ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:دانىشمەن بېغى - ھېكايىلەر - ئەسلىگە كېلىش

ئەسلىگە كېلىش

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:55:10 كۆرۈلىشى: $$访问$$



ئەسلىگە كېلىش ( شىڭ شىنجى <ياپونىيە>)
  مەن ئېسىمگە كەلدىم، لېكىن خېلى ۋاقىتلارغىچە بۇ يەرنىڭ قەيەرلىكىنى ئاڭقىرالمىدىم. كۆزلۈرۈم نېمىدۇر بىر نەرسە بىلەن توسۇلۇپ قېلىپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەيۋاتاتتىم.
  مەن بۇ يەرنىڭ قەيەرلىكىنى ئويلاپ بېقىشقا ئەسلىيەلمىدىم. بەدىنىمنى چىرمىۋالغان ئاغرىق ئازابى پىكرىمنى بوغۇپ قويغاندەك ئىدى. بەدىنىمنىڭ ئىچى - تېشىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قاتتىق ئاغرىپ تۇراتتى، ھەتتا ئىككى يېنىمغىمۇ ئۆرۈلەلمەيتتىم. مەن تۇيۇقسىز بىئارام بولۇپ ئىنجىقلاپ كەتتىم.
  قانداق بولمىسۇن ئاخىر ئاۋازىم چىقتى. ئېڭرىغىنىمنى باشقىلارنىڭ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدىم، دەرۋەقە ناھايىتى تېزلا ئىنكاس كەلدى:
  - ھوشىغا كەلگەندەك قىلىدۇ.
  تاۋۇشنىڭ سېلىق چىققىنىدىن قارىغاندا بۇ بىر ياش ئايالنىڭ ئاۋازىدەك قىلاتتى. خۇددى نىجات يۇلتۇزۇمنى تاپقاندەك بوش ئاۋازدا سورىدىم:
  - بۇ قەيەر؟ سىز . . .
  - بۇ دوختۇرخانا، مەن سېسترا، سىز ھازىر دوختۇرخانىدا.
  ئۆي ئىچىدىن قويۇق دورا پۇراپ تۇراتتى، ئۆي ئىچى ھەددىدىن زىيادە جىمجىت ئىدى. قارىغاندا، بالنتسىدا يېتىۋاتقان ئوخشايمەن.
  - مەن قانداق بولۇپ دوختۇرخانىغا كېلىپ قالدىم؟
  - قاتناش ۋەقەسى بىلەن، سىز ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ يولنىڭ قىرغىقىدىكى سىمتاناپ تۈۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كېتىپسىز، ماشىنىغا ئوت كېتىپتۇ، پۈتۈن بەدىنىڭىز كۈيۈپتۇ. يارىڭىز ناھايىتى ئېغىر، يەنە تېخى ئۇستىخانلىرىڭىزمۇ سۇنۇپتۇ. يولدىن ئۆتۈپ ئۇستىخانلىرىڭىزمۇ سۇنۇپتۇ. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرى سىزنى قۇتۇلدۇرۇۋاپتۇ. سەللا كېچىككەن بولسا مۇمكىن بولماسكەن.
  - مەن ھوشۇمدىن كېتپىمەندە.
  - دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن سىز كۆپ قېتىم بولالمىدىڭىز. دوختۇرلىرىمىز بارلىق يېڭى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئاخىر سىزنى خەۋەپتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. تەلىيىڭىز بار ئىكەن.
  - شۇنداقمۇ؟ سىلەرگە كۆپ رەھمەت، ھايات قالغىنىمغا شۈكۈر، ئادەم ئۆلسە ھەممە ئىش تۈگىدى دېگەن گەپ. بىراق مېنىڭ كۆزۈم نېمە بولدى. مەن يەنە كۆرەلەرمەنمۇ؟
  - ئەنسىرىمەڭ، كۆزىڭىزدىكى داكىنى ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېلىۋەتسەك بولىدۇ. ئۇندىن كېيىن جاراھىتىڭىز تېڭىلغان داكىنى ئېلىۋېتىپ، سۇنۇق ئەھۋالى بىلەن ئىچكى ئەزالىرىڭىزنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، مەسىلە كۆرۈلمىسە دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. سىز ئەسلى ھالىتىڭىزگە كېلەلەيسىز.
  - ئۇنداقتا تولىمۇ ئوبدان بولاتتى.
  مەن جاراھەتلىرىمنىڭ قاتتىق ئاغرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم. سېسترا داكىنىڭ يوچىقىدىن ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئاغزىمغا سېلىپ قويدى. ئاغرىق تېزلا پەسەيدى.
  مەن چوڭقۇر ئويغا پاتتىم. شۇ ۋاقىتتىكى ماشىنا ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەمدىلىكتە ئاستا - ئاستا ئەسلەشكە باشلىدىم. مەن ماشىنىنى يېنىك ئىسقىرتقىنمچە ھەيدەپ كېتىپ باراتتىم. ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنغانىدى. ئۇزۇن مۇددەت قەلبىم ئاسمىنىدا يېيىلىپ ياتقان قارا بۇلۇت تۇيۇقسىز چىققان بوراننىڭ تەسىرىدىن تارقاپ كەتكەندەك بولۇپ، گۈيزىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتاتتى، چىرايىنى خۇشاللىق قاپلىغانىدى. . .
  گۈيزى يېقىملىق، نازاكەتلىك، ياش ھەم گۈزەل ئايال ئىدى. مېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرەتتى. مەنمۇ تېخى ياش ئىدىم، ئۆزۈمنى قەددى - قامەتلىك، كېلىشكەن يىگىت دەپ ھېسابلايتتىم. گۈيزىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم.
  گۈيزىنىڭ ئېرى بار ئىدى، قىمارلا ئوينايتتى. پۇل ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، دېگەن مەسلەككە چوقۇناتتى. بويى پاكار، دوغىلاق، لەۋلىرى قېلىن ئىدى، قېشى خۇددى ئىككى تال كېپىنەك قۇرتىغا ئوخشايتتى، مەڭزىدە بىر تارتۇقى بار ئىدى. كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى قورۇقلارمۇ كىشىنى بىزار قىلاتتى. ئۇنىڭغا قارىغان كىشىنى سۈر باساتتى. بەدىنىدىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلشتۇرىدىغان بىر خىل پۇراق چىقىپ تۇراتتى. . .
  گۈيزى ھەر قېتىم مەن بىلەن ئۇچراشقاندا، ھەسرەت بىلەن تىترەپ تۇرۇپ شۇنداق دەيتتى.
  - مەن ئۇنىڭدىن كۈنسېرى بىزار بولۇپ كېتىۋاتىمەن. مەن ئۇنىڭ پۇلىنى دەپ توي قىلىپتىكەنمەن. مۇناسىۋىتىمىز پەقەتلا ياخشى ئەمەس. تۇرمۇشۇمدا ئۈمىد دېگەن نەرسە قالمىدى.
  - ئۇ ئەبلەخ تاسادىپىي ئۆلگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى، - دېدىم مەن.
  - ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قارىغاندا ئاسانلىقچە ئۆلىدىغاندەك ئەمەس. ئەمدى مېنىڭ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. كىم بىلىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىمەنمۇ تېخى. ھەي! بىللە قېچىپ كېتەنمۇ تېخى، ھەي! بىللە قېچىپ كېتەمدۇق يا. ئىككىمىز يىراق جايلارغا كېتىپ بىللە ياشىساق.
  - مەنمۇ شۇنداق قىلىشنى ئەلۋەتتە خالايمەن. بىراق قېچىپ قۇتۇلالارمىزمۇ، ئېرىڭىز سىزدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. ھېچبولمىغاندا ئۇ پۇلىغا تايىنىپ بولسىمۇ ئادەم ياللىۋېلىپ بىزنى ئىزلەتكۈزىدۇ. ئۇ چاغدا بىز ئاسانلا پاش بولۇپ قالىمىز.
  - ئۇنداقتا قانداق قىلساق بولار. . .
  گۈيزى ھەسرەتلىك ياشلىرىنى تۆككىنچە سۆزلەيتتى، مەن بولسام دائىم گەپ - سۆز قىلماي جىممىدە تۇراتتىم. ئۇنىڭ قەلبى ماڭا تەئەللۇق بولسىمۇ، بىراق ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئازراقمۇ ئىلگىرىلەش بولمىدى. گۈيزى ھەر قېتىم يىغلاپ زارلانغاندا، مەن ئۆزۈمنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بولۇمسىز ئادەمدەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. ئىشلار ھەمىشە شۇنداق تەكرارلىناتتى.
  ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ دەرد تۆكەتتى ھەم مەندىن تەسەللى تاپاتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ تۇراتتى. بىز ئۇنىڭغا ئامالسىز ئىدۇق.
  بىر كۈنى كېچىدە مەن ئەمدىلا ئۇخلاي دەپ تۇرۇشۇمغا تېلېفون جىرىڭلىدى. تېلېفوندىن گۈيزىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى ئاڭلاندى:
  - ۋەي، ئىشنىڭ چوڭى چىقتى.
  - نېمە ئىش، ئوچۇقراق ئېيتىڭ.
  - ئېرىم ئۆيگە مەس كېلىپ، ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق مېنى ھاقارەتلىدى. مەن شۇنچە تاقەت قىلىدىم، لېكىن چىدىمىدىم. غەزىپىمنى باسالماي ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم، كېيىن. . .
  - ھازىر قانداقراق؟
   - بىزنىڭ ئۆيگە تېزراق بىر كەلسىڭىزچۇ.
   مەن ماشىنامنى ھەيدەپ ئالدىراپ - تېنەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاتلانىدىم، ئۇلار ئانچە چوڭ بولمىغان، لېكىن چىرايلىق بېزەلگەن بىر داچىدا تۇراتتى. مەن ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستىم. چىرايلىرى كۆكىرىپ كەتكەن گۈيزى چىقتى.
  - قانداقراق؟ - دەپ سورىدىم مەن.
  - ئۇ ئەنە ياتىدۇ.
  ئۇ تۇمشىقى بىلەن يان ھۇجرىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېرى كارىۋاتتا سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ ھالىتى كىشىگە ئۇخلاپ ياتقان چوشقىنى ئەسلىتەتتى. مەن سورىدىم:
  - ئۇ ئۆلدىمۇ؟
  گۈيزى بېشىنى چايقاپ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تىرىك ياكى ئۆلگەنلىكىنى ئىگىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقتىم، قولى تېخى مۇزلىمىغانىدى. بېشىنى تۇتۇپ بېقىپ تومۇرىنىڭ ئاستا سوقۇۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.
  - تېخى ئۆلمەپتۇ، يىقىلىپ چۈشكەندە بېشى قاتتىق تېگىپ كېتىپ ھوشىدىن كەتكەن ئوخشايدۇ، دەرھال دوختۇر چاقىرىتايلى،
  - بولدى، چاقىرمايلىلا. . .
  گۈيزى شۇنداق دەپلا يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېرى ھوشىغا كېلىپ قالغۇدەك بولسا ئىش تېخىمۇ يوغىناپ، ئۇنى تېخىمۇ خورلايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئازابلىق كۈنلىرى يەنە باشلىناتتى. ئۇ مۇشۇ ئىشنى ئويلاپ ئەقلىدىن ئازايلا دەپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل ھالىتى چۈشنىشلىك ئىدى.
  ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ بىر ئىش قىلىشىم كېرەك ئىدى. مەن مۇشۇنداق ئوينىڭ تۈرتكىسىدە، ياستۇقنى ئۇنىڭ يۈزىگە قويۇپ چىڭ باستىم. بىر دەمدىن كېيىن ئۇنىڭ تومۇرىنى يەنە تۇتۇپ كۆردۈم، تومۇرى سوقۇشتىن توختاپ بوپتۇ.
  - ئۆلۈپتۇ، - دېدىم مەن.
  - مەن ئاخىر ئەركىنلىككە ئېرىشتىم، - دېدى گۈيزى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك خۇشال كەيپىياتتا. بىراق ئىش تېخى بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىگەنىدى. مەن ئويلانغاچ دېدىم:
  - ئۇنى بۇنداق قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا كىشىلەر سىزدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار سىزنى ئۇنىڭ بېشىغا بىر نەرسە بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنى بىر تاسادىپىيلىق دېگەن تەقدىرىدىمۇ كىشىلەر بەرىبىر سىزنى جىنايەتچى دەپ ھېسابلايدۇ.
  ئۇ يەنە جىمىپ قالدى. كېيىنكى ئاۋارىچىلىقنى ئويلاپ يەتتىمۇ قانداق، ساراسىمگە چۈشكەن ھالدا سورىدى:
  - ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ قېچىپ كېتىش كېرەكمۇ؟
   - ئۇنداق قىلساق كىشىلەر بىزدىن تېخىمۇ گۇمانلىنىدۇ. بىز يەنە تالاش - تارتىش قىلىپ ئولتۇرمايلى. بەرىبىر قېچىپ كېتىشكە بولمايدۇ، قاچىدىغانلا بولساق كىشىلەرنىڭ گۇمانى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
  گۈيزى ماڭا تىكىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى مەن ساڭىلا تايىنىمەن، دەۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا قارشى تۇرۇپ بولمايدىغان بۇيرۇق ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ھەرىكەت قىلىشىم لازىم ئىدى.
  - جەسەتنى باشقا بىر جايغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتەيلى، شۇنداق قىلساق كىشىلەرنىڭ سۆز - چۆچەكلىرىدىن قۇتۇلىمىز، - دېدىم مەن.
   - بۇ ناھايىتى ياخشى چارە بولدى. ئەمىسە شۇنداق قىلايلى، - دېدى گۈيزى.
  ئىككىمىز جەسەتنى مېنىڭ ماشىنامغا باستۇق، يېرىم كېچە بولغاچقا ھېچكىم كۆرمىدى. گۈيزى يەنىلا تىترەۋاتاتتى. ئۇ پەس ئاۋاز بىلەن:
  - دەرھال قايتىپ كېلىڭ، مەن سىزنى كۈتىمەن، - دېدى.
  - ياق، ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. ۋەقە تىنچىشتىن بۇرۇن بىز كۆرۈشمەي تۇرايلى. ھەر ھالدا باشقىلاردىن ھوشيار بولغىنىمىز ياخشى. ئىشلار بېسققاندىن كېيىن مەڭگۈ بىللە بولىمىز. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مەيلى كىم سورىسۇن، سىز ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ، ھەرگىز چاندۇرۇپ يۈرمەڭ.
  ئىككىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆتمۈشىمىز ئۇزۇنغا سوزۇلغان يامان چۈشتەك ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇزۇنغا بارمايلا ئاخىرلاشتى.
  ماشىنىنى ھەيدىدىم. يېنىمدىكى جەسەت ماڭا بىر نېمە دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، پۈتۈن بەدىنىمنى سوغۇق تەر بېسىپ كەتتى.
  مەن ماشىنىنى ئادەم يوق خالىي بىر جايغا ئەكىلىپ توختىتىپ، جەسەتنى ماشىنىدىن چۈشۈردۈم. ئۇنى ناھايىتى يىراق جايلارغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىش ھاجەتسىز ئىدى. ئەگەر جەسەتنى قويۇق ئورمانلار ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويسام، مەسىلە ئەكسىنچە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتەتتى. مەن ئۇنى مەس كېتىۋېتىپ يېقىلىپ چۈشكەندەك ھالەت شەكىللەندۈرۈپ، شۇ يەرگىلا تاشلاپ قويدۇم. ھەر ئېھتىمالغا قارشى جەسەتنىڭ تومۇرىنى يەنە بىر قېتىم تۇتۇپ باقتىم، تومۇر ئاللىقاچان سوقۇشتىن توختاپ جەسەتمۇ مۇزلاشقا باشلىغانىدى.
  ئىشلار تۈگىدى، مەن ماشىنامنى ھەيدىدىم. مەندە بىر خىل خاتىرجەملىك ھېسسىياتى پەيدا بولدى. شۇنداقتىمۇ بۇ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئازراق قورقۇنچمۇ بار ئىدى. تېزراق كېتىش كېرەك! مەن ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتىم.
  مەن ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم. ئەمدى ياخشى بولدى، ئۇ گۈيزى بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە يەنە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. بۇندىن كېيىن ئىككىمىز باشقىلارنىڭ سېزىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.
  قەلبىمنى خۇشاللىق قاپلىدى. مەن ئىسقىرتىپ كېتىۋېتىپ سۈرئەتنى يەنىمۇ تېزلەتتىم. خۇددى ماڭا ھەممە ئىشلار ئاسانلىشىپ كەتكەندەك ماڭا ھەممە ئىشلار ئاسانلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى. . .
  دەل شۇ چاغدا ھادىسە يۈز بەردى . . . ھازىر ھوشۇمغا كەلدىم.
  مەن ئۇنى دەرماللىققا كۆرەلمەيتتىم. بىراق ئۇنى ئىزلەپ كېلىپ ئەھۋال ئىگىلەيمىز دەپ چارچىتىۋەتكەندۇ تايىنلىق. يەنە ئازراق ۋاقىت ئۆتكىنى ياخشى.
  بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئاستا - ئاستا ئەسلىمگە كېلىشكە باشلىدىم. كۆزۈمدىكى داكىمۇ ئېلىۋېتىلدى.
  بىراق پۈتۈن بەدىنىم يەنىلا داكا بىلەن ئوراقلىق ئىدى. پۇت - قولۇمنىڭ ھەممىسى تاشتەك قاتۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، بەدىنىمنى مىدىرلىتالمايتتىم. تېلېۋىزور كۆرگەن ۋاقىتلىرىمدا كۆزۈمنى يۇمغىنىمچە گۈيزىنىڭ ئىشلىرىنى ئەسلەيتتىم.
  ئۇستىخان ۋە تېرىلىرىمنىڭ كۆيۈكتىن ئاغرىش ئازابى خېلى يېنىكلىدى. ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىمۇ ئازايتىلدى. كېسىلىمنى داۋالاشقا مەسئۇل باش دوختۇرمۇ مېنىڭ تېزلا ئەسلىمگە كەلگەنلىكىمنى ئېيتتى.
  گۈيزى بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكىم بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. بالنتسىدا يېتىۋاتقانلىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەممۇ ھېچۋەقەسى بولماس. مەن سېسترادىن گۈيزىغا تېلېفون بېرىپ بېقىشنى ئۆتۈندىم.
   - مەن ھەر كۈنى سىز بىلەن بۇرۇنراق كۆرۈشۈشنى ئويلۇدۇم، بىراق سىز بىلەن ئالاقىلىشقا ئامال تاپالمىدىم. مەن بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. بىلگەن بولسام بۇرۇنراق سىزنى كۆرگىلى كەلگەن بولاتتىم.
   - ھېچ ۋەقەسى يوق. كىشىلەر سىزدىن گۇمانلىنپ يۈرمىگەندۇ؟
  - ھېچ ئىش يوق، چۈنكى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى كۆپ، كىشىلەر بەلكىم بۇنىمۇ ئۇنىڭ ئۆلىشىدىكى بىر سەۋەب دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. خەۋپسىزلەندۈرۈش پۇلىنىمۇ بەردى. مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش رەسمىيتىنىمۇ بېجىرىپ بولدۇم. ئەمدىكى ئىش ئىككىمىزنىڭ بىللە بولۇشى. . .
  - مەن ھەمىشە بۇ ئىشلار بېسىققاندىن كېيىن مېنى ئۇنتۇپ كېتەرسىزمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن.
  - نېمىلەرنى دەۋاتسىز، - گۈيزى خاپا بولدى، - ئۇنداق ئىش يوق. ئوتتۇرىمىزدا تېخى ئورتاق جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئىشىمىزمۇ بار تۇرسا. بۇ ئىش بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ.
  - مېنىڭ سىزنى تولىمۇ كۆرگۈم كەلگەنىدى.
  - مېنىڭمۇ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى بۇرۇنراق ئاڭلىغۇم بار ئىدى.
  ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ يۈزىنى يېقىنلاشتۇردى.
  بىراق جاراھەتلىرىم تېڭىلغان داكا، تېرىلىرىمىزىنىڭ تېگىشىگە توسقۇن بولۇۋاتاتتى. شۇ تاپتا گۈيزى بىلەن ئىككىمىز ئوخشاشلا تاقەتسىزلىنىۋاتاتتۇق.
  بۇ چاغدا دوختۇر سېسترانى باشلاپ كىرىپ:
  - ئەمدى داكىنى ئېلىۋەتسەك بولىدۇ. يوقلاپ كەلگۈچى ئۇدۇلدىكى ئۆيدە ساقلاپ تۇرسۇن، - دېدى.
  گۈيزى يېنىمدا قېلىپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇۋالدى.
  - مەن بۇ يەردە تۇرىۋەرسەم بولمامدۇ. مەن ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەن ھالتىنى تېزراق كۆرۈشنى خالايمەن، - دېدى ئۇ.
  دوختۇر قوشۇلدى. ئۇ قايچىنى مېنىڭ بېشىمنى ئوراپ تۇرغان داكىغا سالدى. داكا ئاز - ئازدىن ئېلىۋېتىلدى.
  گۈيزى چەكسىز مۇھەببەت ۋە ئىنتىزارلىققا تولغان كۆزىنى ماڭا تىكتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن مەن تولىمۇ رازى بولدۇم ھەم خۇشال بولدۇم.
  لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا گۈيزى گۇمانلىنىۋاتقاندەك بىر خىل ھالەتكە كۆچتى. يەنە ئازراق داكا ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، قارىچۇقلىرى يوغىناپ كەتتى.
  - ئاھ خۇدا! ئۇ قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغاندۇ، - دېدى ئۇ چىرقىراپ.
  بۇ باش - ئاخىرى يوق چۈشنىسىڭسىز سۆز ئىدى. ئۇنىڭ خۇددى ساراڭدەك چىرقىرىغان ئاۋازى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى. دوختۇرخانىدىكىلەر ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
  مەن خاتىرجەم بولالماي دوختۇردىن سورىدىم:
  - نېمە بولدى؟ مېنى داۋالاشتا مەغلۇپ بولمىغانسىز؟
  - نەدىكىنى، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. تولۇق مۇۋاپپەقىيەتلىك بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.
  سېسترا ئەينەكنى ئالدىمغا ئەكەلدى. ئەمما ئەينەكتە كۆرۈنگىنى مەن ئەمەس، لەۋلىرى قېلىن، قېشى كېپىنەك قۇرتىغا ئوخشايدىغان، يۈزىدە تارتۇقى بار، كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان ئەللىك ياشلاردىكى بىر ئەرنىڭ چىرايى تۇراتتى. ئۇ مەن ماشىنىغا بېسىپ يولنىڭ بويىغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتكەن ھېلىقى ئادەمنىڭ چىرايى ئىدى.
  بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. مەن چوقۇم چۈش كۆرۈۋاتىمەن ياكى خىيالى تۇيغۇ ئىچىدە تۇرۇۋاتىمەن. چوقۇم شۇنداق! مەن زورمۇ زور كۈلدۈم. ئەينەكتىكى ھېلىقى ئاللىقاچان ئۆلگەن ئەرنىڭ چىرايىمۇ ماڭا قاراپ كۈلدى. . .
  مەن قاتتىق ۋارقىراپ تاشلىدىم ھەم ئۆزۈمنى يوقىتىپ ئەسەبىيلەشتىم. دوختۇر ماڭا تىنچلاندۇرۇش ئۇكۇلىنى سالغاندىن كېيىنلا، ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە روشەنلەشتى. دوختۇر ماڭا مۇنداق دېدى:
  - سىزنىڭ يارىڭىز ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، يۈز قىسمىڭىز پەرق ئەتكۈسىز دەرىجىدە جاراھەتلەنگەنىكەن. بىز تېرە يۆتكەش ئوپېراتسىيىسىنى قوللاندۇق. ھېلىمۇ ياخشى شۇ چاغدا بىرى بىزنى يۈز قىسمىنىڭ تېرىسى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۇ يول بويىدا ئۆلگەن بىر ئەرنىڭ يۈز تېرىسى ئىدى. بىز ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئالاقىلىشىپ دەرھاللا ماقۇللىقنى ئالدۇق. . .
  تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. مەن خامۇش ھالدا، گۈيزى بەلكىم ئشىلارنىڭ بۇ دەرىجىگە يېتىپ بېرىشىنى ئويلمىغان بولغىيىتتى، دەپ ئويلىدىم. دوختۇر تېرە يۆتكەش ئوپېراتىسيىسىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىكى بولغانلىقىنى بىر ھازاغىچە ماختاپ يەنە مۇنداق دېدى:
  - ئەگەر مۇشۇنداق قىلمىغان بولساق سىزنىڭ يۈزىڭىزنى داۋالاپ ساقايتالمايتتۇق. بەلكىم كۆرۈمسىز، يىرگىنىشلىك ھالەتكە كېلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. سىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنسىز. چىرايىڭىز ئەلۋەتتە، تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزدىكى تەبىئىي ھالەتكە كەلمەيدۇ. بەلكىم سىز ھازىرقىدەك مۇشۇ قىياپىتىڭىز بىلەن كىشلەر توپىغا قوشۇلۇپ كەتسىڭىز ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە روھى چۈشكۈنلۈك ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيسىز. مەن سىزنىڭ تىرىشچانلىق كۆرستىپ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بوي سۇنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ھاياتىڭىز خۇشاللىققا تولسۇن، ئىشنىمەنكى، ئۇزۇنغا بارمايلا ئادەتلىنىپ قالسىز، خۇشال ياشايدىغان بولىسىز. . .                               
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر