كيىنگەن، چاچلىرى چۇۋۇق بىر قىز مېنى كۆرۈپلا يىغلاشتىن توختاپ، قول ياغلىقى بىلەن يېشىنى سۈرتكەن يېنىمىزغا كەلدى. خۇددى بارماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدىغاندەك مۇشتۇمىنى مەھكەم تۈگىۋالغانىدى. ئۇ گەپ قىلۋېدى، مۇلايىم، نازۇك ئاۋازى ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىۋەتتى. مەن ئۇنىڭغا تازا زەن قويۇپ قارىدىم.
  «پوپ ئاتا، - دەيتتى ئۇ بىر خىل ئاھاڭدا، - پوپ ئاتا! تېز بولۇڭ! ئاپام ئىككىمىز خولېرا پېرىغا قاتناشقانىدۇق. . . قاراپ تۇرغان بىچارە ئاپام تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ يىقىلىپ، ياندۇرۇشقا باشلىدى.»
  «نېمىشقا ئۇنداق بولدى؟» پوپ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى.
  «بىلمەيمەن، پوپ ئاتا، خەقلەر كۆتۈرۈپ كېلىپ سۇپىغا ياتقۇزدى. . . مېنى تېز بول، دەپ بۇياققا ئەۋەتتى. . . ساقىيالمايدىغان بولدى. . . خولېرا يۇقۇپتۇ دېيىشىۋاتىدۇ.»
  قىزچاق ئۆزىنى باسالماي، ھۆركۈرەپ يىغلاشقا باشلىدى. كۆزلىرىدىن ياش خۇددى يامغۇردەك تۆكۈلەتتى. زىلۋا بوي، قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرى بۇلاقتەك بۇ قىزچاق شۇ تاپتا ناھايىتى سۆيۈملۈك كۆرۈنەتتى. مەن ئۇنىڭ شۇ قەدەر ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالماي قالدىم. پوپ ئۇزۇن چاپىنى بىلەن ئۇقۇيدىغان كىتابنى ئىزلەشكە كىرىشىپ كەتتى، مەن شۇ پۈرسەتتە قىزدىن سورىدىم:«نەدىن كەلگەن خولېرا ئۇ؟»
  «ۋايتاڭ، ۋايتاڭ، ۋايتاڭ. . . - ئۇ ئىسەدەك ئارىلاش چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە بېشىنى لىڭشىتتى، -  باشقا يەرلەردە بۇ ھەقتە گەپ كۆپ ئىدى. . . » بىراق بىزنىڭ بۇ يەردە تېخى كۆرۈلمىگەن. . .
  مەن سوئال نەزىرى بىلەن پوپقا قاراپ قويدۇم. بۇ دەھشەتلىك كېسەلنىڭ شەھەر ۋە چەت يېزىلارغا تارقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئانچە - مۇنچە خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قالاتتۇق، لېكىن بىزنىڭ بۇ بۇلۇڭ - پۇشقاقلارغا كېلىپ قالار، دەپ ئويلىماپتىكەنمىز، مانا ئەمدى قاباھەتلىك ئەرۋاھ بىزنىڭ بۇ يەرگىمۇ قەدەم باسقانىدى. ئەمدى بۇ بىچارە كىشىلەر ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، بىر - بىرلەپ يىغىلىشقا باشلايتتى.
  «ئۇ، مۇشۇ كەنتتىكى يۈز - ئابرويلۇق، ئېسىل ئايال ئىدى، - دېدى پوپ بىر خىل ئېچىنىش بىلەن، ئاندىن قىزغا دېدى، - ئىلىنۇچ بېرىپ مۇناجەتچى ئىلشېيسگە خەۋەر قىلغىن، لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ تېز كەلسۇن. . .»
  قىزچاق كۆز يېشىنى سۈرتۈپ، قورقۇمسىرىغان ھالدا بىزگە بىر قارىۋېتىپ، ئاندىن تالا تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك قاچتى. بىز قويۇپ، مەھەللە ئىچىگە قاراپ يول ئالدۇق. ئافىرام پوپ پەس ئاۋازدا ماڭا:
  «قورقۇنچلۇق كۈنلەر باشلىنىدىغان بولدى، بىچارە كىشىلەرگە نېمىدېگەن تارتقۇلۇق - بۇ!»، دېدى.
  ئۇ چاغدا مەن ناھايىتى ياش ئىدىم. ئۆلۈمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، پوپنىڭ ئېچىنىشلىق سۆزىنى ئاڭلاپ، پۈتۈن بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى.
  بىز بىردەمدىلا ئويۇن قويۇلغان مەيدانغا كېلىپ قالدۇق. قارىساق ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى، سەھنىدە بىر ئايال قورقۇنچلۇق ھالدا تولغىنىپ ياتاتتى. پولتايغان كۆزلىرى بولسا چانىقىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتەي، دەپ قالغانىكەن. يېنىدا ئىككى ئايال بىزگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. تولغىنىپ ياتقان ئايال: ئىچىمگە ئوت كەتتى! ۋاي ئۆلدۈم! دەپ نالە قىلاتتى.
  «سۇ ئىچەمسىز؟» پوپ مۇلايىملىق بىلەن سورىدى.
  «باياتىندىن شۇنداق دەپ كەلدى، - دېدى بىر ئايال پەس ئاۋازدا، - سۇ بەرگەن بىلەن بولمايدۇ. بەدەنلىرى ئوت - كاۋاپ بولۇپ كەتتى، شۇڭلاشقا بىئارام بولىۋاتىدۇ»
  - مەن نېرىراق تۇرۇپ، قىزىقسىنغان ھالدا ھەممىگە سەپ سالدىم. پوپ تولغىنىپ ياتقان ئايالغا قاراپ جىممىدە تۇراتتى. شۇ ئارىدا دەرۋازا تەرەپتىن بىرىنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى: مۇناجەتچى بىلەن ئىلىنۇچ يېتىپ كەلگەنىدى.
  پوپ ئوقۇشنى باشلىغان ھامان كېسەل سەل تىنچلانغاندەك بولدى. قىزچاق كەلگەن ھامان ئانىسىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىماقچى بولغانىدى، پوپ، ماڭا شەرەت قىلدى، مەن قىزچاقنى مۈرىسىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىۋالدىم. ئۇيولقۇنۇپ:
  «قويۇۋېتىڭ دەيمەن! ئاپامنى بىر كۆرۈۋالاي! - دەيتتى ئارقىدىنلا ئۇ ھالىدىن كەتكەندەك لاسسىدە بوشاپ كېتىپ، بەئەينى تاياق يېگەن بالىدەك، - ئاپا! ئاپا! مېنى تاشلاپ كەتمە، جېنىم ئاپا!» دەپ ئىڭرىدى. بىر كەمدىن كېيىن پوپ كېلىپ بىزدىن ئىككى قەدەم بېرىدا توختىدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن بىرەر يامان ئاقىۋەتنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا شۈبھە بىلەن قاراپ قويدۇم.
  «بەدىنى مۇزدەك بولۇپ كەتتى - دېدى پوپ پەس ئاۋازدا، - چوقۇندۇرۇپ قويدۇم، ئاياللار شام يېقىپ قويدى. . .» ئاندىن پوپ كېلىپ، قىزنىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ بىردەم جىم بولۇپ كەتكەندىن كېيىن:
  «سەۋر قىل ئىلىنۇچ، سەۋرى قىل! - دېدى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، - قانداق قىلىمىز، قىزىم. بۇمۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى. . . »
  قىزچاق ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان پېتى ئولتۇرۇپ، ئىككى تىزىنىڭ ئارلىقىغا بېشىنى چۆكۈرۈپ، يۇم - يۇم يىغلىدى. مەن بۇ چىرايلىق قىز بىلەن مانا مۇشۇنداق ئاجايىپ بىر چاغدا تونۇشۇپ قالدىم.
  شۇ چاغدا بىزنىڭ ئاشۇ چىرايلىق قورۇقىمىز بىلە ياپيېشىل ئېكىنزارلىقلىرىمىز زۇلمەتلىك ۋەھىمە ئىسكەنجىسىدە قالغانىدى.
  بۇ ئايالنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر بوۋاي ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يەنە ئىككى تېرىقچىنى ئۇزۇتۇپ قويدۇق. رەھىمسىز كېسەل چاقماق تېزلىكىدە مېنىڭ ئەڭ ياخشى گۈسمەستەك بىر ياش تېرىقچىمنى نابۇت قىلدى.
  ھەممە يەرنى ئېچىنىشلىق نالە -  پەرياد قاپلىدى، ئەزرائىل ماڭىمۇ يېقىنلاپ قالغانىدى. مەن ھەر كۈنى تېرىقچىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئىچىدىكى قورقۇنچنىڭ چىرايىغا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم. مەنمۇ شۇ قەدەر تەشۋىشلەندىمكى، باشقىلاردىن ئۆزۈمنى بەش كۈنلۈك يەرگە قاچۇرىدىغان بولۇپ قالدىم.
  پوپنىڭ پۈتۈن ۋاقتى كېسەللەر بىلەن ئۆتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ بارماس بولدۇم. ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئازادە قۇلىرىمدىمۇ كەمدىن كەم بولاتتىم، كۈندە ئاتتىن چۈشمەي ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرەتتىم، بەزىدە ئۇ ئىشلار كاللامغا كىرىۋالسا، ئۇنى كاللامدىن چىقىرىۋېتىمەن دەپ ئاتنى بولۇشىغا چاچتۇراتتىم. بىراق كېسەلنىڭ ۋەھىمىلىك قارا كۆلەڭگۈسى ھامان مېنىڭ بىلەن بىللىدەك تۇيۇلاتتى.
  مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆلۈدىغانلار بارغانسېرى ئازلىدى، بىر مۇنچە كېسەللەر ساقىيىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن يەنە ھېلىقى پوپنىڭ رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان سەيناسىدا پەيدا بولدۇم.
  بىر كۈنى، تومۇز ئايلىرىنىڭ چۈش مەزگىلى ئىدى. مەن بىر دەرەخكە ئېتىمنى باغلاپ قويۇپ، سالقىن بۇلاققا قاراپ كېتىۋېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. قارىسام، شىۋىرلاپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق بويىدىن ئىلىنۇچ ئاستا تۇرۇپ، ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرىدۇ. ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئۇ شۇنچىلىك بالا - قازاغا مۇپتىلا بولغان بولسىمۇ، بۇ يورۇق دۇنيادا يەنىلا بىر كىشىلىك كۈلۈپ تۇراتتى.
  «قاياقتىن كېلىشىڭىز؟» دەپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
  ئۇ خۇددى يېقىن ئادەملىرىگە مۇئامىلە قىلغاندەك جاۋاب بەردى:
  «رىزىكامىنىدىن كېلىشىم، ھاممامنىڭكىدە تۇرۇۋاتىمەن. . .»
  «ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىپ كېلەي، دەپ بېرىپتكەنسىز - دە؟»
  «ھەئە، دادام يولغا سېلىپ قويغان، بېرىپ كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ كەلدىم . . .» ئۇ يىنىك بىر تىنىۋېلىپ، چاچلىرىنى تۈزەشتۈردى.
  «ھېلىقى چاغدا ماڭ ئىچىڭىز ئاغرىدى - ھە! - دېدى ئۇ شوق - زوق بىلەن، - قېشىمدىن نېرى كەتمىدىڭىز، - ئۇ يەنە ئىتتىكلا قوشۇمچە قىلدى، - ئۇسسىدىڭىزمۇ؟ سۇ ئىچسىڭىز بۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىڭ، مۇزدەك. . .»
  مەن مۇشۇ سۇنى دەپ كەلدىم» دېدىم.
  قىزچاق ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇلاق يېنىدا ئولتۇرغان ئورنىنى ماڭا بوشىتىپ بەردى.
  «ئىلىنۇچ سىز بۇ يەردىن كەتكەن چاغلاردا مەن سىزنى شۇنچىلىك سېغىندىم. . .» مەن بۇ گەپلەرنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن بۇنداق چاغلاردا يۈرەكلىك بولۇشۇم كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇلاق بويىدا تۇرغان قىياپىتى يۈرىكىمگە بىر پارچە ئوت سالغانىدى.
  ئۇنى كۆرمىگەن كۈنلىرىم ئەسلەش بىلەنلا چەكلەنگەن بولسام، ئەمدىلىكتە ئۇ قەلبىمگە مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچقانىدى. بۇ، پەقەت ياشلىقتىلا بولىدىغان بىر خىل نازۇك تۇيغۇ ئىدى. . .
  قىزچاقنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى، ماڭا بىر قاراش بىلەن لاپپىدە ئوت ئالغاندەك بولدى.
  ئۇنىڭغا ئۈزۈمنى ئاتتىم، قولىدىن مەھكەم تۇتۇپ ئالدىمغا تارتتىم، ئۇ يۇلقۇنۇپ قاچماقچى بولدى. مەن تېخىمۇ مەھكەم تۇتۇپ، ئاغزىمنى يۈزىگە  يېقىن ئەپكېلىۋىدىم. بېشىنى ئارقىسىغا تاشلاپ، بوينىنى بىر تەرەپكە بۇرۇۋالدى. شۇ چاغدا پېشانىسى بىلەن يۇمران چاچلىرى لېۋىمگە تېگىپ، خۇددى تاغ گۈللىرىدە بولىدىغان بىر خىل پۇراق بۇرنۇمغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى. شۇ ئەسنادا، بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولۇپ، قولىنى ئاستا قويۇۋەتتىم، ئۇ ھودۇقۇپ خېلىغىچە ئۆزىگە كېلەلمىدى. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:«خەپ!» دېدى -دە، يېزا تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەتتى. خېلى بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن، توختاپ ماڭا قاراپ قويدى. نېمىشقىكىن بۇ ساددا دېھقان قىزىنىڭ قىلىقلىرى ناھايىتى تاتلىق ئىدى.
  مەن بۇ مەھەللىدىكى يېزىدىكى ئىككى - ئۈچ خوتۇن بىلەن تونۇشاتتىم، قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن، مارىيە دەيدىغان بىرىنى قورۇققا چاقىرتىپ كەلدىم. ئۇ ئاغزى پۇختا، شەرەنداز خوتۇن ئىدى. مەن ئۇنى ماڭغان يولى ئۈچۈن رازى قىلىدىغان بولۇپ، گەپنى ئوبدان پىشۈرۈۋالدۇق:
  ئىليار پەيغەمبەر بايرىمى كېچىسى مەن ئاتلىق ئوتلاققا بېرىپ، ئوت دۆۋىسىنىڭ قېشىدا ياكى تېرەكلىكتىكى بۇلاق بويىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدۇم.
  مارىيە مېڭىش ئالدىدا ماڭا مۇنداق دېدى:
  «بىر نەرسىنى دەپ قوياي، بالام، بۇ قىز خۇددى قوينىڭ قوزىسىدەك ياۋاش، ئەتىمالىم ئۇمۇ ساڭا كۆيۈپ - پىشىپ يۈرىدىغاندۇ، بولمىسا كەلمەيدۇ. . .»
  دەرۋەقە ئۇنىڭ دېگىنىدەك ئۇچقاندەك چاپتۇراتتىم. ئۇپۇق سىزىقىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان تولۇنئاي كۈلۈپ تۇراتتى. مەن بۇلاق تەرەپكە بۇرۇلۇپ، تېرەك ئاستىدا بىردەم تۇرۇپ قالدىم، شوخ بۇلاق سۈيى شىلدىرلاپ ئاقاتتى، دەرەخ ياپراقلىرى ئاينىڭ سۈتتەك شولىسىدا خۇددى كۈمۈش تەڭگىلەردەك جىمىرلاپ تۇراتتى.
  مەن ئېتىمنى ئوت دۆۋىسى تەرەپكە بۇرىدىم، توساتتىن بىر نەرسىنڭ قارىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم، زەن قويۇپ قاراپ، سۈتتەك ئايدىڭ كېچىدە، ئوت دۆۋىسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن چاچىلىرى چۇۋۇلغان، كۆزلىرى چوغدەك يېنىپ تۇرغان بۇ قىز قوللىرىنى كەڭ يېيىپ، ماڭا قاراپ قورقۇنچلۇق ئاۋازدا ۋارقىرىدى:
  «بەگزادە مېنى تاشلاپ كەتمەڭ! بەگزادە!»
  بۇ ئەندىشىلىك ئاۋاز قۇلىقىمغا خۇددى گۈلدۈرمامىدەك ئاڭلىنىپ كەتتى. بۇ، ئەجەل  گىردابىدا ياتقان ئادەمىنڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ يەنە ۋارقىرىدى:
  «ۋاي، مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم، بىر يۇتۇم سۇ بېرىڭ!»
  كېسەل ئۇ بىچارە قىزنى ئازابلاپ، رەھىمسىزلى بىلەن ھالاك قىلماقتا ئىدى. ئۇ ئازابتىن تولغىناتتى. مەن بولسام قورقۇپ ئەس - ھۇشۇمنى يوقاتقانىدىم، ئىگەردە قانداق ئولتۇرغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن، پەقەت ئالدىمدا ياخشى كۆردىغان قىزىمنىڭ بارلىقى ئېسىمدە ماڭا خولېرا دېگەن بۇ ئالۋاستى خۇددى يەردىن ئۈنگەندەك، ئىبلىس قولىنى ماڭا ئۇزىتىۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى.
  مەن ئاتنىڭ بېقىنىغا قاتتىق بىر دىۋىتتىم. ئات ئۇچقاندەك چېپىپ، ئۇنىڭ ئازابلىق ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلىيالماي قالدىم. مەھەللىگە يېتىپ كەلگەندە، ئاران ئېسىمغا كەلدىم. مەن ئۇدۇل پوپنىڭ يېنىغا باردىم.  ئىشكتىن كىرىشىم بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى قارشى ئالدى ۋە چىراپىمغا بىر قاراپلا سورىدى:
  «نېمە بولدىڭىز، نېمانچە تاتىرىپ كەتتىڭىز؟» ئۇنىڭمۇ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى.
  - ھېچنەرسە بولمىدىم، - دەپ جاۋاب بەردىم، - ئوتلاق تەرەپتىن كېلىشىم. . . ئۇ يەردىن باۋىرىنىڭ قىزى ئىلىنۇچنى ئۇچرىتىپ قالدىم، خولېرا يوقۇپتۇ ئۆلەي، دەپ قالدى. . .»
  خۇددى گېپىمنى چۈشەنمىگەندەك داڭ قېتىپ قالغان پوپ بىردىنلا ھەممىنى چۈشنىپ، چىرايىدا قان قالمىدى.
  «ئۇ سىزنى ساقلاپ تۇرغانمىدى؟»
  «شۇنداق.»
  «ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كەلدىڭىز؟ يالغۇز قالدى؟ ئۇنى ئېگىسىز ئىتتەك ئۆلسۈن دېدىڭىزمۇ؟»
  مەن دوستۇمنىڭ سۆزلىرىدىن بىر خىل ئازابلىق ئەيىبلەش ھېس قىلىپ، بېشىمنى تۆۋەن سالدىم، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كەتكەنلىكىمگە ناھايىتى نومۇس قىلدىم، يۈزۈم لاپپىدە ئوت ئالدى. بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ  ناھايىتى شەخسىيەتچى ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئۈندىمەستىن، خۇددى قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ ھويلىغا چىقىپ مەھەمللىدىكىلەرگە سېگنال بەردىم. نۇرغۇن ئادەملەر يىغىلدى. مەن ئۇلارنى باشلاپ ئوتلاقتىكى ئوت دۆۋىسىگە باردىم. كۆپچىلىك بىلەن كۆتە - كۆتە قىلىپ، قىزنى مەھەللىدىكى دوختۇرنىڭ قېشىغا ئاپاردۇق.
  سۆزلىمەكچى بولغان ھېكايەم مانا مۇشۇ.
  - ئۇ ساقىيالىدىمۇ ئىئورگو ئەپەندى؟ - بىر ياش ئۇنىڭدىن سورىدى.
  - يەيدىغان رىزقى بار ئىكەن، ساقىيىپ كەتتى. بىر كۈنى ئىككىمىز مەھەللىنىڭ ئېغىزىدىكى كاۋچۇك دەرىخىنىڭ قېشىدا ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇ ئورۇقلاپ كەتكەنىدى. ئەمما تېخىمۇ زىلۋا، تېخىمۇ نازاكەتلىك ئىدى. . . مەن ئاتلىق قېشىغا بېرىپ توختاپ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم. ئۇ ماڭا مۇنداق بىر قاراپ قويدى، لېكىن كۆزلىرىدە غەزەپ ئوتى چاقنايتتى. مەن ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇنىڭغا قول ئۇزاتقانىدىم، ئۇ ئويلىمىغان يەردىن:
  «بېگىم، بىر قېتىم سىزدىن بىر يۇرتۇم سۇ تىلىگىنىم. . .ئېسىڭىزدىمۇ؟» دەپ قالدى.
  ئۇ شۇ گەپ بىلەن ئارقىسىغا ئىككى قەدەم داجىپ، ماڭا غەزەپ بىلەن بىر ئالىيىۋېتىپ، مەھەللە تەرەپكە قاراپ ئاستا كەتتى.
  مەن ئېتىمغا مىنىپ روھسىز يۈرۈپ كەتتىم. شۇنداق قىلىپ، مەن تۇنجى مۇھەببىتىمدىن قۇرۇق قالدىم، كېيىن ئويلاپ باقسام، مارىيە موماينى ئىشقا سالغان چاغدا مەن بۇ تەڭداشسىز گۈزەلنى تېخى رەسمىي ياخشى كۆرمىگەنىكەنمەن، ئېھتىمال ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرمىگەنىكەنمەن، ئېھتىمال ئۇنى  ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن ۋاقتىم ئاشۇ كاۋچۇك دەرىخى ئاستىدا ئۇچراشقان چاخ بولسا كېرەك، لېكىن ئۇ چاغدا نېمە قىلىشىمنى زادى بىلمەيتتىم. . . مۇھەببەت ئىشىغا كەلگەندە، خۇددى سىلەرگە ئوخشاش مەنمۇ سەۋەنلىك ئۆتكۈزدۈم. ئەمما بۇ سەۋەنلىكىم ھامان بىر كۈنى كەچۈرۈلىدۇ. مېنى ئۆلگۈدەك تەشۋىشكە سالغان ئاشۇ كېسەل ھېلىھەم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. شۇ چاغدا مەن ئادەمگە لايىق ئىش قىلماپتىكەنمەن، مېنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇردىغىنى، مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئافىرام پوپنىڭ دوستلىقدىن ئايرىلغىنىم بولدى. . .
  بوۋاينىڭ ھېكايىسى تۈگىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن بەس - مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتۇق، ئىئورگ ئەپەندى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېدى، بىز ئۇنىڭ مەنىسىگە چۈشنىپ جىم بولدۇق. ئورمان ياڭىقىنىڭ شاخلىرى ئارىسىدىن ئاينىڭ سۈتتەك يورۇقى چۈشۈپ تۇراتتى. بوۋاي بولسا بېشىنى ساڭگىلىپ، غەمكىن ئولتۇرۇپ كەتتى. بۇ خۇش خۇي دوستىمىزنىڭ بۇ خىل ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشىمىز ئىدى.                                                                
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر