ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:دانىشمەن بېغى - ھېكايىلەر - قىممەتلىك تاشلاندۇق مىراسلار

قىممەتلىك تاشلاندۇق مىراسلار

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:54:52 كۆرۈلىشى: $$访问$$



 قىممەتلىك تاشلاندۇق مىراسلار
 ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەردىن قالىدىغان نەرسىلەرنى مەرھۇمنىڭ مىراسى دەمدىغاندۇ ياكى باشقىچە ئاتامدىغاندۇ؟ بۇ نەرسىلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغاندۇ؟ ئۆلگۈچىدىن نېمىلەر قالىدىغان بولسا، ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ ئېدىتلاپ، ئىسىملىرى بىلەن قەغەزگە يېزىپ قويامدىغاندۇ؟
  ئۇ بۇ تەرەپلىرىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى، چۈنكى ئۆزىدىن قالىدىغان نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى باشقىلار بىلىدۇ دەپ ئويلىمايتتى. دەرۋەقە، باشقىلارغا نىسبەتەن بۇ مىراسلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ قەغەزگە يازغۇدەك قىممىتى يوق ئىدى... ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى كۆرگەنسېرى ھەيران بولاتتى، ھەيران بولغانسېرى قارىشاتتى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تاشلاندۇق دېگۈدەك نەرسىلەر ئىدى. مەرھۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇلارنى ساندۇقلاردا، ئىشكاپلاردا، تېرە مۇقاۋاىلاردا، ئەينەك قاچىلاردا ساقلىغىنىنى ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلارنى ئەيىبلىگىلىمۇ بولمايتتى.
  دەرۋەقە، تاشلاندۇق دەپ قارىلىدىغان ئاشۇ نەرسىلەر مەرھۇمنىڭ دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلىرى ئىكەنلىكىنى باشقىلار نەدىن بىلسۇن؟ بەلكىم ئۇ نەرسىلەر شۇنداق قىممەتلىكتۇر، بىراق كىمگە نىسبەتەن؟ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان ئۆزىگە نىسبەتەن ئىنتايىن قىممەتلىك ھەمدە بىباھا گۆھەر - دە...
  ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىدىن قالغانلارنى كىملەر ئېدىتلاپ، كىملەر بىر تەرەپ قىلار؟ ئۈچ كىشىمۇ، بەش كىشىمۇ؟ بالىلىرىمۇ، نەۋرىلىرىمۇ؟ ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنلىرىمۇ، ئۇرۇق جەمەتلىرىمۇ؟ ياخشى -يامان كۈنلەردە بىللە بولغان دوستلىرىمۇ؟ ھايات ۋاقتىدا بىللە ئويناپ - كۈلگەن يار - بۇرادەرلىرىمۇ؟ ياكى ھايات ۋاقتىدا دىدارىنى كۆرۈپ باقمىغان ھۆكۈمەت كىشىلىرىمۇ؟ئۇ بالدۇرراق ئۆلۈپ كەتكەن بولسىدى، ئۇلارنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىدىن قالغان نەرسىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمىگەن بولاتتى، چۈنكى ئۇ چاغدا بۇ ئىشنىڭ ئۈستىدە بولمايتتى. ئەكسىچە، ھايات بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ ئۈستىدە بولسا، ئۇ تاشلاندۇقلار ئوتتۇرىغا يېيىلغاندا ئىنتايىن خىجالەت بولاتتى. بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەننىڭ بىر پايدىسى، كىشى ھايات ۋاقتىدا ئىنتايىن قەدىرلىگەن نەرسىلەرگە، ئۆلگەندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ھېچ ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى كەمسىتىشلىرىنى كۆرمەيدۇ. ھېچبولمىغاندا، بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئۈچۈن ئاجايىپ مۇقەددەس بولغان سىرلىرىنىڭ، يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەدىيەلىرىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلغانلىقىنى ۋە ئۇ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنىڭ كەسمىتىلىپ بىر چەتكە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خىجالەت بولمايدۇ...
  ئۆلگۈچىدىن قالغانلارنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلرغا كەلسەك، ئۇلار كىملەر بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر، بۇ نەرسىلەرنى كۆرگىنىدە، شۇنچە يىل ئۆمۈر كۆرگەن بىر ئادەمدىن ئاران مۇشۇلار قاپتۇمۇ دەپ ھەيران بولۇشىدۇ. بەلكىم ئۇلار بۇ سۇنۇق، پۇچۇق، ئەسكى - تۈسكى نەرسىلەر، خەت يېزىلغان قەغەز پارچىلىرى، تازىلىق قەغەزلىرى، تاماكا ۋە دورا قاپچۇقلىرى ۋەھاكازالارنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىشار... ياق، بۇنداق قىلالماس. چۈنكى بۇ ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنى يەنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي قىممىتى بولمىغان تاشلاندۇقلارنى ئۇلار ئاجايىپ ياخشى ساقلانغان يەرلەردىن، مەسىلەن، نەقىشلىك بىر قۇتىدىن، پىىل چىشىدىن ياسالغان يەنە بىر قۇتىدىن، كۈمۈشتىن ھەل بېرىلگەن بىر قاچىدىن، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان يەنە بىر قاچىدىن، سەنئەت قىممىتى يۇقىرى بىر كومزەكتىن، ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەن بىر تېرە مۇقاۋا ئىچىدىن ... تاپقان - دە!
  ئېيتايلۇق، بىر يۈرجىكىگە گۈل چېكىلگەن، ئەمما بىر نەچچە قېتىم يۇيۇلغان، پۇرلىشىپ كەتكەن كىچىككىنە ئاق قولياغلىق...قولياغلىقنىڭ يېنىدا ئۈچ تال قۇرۇغان قىزىل قەلەمپۇر گۈلى ... ئۈستىگە گۈل ئىشلەنگەن لېكىن قىزغۇچ شاراپ دېغى بىلەن كىرلەنگەن بىر ياپقۇچ - بۇ ياپقۇچنى سىلكىسە، ئۇنىڭدىن قىرىق - ئەللىك يىللىق توپا - چاڭ تۆكۈلىدۇ - ... نەقىشلىك كىچىك قۇتىدا بىر تۇتام قوڭۇر رەڭ چاچ... كىچىككىنە بىر تۇمارچە قۇتا... ئۇچالاۋېرىپ كۆتمەك بولۇپ قاغان بىر قېرىنداش...ئىچىدە سوپۇن يالاندىسى بار  بىر سۇنۇق سوپۇن قۇتىسى، قۇتىنى ئاچسا ئۇنىڭدىن يىگىرمە يىللىق سوپۇن پۇرىقى تارقىلىدۇ ... بىر پىيالە ئىچىدە كۆزى ئاجراپ كەتكەن ئۈزۈك...كىتاب ۋاراقلىرى ئارىسىدا ھەرخىل قۇرۇتۇلغان گۈللەر، يوپۇرماقلار...ئىشلىنىپ بولغان ئايروپىلان، پيىز بېلەتلىرى...باغچە، كىنو، تىياتىرلارنىڭ ئىككى كىشىلىك بېلەتلىرى...بىر مۇنچە كونۋېرتلاردىكى مەكتۇپلار...خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەن ئارخىپلار...ئەللىك - ئاتمىش يىللار ئالدىكى مېھمانخانىنىڭ ئىش قەغەزلىرى... يېڭى يىل ئاتكىرېتكىلىر...رەسىملەر... ماركىلار، ھەر خىل تۈگمىلەر...گېزىتلەردىن قىيىۋېلىنغان ماقالىلەر... بىر دانە ئاياللارنىڭ چاچ قىسقۇچى ۋە بىر يەلپۈگۈچ...
  مانا بۇلارنىڭ قىممىتىنى باشقىلارنىڭ چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس ۋە چۈشەنگۈدەك قىممىتىمۇ يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدە ھاياتلىقنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ئىزناسى بار.
  مەيلى قانداق بولسۇن، ئۆلگۈچىنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ، ئۇرۇق جەمەتلىرىگىمۇ، دوست - بۇرادەرلىرىگىمۇ ياكى زادى تونۇمايدىغان بىر توپ ھۆكۈمەت كىشىلىرىگىمۇ ئەسقاتمايدىغان، توپا - چاڭ ئۇۋىسى بولۇپ ئۆينى بەند قىلىپ تۇرىدىغان بۇ ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشىسى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش ھەتتا كۆيدۈرۈپ يوقىتىۋېتىش كېرەك.
  ئۇنىڭچە بولغاندا، ئەڭ قىممەتلىك مۈلكىم دەپ قارىغان بۇ نەرسىلىرىنى ئۆلۈمىدىن كېيىن باشقىلارنىڭ كۆرۈپ كەمسىتىشىگە، مەسخىرە قىلىشىغا ۋە ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىشىغا يول قويمايتتى. پەقەت كېيىنكى چاغدا مۇشۇنداق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزى ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ھېچكىم تاپالمايدىغان قىلىپ كۆيدۈرۈۋېتەلەيتتى. بىراق، ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنى كۆيدۈرۈشكە ھەرگىز كۆزى قىيمايتتى، چۈنكى ئۇلار تامامەن ئۇنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىۋېتىش ئۆزىنى يوقاتقانلىقى بولاتتى. ئۇلارنى ئۆزى ئەلەمدىن ئۆتۈشتىن سەل ئىلگخرى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ دېگەندە، ئەجەل بۇنىڭغا پۇرسەت بېرەمدۇ؟ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسىچۇ؟...
  مۇبادا تۇيۇقسىز ئەجەل كېلىپ، ئۆمۈر بويى يىغقان شۇنچە قىممەتلىك مۈلۈكلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە ئۈلگۈرمەي بۇ ئالەمدىن كەتسە، ئۇ چاغدا ئۆزىدىن قالغان ئۇ نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلاردىن روھى خىجالەت بولىدىغان گەپ. گەرچە ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئۆزى بىلسىمۇ، لېكىن بۇ خىجالەتچىلىكنى ھايات ۋاقتىدا ھېس قىلىدىغان گەپتە.
  كۆيدۈرەلىسە، كۆيدۈرۈۋېتىشكە ئۈلگۈرەلىسە، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىزىنى قالدۇرماسقا كۆڭلى ئۇنايتتى ۋە كۆيدۈرۈلگەن ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ گۈللىرىنى ناھايىتى چىرايلىق بىر چىنە پۇڭ ئىچىگە سېلىپ ساقلىغان بولاتتى. بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۇ چاغدا چىنە پۇڭنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نېمىنىڭ كۈلى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. ئۇلار بۇ كۈللەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق بىر ئۆمۈرنىڭ خۇشاللىق ۋە خاپىلىقىلىرىدىن، كۈلكە ۋە كۆز ياشلىرىدىن، بەختىيارلىق ۋە قايغۇ - ھەسرەتلىرىدىن، ئالداش ۋە ئالدىنىشلىرىدىن، ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىكلىرىدىن قالغان ئۆمۈر يەكۈنى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتىمۇ؟ مانا بۇلارنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمەيتتى. دە ... ھېلىمۇ ياخشى بىلەلمەيدىكەن، ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ دەۋردىن يىراقتا قالغانلىقى ۋە نادانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشەتتى.
  ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرىنى قويماي كۆيدۈرۈۋېتىپ، بىر چىنە پۇڭ ئىچىدە نېمىلىكى ۋە نېمىنىڭ كۈلى ئىكەنلىكى نامەلۇم ئاشۇ كۈلدىن باشقا ھېچنەرسە قالدۇرمىغان تۈزۈك. لېكىن ئەجەل ئۇنىڭغا پۈتۈن ھاياتىنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شۇ پۇرسەتنى بېرىشكە مەردلىك كۆرسىتەرمۇ؟ ئەپسۇس، ئەجەل ئۇنىڭغا شۇنچىلىك بولسىمۇ خەيرخاھلىق قىلسىكەن!
  ئۇنىڭ سۆيگۈنى ياشايدىغان شەھەرگە تۇنى كېلىشى ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى. مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپلا سۆيگىنىگە تېلېفون بەردى. سۆيگىنى شۇنداق خۇشال بولدىكى، ئۇنىڭ دەرھال ئۆيىگە كېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئۇنىڭ ئادرېسىنى بىلەتتى، شۇنداقتىمۇ كېلىدىغان يولنى ئېنىق ئېيتىپ بەردى. ئۇ تاكسىغا ئولتۇرۇپ، شوپۇرغا ئادرېسىنى ئېيتتى.
  يول بويى ئۇ ناھايىتى خۇشال ئىدى. بۇ خۇشاللىق ئايرىلغىنىغا سەككىز ئاي بولغان سۆيگۈنى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭدىن باشقا، سۆيەۈنى ياشاۋاتقان مۇھىتنى يەنى ئۇنىڭ تۇتقان ئۆيى، مېھمانخانىسى، ھۇجرىسى، ئاشخانىسى، ئىشخانىسى، ئۈستىلى، تاملاردىكى رەسىملەر، ياستۇقلىرى، ئورۇن - كۆرپىلىرىنى...ئومۇمەن ئۇنىڭ قانداق مۇھىتتا قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىنچى قېتىم بېرىشى ئىدى. ئىش ئۈستىلى، كىيىنم ئىشكاپى، كىتاب جاۋەنلىرى، كىتابلىرى، گۈللىرى، گىلەملىرى ... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سۆيگۈنىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. چۈنكى كىشىلەر ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە ماكاندىن ئايرىلسا، ئادەم سىياقىدىكى قانداقتۇ بىر مەخلۇق بولۇپ قالىدۇ - دە... ئىنساننى مەخلۇقتىن پەرقلەندۈرىدىغان نەرسە ئۇ ياشىغا مۇھىتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئوقۇغان كىتابلىرى، گۈل قاچىسىدىكى گۈللىرى، سۇ ئىچىدىغان چىنە - قاچىسى ... قىسقىسى، پۈتۈن بېساتلىرى ئۇنى مەخلۇقتىن ئايرىپ تۇرىدۇ.
  ئۇ سۆيگۈنىنى ياشىغان ماكانى ئىچىدە، ئۆي بېساتلىرى بىلەن بىر پۈتۈن ھالدا كۆرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشنى ئويلايتتى.
  ئۇ سۆيەۈنى تۇرىدىغان بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىگە چىقىپ، ئۆينىڭ قوڭغراق كۇنۇپكىسىنى باستى. ئىشىك دەررۇ ئېچىلىپ سۆيگۈنى ئالدىغا چىقتى. ئۇلار قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى. مېھمانخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇ بېساتلارنى ئىنچىكىلەپ كۆزەتتى. دېمەك، سۆيگۈنى ئۇ ياقتۇرىدىغان بۇ سافالاردا ئولتۇرىدىكەن، بۇ ئۈستەلدە ئىشلەيدىكەن، مانا بۇ ئورۇندۇقى... تاملاردا رەسىم، ئىشىك، دېرىزىلەردە پەردىلىرى، گۈل قاچىلىرىدا گۈللىرى...
  ئۇلار شاراب ئىچىشتى. سۆيگۈنى كەچلىك زىياپەت ئۈچۈن سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇ بىئارام بولدى. چۈنكى سۆيەۈنىنىڭ چىنە - قاچىلىرى ۋە ھۇجۇرىسىنى كۆرمەكچى، ھېچبولمىغاندا ئاشخانىسىغا كىرىپ باقماقچى ئىدى. بىراق، سۆيەۈنى ئۇنىڭ ئالدىنى توستى. ئۇ ئاشخانىسىنى كۆرسىتىشنى خالىمايتتى. ھۇرىسىنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلارمۇ؟ ئۇ يەرگىمۇ كىرەلمەيدىغىنىنى بىلدى. دېمەك، بۇ كېچە ئۇنىڭ ئۆيىدە قونالمايتتى... ھاجەتخانىسىغا كىرىشكە يا ماقۇل، يا ياق دېمىدى. ھاجەتخانا بىلەن مۇنچا بىر يەردە ئىدى. مۇنچا كىيىمى، لۈڭگە، سوپۇن، ئەتىر، گىرىملىرى ۋە بىر مۇنچە قۇتىلار، بوتۇلكىلارنى كۆرگەن بولدى.
  ھە...ھېلىقى سۇنۇق سوپۇن قۇتىسىنى دەمسىز؟ بىر چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىر مېھمانخانىدا بىر ياتاقتا ياتقانىدۇق. تاڭ ئاتقۇچە كۆز يۇممىدۇق. مۇنچىغا ئاۋۋال ئۇ چۈشتى، ئاندىن مەن كىردىم ۋە ئۇنىڭ سوپۇنى بىلەن يۇيۇندۇم. ئۇ مېنىڭ خاتىرىلىرىمنىڭ بىر قىسمى بولغان كىچىك ھەدىيەلەرگە قىزىقىدىغانلىقىمنى بىلەتتى. شۇڭا ناشتا قىلغىلى چۈشۈش ئالدىدا، ئىككىمىز بىللە ئىشلەتكەن سوپۇننى قۇتىسىغا سېلىپ ماڭا بەردى. ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ سۆيۈپ قويدۇم. ئايروپىلاندا كەلگۈچە سومكامغا سېلىۋالغان ئۇ سوپۇن قۇتىسى بېسىلىپ بىر بۈرجىكى دەز كېتىپتۇ. مېنىڭچە ئۇنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشقانىدى. چۈنكى ھەربىر سۇنۇق، ھەربىر دەز، ھەربىر ئىز، ھەربىر داغ، ھەربىر تاتۇق تۇرمۇشتىكى بىر ئالاھىدىلىكنىڭ بەلگىسى ئىدى. ھېلىقى بىر بۈرجىكى دەز كەتكەن قوڭۇررەڭ سوپۇن قۇتىسى ماڭا ئاشۇ كۆڭۈللۈك كېچىمىزنى ئەسلىتەتتى. ئۇ ھېچقانداق ۋاقىتلارغا ئوخشىمايدىغان بىر كېچە ئىدى. بۇ بەلكىم ئىككىمىز ئۈچۈن ھەتتا پەقەت مەن ئۈچۈنلا شۇنداقتۇ.
  دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر مۇزېيلارنىڭ كۆپىنى كۆردۈم، بىراق ھېچقايسىسىدا بۇ دەز كەتكەن سوپۇن قۇتىسىدىنمۇ قىممەتلىك بىرەر نەرسىنى ئۇچراتمىدىم. ئۇنىڭ قىممىتىنى بۇ جاھاندا مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممە كىشى ئۈچۈن ئەمەس، بىرلا كىشى يەنى مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ئىدى...
  ئاھ...ھېلىقى بىر بۈرجىكىگە گۈل چېكىلگەن كىچىككىنە ئاق قولياغلىق. ئۇنى ماڭا بەرگەن سۆيگۈنۈمنى ھەممە كىشى مەرۋايىتقا ئوخشىتاتتى. ئۇ زىل ئاۋازى، چاققان ھەرىكەتلىرى ۋە شېرىن سۆزلىرى بىلەن لىۋەنلىكنىڭ سىمۋولى دېسە بولىدىغان بىر گۈزەل ئايال ئىدى. مەن ئۇنى >خانىشىم< دەيتتىم. بىز بىر يامغۇرلۇق كېچىسى چوڭ يولدا كېتىۋاتاتتۇق، ئۇنىڭ بىر قولى ئالىقىنىمدا ئىدى. تۇيۇقسىز، بىر قانچە قېتىم چۈشكۈزۈپ كەتتىم. ئۇ دەرھال سومكىسىدىن ئاشۇ قولياغلىقنى ئېلىپ ماڭا بەرگەنىدى، ئۇنى تۇتۇشقا كۆزۈم قىيماي ساقلاپ قويغانىدنم.
  ھېلىقى نەقىشلىك قۇتا ئىچىدىكى بىر تۇتام سۇس قوڭۇررەك چاچلار يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرەە قەدەم قويغان بىر كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئوتتۇرا ئەسىرنى ئەسلىتىدىغان سىرلىق خاتىرە ئىدى، ئۇ كىشى بولسا مەن! ئۇ بىر تۇتام چاچ ئۆتمۈش چاغلىرىمنىڭ قايتا كەلمەس ئەڭ كۆڭۈللۈك بىر قىسمىنى ئەسلىتىدۇ...ئۇنى ماڭا سۆيەۈنۈم يىغلاپ ئايرىلغان بىر كېچىنىڭ سەھىرىدە يادىكار قىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ قېتىم سورىساممۇ بەرمىگەن بۇ تەڭدىشى يوق قىممەتلىك سوۋغاتنى ئالغىنىمدا، خۇشاللىقتىن يۈرىكىم چىقىپ كېتەي دەپ قالغانىدى. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتتى. قاچانلا ئۇ قۇتىنى ئېچىپ ھېلىقى چاچنى كۆرسەم يۈرىكىم ئاجايىپ ھاياجان بىلەن سوقۇپ اكېتىدۇ. دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر مۇزېيلاردىكى قايسى خاتىرە بۇيۇملار ئېكسكۇرسىيىچىلەرنى بۇنداق ھاياجلاندۇرالىسۇن!
  كىچىككىنە قالغان بۇ كۆتمەك قېرىنداشمۇ؟ ئۇ ئالتە قىرلىق يېشىل قېرىنداش ئىدى. سۆيگۈنۈم ئۆز يۇرتىغا قايتىش ئالدىدا خوشلاشقان ئەتىگەنلىكى ۋوگزالغا باردۇق. پويىزنىڭ مېڭىشىغا بىر ئاز ۋاقىت بار ئىدى. ۋوگزالنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى ماگىزىنلارنى ئارىلاپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتاتتۇق. يەنە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان جۇدالىقنى ئويلاپ، ئىككىلىمىزنىڭ ئۈنىمىز ئىچىمىزگە چۈشۈپ جىم بولۇپ كەتكەنىدۇق. گۈل ساتىدىغان بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە، ئىشكاپنىڭ ئەينىكىگە چاپلانغان قەغەزدىكى سۆزلەرنى خاتىرىلىۋالاي دەپ يېنىمنى ئاختۇرسام قەلىمىم يوق. ئۇ سومكىسىدىن ھېلىقى كۆتمەك قېرىنداشنى ئېلىپ بېرىپ، >سىزدە قالسۇن...< دېدى. كېيىن ۋوگزال سۇپىسىغا چىقىپ ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئولتۇردۇق. پويىز كەلگۈچە قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈپ تۇرغىنىمىزدا، گويا ئۇ يەردە يالغۇز ئىككىمىزدىن باشقا ھېچ ئىنسان يوقتەك، كۆزىمىزگە ھېچنەرسە كۆرۈنمىگەنىدى. پويىز كەلدى، يەنە ئۈنىمىز ئىچىمىزگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ پويىزغا چىقىپ دېرىزىدىن ماڭا قاراپ تويمايتتى. پويىز قوزغىلىپ كۆزدىن غايىب بولغۇە بىر - بىرىمىزگە قوللىرىمىزنى پۇلاڭلاتتۇق. ھېلىقى كۆتمەك قېرىنداش ماڭا ھاياتىمنىڭ ئاشۇ بەختلىك مىنۇتلىرىنى ئەسلىتىدۇ. دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بولغان بۇ قېرىنداشنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان مەندىن باشقا ھېچكىم يوق. ئۇ كۆتمەك قېرىنداشنىڭ قىممىتىمۇ مانا مۇشۇ يەردە.
  ھېلىقى قۇرۇغان گۈلچۈ؟ ئۇ ەلۈنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن، ئۇنىڭغا ئۆزۈمچە بىر ئىسىم قويۇپ قويساممۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئەۋرىشىم دېگەندەك ... بىر قېتىم سۆيگۈنۈم بىلەن ئارالغا بارغانىدۇق. ھاۋا ئىسسىق ۋە شاماللىق ئىدى. سۆيگۈنۈم شامالدا چاچلىرىم چۇۇلمىسۇن دەپ بېشىغا يىپەك ياغلىقنى تېڭىۋالغاندا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىاتقىنىمىزدا دەرۋازا ئەگمىسىگە زىچچىدە ياماشقان يۆگۈمەچ گۈللەرگە كۆزىمىز چۈشتى. سۆيگۈنۈم ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ئۇ كۆكۈش گۈللەردىن بىر تۇتام ئۈزۈۋېلىپ، بېشىدىكى يىپەك ياغلىقىغا ئورىۋالدى. پاراخوت بىلەن قايتىشىمىزدا ئۇ گۈلنى ماڭا ھەدىيە قىلغانىدى. رەڭگى ئۆڭۈپ قۇرۇپ كەتكەن ئۇ گۈلدە مەن ھاياتىمنىڭ بىر كۆڭۈللۈك كۈنىنى ساقلاپ قويدۇم. بۇ گۈلگە ھەربىر قارىغىنىمدا، ئۇنىڭدا مەندىن باشقا ھېچكىم ئوقۇيالمايدىغان بىر مۇھەببەت رومانىنى ئوقۇيمەن.
  زەڭگە لېنتا بىلەن باغلانغان ئۇ تېلېگراممىلارنى دېسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۆيگۈنۈمدىن كەلگەن ۋە كۆپىنچىسى تۇغۇلغان كۈنۈمنى مۇابرەكلەپ ئەۋەتىلگەن. ئېلىڭ، ئۇلاردىن بىرىنى ئوقۇپ باقايلى: >سىزنى كۆپتىن - كۆپ ئويلايمەن، سىزنى سۆيىمەن، سېنتەبىردە بارىمەن، سۆيگۈلىرىم بىلەن...<
  قاراڭ، تېلېگراممىغا بىر تال يىڭنە مىخ بىلەن تىكىپ قويغان قەغەزگە مۇنداق يېزىپتىمەن:>10 - ئاۋغۇست، سائەت 20:10 دە پوچتىچى ئەكېلىپ بەردى. ھارغىن كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە بىردىن ۋە زادى كۈتمىگەن يەردىن ئېچىلغان بىر خۇشاللىق گۈلى! شۇنداقمۇ، ئەمەسمۇ؟ راستمۇ، يالغانمۇ؟ سەمىمىيمۇ، ساختىمۇ؟ ئىشىنىپمۇ، ئىشەندۈرۈپمۇ؟ مانا بۇلارنى ئويلاشنىڭ، بىكاردىن بىكار گۇمانلىنىپ، بۇ خۇشال كۆڭلۈمنى غەش قىلىشنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق. شۇ تاپتا بەختلىكمەن. چۈنكى ئۇنىڭ تېلېگراممىسى ئىچكى دۇنيايىمنىڭ بۇ قاراڭغۇلۇقلىرىغا يۇلتۇزلاردەك نۇر چاقنىتىپ ئۇچۇپ كەلدى ۋە مېنى خۇشال قىلدى.
  قايسى شاھنىڭ، قايسى خاننىڭ پەرمانى ۋە قايسى تارىخىي ئىسپات مەن ئۈچۈن ئۇ تېلېگراممىغا قوشۇپ قويغان خاتىرەمدىنمۇ قىممەتلىك بولسۇن!
  ھېلىقى كۆزى ئاجراپ كەتكەن ئۈزۈكنى دەمسىز؟ ئۇ ئۈزۈك ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بارمىقىدا ئىدى. ئۇ رەڭدار جا ياقۇت كۆزلۈك، پۇلىمۇ ئەرزان بىر ئۈزۈك ئىدى. ئۇنى ئالغا ۋاقتىمىزدا سۆيگۈنۈم قولىغا سېلىپ بېقىپ، >قاراڭ، نېمىدېگەن چىرايلىق...< دېگىنى زادى يادىمدىن چىقمايدۇ. ئۇنىڭ قولىنى ئالىقىنىمغا ئېلىپ بارماقلىرىنى سىلاۋاتاتتىم، ھېلىقى ئۈزۈكنىڭ كۆزى ئاجراپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەينى ئۆزىدەك ئۈزۈكنى كۆپ ئىزدەپ تاپالمىدىم، شۇڭا ئۇنى ئاجرىغان پېتى خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويدۇم. ئۇ ئۈزۈككە قارىغىنىمدا، تېخىچە ئۇنتۇلمىغان مۇھەببەتنىڭ زادى سوۋۇمىغان ھارارىتىنى ھېس قىلىمەن. ئارخېئولوگىك قېزىلمىلاردىن چىققان ھېچقانداق زىبۇ - زىننەتلەر مەن ئۈچۈن ئاشۇ كۆزى ئاجراپ كەتكەن ئۈزۈكتىنمۇ قىممەتلىك بولماس.
  ھەرقانداق ئۇچرىشىشلاردا ئايال ئەرنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەر خېلى يىللاردىن بېرى سۆيۈپ كېلىۋاتقان ئايالنىڭ ئۆيىگە بارغان ئۇ كېچىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. مۇھەببەتنىڭ بوران - چاپقۇنلۇق دېڭىزىدا دولۇنلارنىڭ ئەڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن مەزگىلى ئىدى. ئەگەر ئۆزى سۆيگەن ئايالنى ئۆيىدە، ياتىدىغان ھۇجۇرىسىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان ھەتتا زىياپەتنىمۇ سىرتقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. لېكىن، ئارىدىن بىر قانچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، بۈگۈن ئۇنى ئۆيىگە قىزغىن تەكلىپ قىلدى. چۈنكى ھازىر ئايالنىڭ كۆرسىتىشكە ئەرزىيدىغان ساندۇقى، شەھەرنىڭ بايلىرى تۇرىدىغان رايوندا ئىككى قەۋەتلىك چوڭ ۋە كەڭتاشا، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئۆيى بار ئىدى ۋە بۇ ئۆيىدە ئۆزى بارغان دۆلەتلەردىكى ئاسارە - ئەتىقە سودىگەرلىرىدىن سېتىۋېلىپ توپلىغان قىممەت باھالىق ۋە كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان ئىنتايىن چىرايلىق زىننەت بۇيۇملار يالتىراپ تۇراتتى. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىككى - ئۈچ يۈز يىللىق يادىكارلىقلار ئىدى. فارفۇر چىنە - قاچىلار ۋە ياڭاق، دوپ، ئامۇت ياغاچلىرىدىن ياسالغان ئۆي جھازلىرىغا ئۇلارنىڭ ياسىلىش ۋاقىتلىرى ئويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سالاھىيەتلىرىگە ئوخشاش ماددىي نەرسىلىرىنىڭ سلاھىيىتىمۇ تامغىلىنىپ كەتكەنىدى. تام سائىتى ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئىدى. پىئانىنو بۇ ئەسىر بېشىنىڭ تەنتەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. بەزىلىرى چارپادىشاھىنىڭ، بەزىلىرى مەلىكىسىنىڭ، كىتاب جاۋەنلىرى ۋىنانىڭ، خرۇستاللار چېخوسلوۋاكىيىنىڭ، چىنە پۇڭلار جۇڭگونىڭ، گىلەملەر ئىران ۋە تۈركىيىنىڭ ئىدى. ئون سەكىزىنچى ئەسىر ئومانىيە ئىمپېراتورلۇقى زامانىدىكى پادىشاھنىڭ ئەمىرلىرى يېزىلغان لەۋھەلەرچۇ تېخى!
  قولىڭىز تەگكەن، كۆزىڭىز چۈشكەن ھەممە نەرسە ئىنتايىن كۆركەم بولۇپ، پۈتۈن بۇ تارىخىي يادىكارلىقلار ئۆي ئىچىگە ئىنتايىن ھەۋەس بىلەن تۈجۈپىلەپ ئورۇنلشتۇرۇلغانىدى. ئايرىم - ئايرىم نەرسىلەرنىڭ گۈزەللىك دەرىجىسىنى پەرقەلدۈرىدىغان ئىبارىلارمۇ ئاجايىپ ماسلاشقانىدى.
  مۇزېيلار ئاۋام ئۈچۈن ئېچىلىدۇ، بىر كىشىلىك مۇزېي بولمايدۇ. بىر كىشى ئۆيىنى مۇزېيغا ئايلاندۇرغانىكەنخالىسۇن - خالىمىسۇن، كىشىلەرنىڭ كۆرۈشى، ماختىشى، ھەيران بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ ئايالمۇ ئۆينىڭ كۆكەم، باي ۋە گۈزەللىكىنى كىشىلەرگە بولۇپمۇ گۈەللىكنى بىلىدىغان كىشىلەرگە كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇشنى خالايتتى. كۆرۈشنى بەكرەك ئارزۇ قىلغان كىشى بولسا، بىر قانچە يىللار ئالدىدا ئۇ ئۈچ ئېغىز ئۆيلۈك بىنانىڭ بىر قەۋىتىدىكى ھۇجرىنى، ئاشخانىسىنى كۆرۈشكە قىزىققان قەدىناس سۆيگۈنى ئىدى.
  بۇ كىشى سۆيگۈنىنىڭ قىزغىن تەكلىپىگە سەۋەب كۆرسىتەلمەي، تەسلىكتە بېرىپ ئۇ ھەشەمەتلىك ئۆينى كۆردى، كېچىنىمۇ ئۇ يەردە ئۆتكۈزدى. سۆيگۈنى ئۇنىڭغا ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى بىر - بىرلەپ كۆرسەتتى، كۆرسەتكەندىمۇ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەستەك بىر خىل نازاكەت بىلەن كۆرسەتتى. ئۇلار خرۇستال ئىستاكانلاردا اي، سۇ، شاراب ئىچىشتى، پارىژنىڭ داڭلىق ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرۇشتى.
  ئۇ كۈنى بۇ كىشى بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئەندىشە قىلىپ كەلگەن بىر ئىشنى ھەل قىلدى: ئۇ بىر چاغلاردا سۆيگۈنىگە بىر دانە ئالتۇن زەنجىرلىك ئالماس مېدالىئون ھەدىيە قىلغان، بىراق بۇ مېدالىئوننى ئۇنىڭ كۆڭلىگە يارىشا بولسىمۇ بىرەر قېتىم بوينىغا ئاسقىنىنى كۆرمىگەنىدى. بىر چاغلاردا ئۇنىڭغا نەقىشلەرنگەن تۇچ رامكىلىق بىر ئۈستەل ئەينىكى ھەدىيە قىلغان، بىراق بۇ ھەدىيىنى ئالغىنىدىمۇ ھېچقانداق خۇشاللىق ئىپادىسى كۆرسەتمىگەنىدى. بىر چاغلاردا گىرۋىكىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن پىيالىلەرنى ھەدىيە قىلغىنىدا، ئاغزىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ رەھمەت دەپ قويمىغانىدى. بىر چاغلار، بىر چاغلار ... نېمىدېگەن كۆپ بىر چاغلار بۇ! بۇ كىشى شۇ چاغلاردا سۆيگۈنىگە نېمىدېگەن ئەخمەقلارچە ھەدىيىلەر بەرگەنلىكىنى ئەمدى چۈشىنىپ نومۇس قىلاتتى. مانا بۇلارنىڭ نېمىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئارىدىن ئون بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا بىلىپ يەتتى. ئۇ ئىنتايىن نازاكەتلىك، تارتىنچاق، بىر نەرسىلەرگە ئاسانلا قىزىقىپ كەتمەيدىغان، >غەيرىي ئىقلىم< يەنى كىشىلەر ياقتۇرىدىغان نەرسىلەردىن بىزار، لېكىن ئالاھىدە ۋە كەم ئۇچرايدىغان قەدىمىي نەرسىلەرنى ياقتۇرىدىغان، تەربىيە كۆرگەن بىر خانىم ئىدى. ھەرقانداق بىر نەرسىنى ھەركىم بىلسە، ھەركىم سېتىپ ئالالىسا، ھەركىم ياقتۇرسا، ھەركىم ئىشلەتسە، ئۇنداق نەرسىنىڭ گۈەل ۋە قىممەتلىك بولۇشى ناتايىن. مەسىلەن، راۋېلنىڭ >بولېرو)ئىسپانىيە بالېتىدا بەلگىلىك رىتىمى بولغان مەشھۇر تانسا.(<سى ھەممە كىشى ياقتۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ مۇزىكىسى ھەر ھالدا ناھايىتى ئاز كىشى ياقتۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ياخشىمۇ ئەمەس، يامانمۇ ئەمەس ئىدى. دېمەك، كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن يالىڭاچ بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر قانچە يىل سەرپ قىلىشىغا توغرا كېلىدىكەن.
  قەدىرلىكىم:
  ئاخرىى ئۆيۈڭنى كۆردۈم. ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئېسىل ئۆيۈڭ بار ئىكەن. ئۇنى ناھايىتى ھەۋەس بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇپسەن، ئولتۇرغىلى نېسىپ قىلسۇن. ئۇ ھەشەمەتلىك ئۆيۈڭدە بەختىيار ياشىشىڭغا تىلەكداشمەن.
  مېنىڭ ئەقىلسىزلىقىمغا قارا. ناھايىتى كېچىكىپ بولسىمۇ شۇنداق چۈشەندىمكى، سەن مۇزېيلىق قىممىتى بولغان چىرايلىق، تارىخىي، نەپىس بېساتلارنى ياخشى كۆرىدىكەنسەن. بىراق، ھەر قانچە قىممەتلىك بېساتلارنى ئېلىپ ئۆيىمىزگە تىزىپ قويساقمۇ، مۇزېيلاردا ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىكلىرى بار. لوئوۋرېد مۇزېيى، برىتانيە مۇزېيى، ئېمىتاژ مۇزېيى، توپقاپى سارىيى ۋە ئامىستىرادام خەلقئارا مۇزېيىدىكىلەردىنمۇ قىممەتلىك ۋە ئېسىل نەرسىلەر كىمنىڭ ئۆيىدىن تېپىلىدۇ؟
  بۇ ھەقتە سەندەك ئويلىمايمەن. مەن بۇنداق قىممەتلىك بېساتلارغا ئىگە بولۇشنى خالىمايمەن. لېكىن مېنىڭ بېساتلىرمنىڭ مەن ئىشلەتكەنلىكىم ئۈچۈن پەقەت ئۆزۈم چۈشىنىدىغان قىممىتى بولسۇن. ئۇلار شۇ ۋەجىدىن ئەتىۋارلانسۇن دەپ ئويلايمەن. مەن ئىشلەتكەن بېساتلارنىڭ پەقەت مېنىڭ كىشىلىكىمنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇلار باشقىلار ئۈچۈن ھېچقانداق قىممىتى بولمىغان نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مېنىڭ نەزىرىمە ئۇلار بىباھا گۆھەر. ئۇلارنىڭ قىممىتىنى دۇنيادا يالغۇز ئۆزۈملا چۈشىنىمەن، باشقىلار ئۈچۈن بۇلار ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىدىغان نەرسىلەر. مەسىلەن، سەندىن قالغان كۆتمەك قېرىنداش، ئۆيۈمدە سەن چۈشۈرۈپ قويغان چاچ قىسقۇچ...ئۇ بىر چاغلاردا مەن سېنى سۆيۈپ تۇرۇپ سىلىغان چاچلىرىڭنى قىسىپ تۇراتتى. ئۇ ھاياتىمدىكى بىر خفتىرىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن پەقەت ماڭا نىسبەتەن قىممەتلىك.
  قەدىرلىكىم، مۇزېيلار ئاۋام ئۈچۈن ئېچىلىدۇ. مېنىڭ مۇزېيىم بىر كىشىلىك بولۇپ، پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈن ... مانا ھازىر مۇزېيىمدا تۇرىمەن. يەنە كېلىپ دۇنيادا ئەڭ باي، ئەڭ قىممەتلىك مۇزېيدا...بۇ قىممىتىنى ئۆزۈملا چۈشىنىدىغان ۋە مېنىڭ كىشىلىكىمنى ئۆزۈمگىلا چۈشەندۈرىدىغان مۇزېي...
  ھېلىقى كىچىككىنە تۇمارچە قۇتا...ھېلىقى چاچ قىسقۇچ...تېلېگراممىلار...مەكتۇپلار...دەز كەتكەن قوڭۇر رەڭ سوپۇ قۇتىسى...گاھىدا ئۇ قۇتىنى ئېچىپ، ئۆتمۈشۈمدە قالغان بىر سۆيگۈ كېچىسىنىڭ ھىدىنى پۇرايمەن. ئارالدا مەن چېچىڭغا تاقاپ قويغان ھېلىقى گۈل قېنى؟
  ھېلىقى چىرايلىق چىنە پۇڭچۇ؟ مەن ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ باي ۋە ئەڭ قىممەتلىك مۇزېيدىن ئېشىپ چۈشىدىغان يادىكارلىقلار كۈلىنى مەن شۇ چىنە پۇڭدا ساقلايمەن.
  مۇزېيىمدىن ئۆزۈمنى قانائەتلەندۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ قەدىردانىغا سۆيگۈلىرىم بىلەن.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر