باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
دانىشمەن بېغى
-
ھېكايىلەر
-
ھەر كېچە ئەينى جىنايەت
ھەر كېچە ئەينى جىنايەت
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:54:34 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ھەر كېچە ئەينى جىنايەت
كېىچلىرى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئوققا تۇتىدىغانلىقىمنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئەتىمالىم ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك. مېنى ىورلىغانلىقىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەملا ئاندىن ئۆچۈم چىقاتتى. بۇ، خورلىنىشىمنىڭ جاۋابكارى ھەم شاھىدىنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداق قىلسام ئۇ مېنى قانداق خورلىغانلىقىنى ھېچكىمگە ئېيتالمايدۇ. ئەڭ چوڭ قورقۇنچىم، ماڭا قىلغان - ئەتكەنلىرىنى باشقىلارغا ئېيتمىسا ئىكەن دەيمەن.
ھەر كېچە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئۇنى ئۆلتۈرۈشىمنىڭ سەۋەبى، ئەھۋالنى باشقىلارغا ئېيتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى ئەھۋالنى ھېچكىمنىڭ ئۇقۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن، ئۆزۈممۇ ھېچكىمگە ئېيتالمايمەن، چۈنكى ئېيتىشتىن خىجالەت بولىمەن. ئۇنىڭ مېنى شۇنچىۋالا خورلىشىنى يا ئىچىمگە سىغدۇرالمايمەن، يا ئۇنۇتالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى غەزىپىم تېخىمۇ ئۆرلەيدۇ. شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن باشقا ئىلاجىم يوق.
مەندەك بىر ئادەم قانداقمۇ قولىنى قانغا بويىسۇن؟ يەنە كېلىپ مەندەك بىر ئادەم! ھەربىي ۋەزىپەمنى ئۆتەۋاتقاندا، قارىغا ئېتىش تەربىيىسىدە ھەمىشە قارىغا ئاتاتتىم - يۇ، بىر قېتىممۇ نىشانغا تەگكۈزەلمەيتتىم. چۈنكى مىلتىقنىڭ پاينىكىنى كۆكسۈمگە تىرىگەندە تىترەشكە باشلاپ، بارمىقىم تەپكىگە تەگكەندە كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالاتتىم. بۇ قورقۇنچاقلىقىم تۈپەيلىدىن كوماندىلىرىم ماڭا ۋار - ۋار ۋارقىرىشاتتى. ئامال قانچە ... توپ، مىلتىق، تاپانچا، بومبا، قىلىچ، ئۇرۇش - مۇرۇش دېگەنلەر مەندىن يىراق ئىدى...
ھازىر مەن ھەر كېچە ئورۇنغا كىرەىنىمدە، ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدىكى مۈگدەكلىك بىلەن سەگەكلىك ئىچىدە بىر ئادەمنى ئوققا تۇتىمەن. قولۇمدا بىر پىلىموت ... ئەمەلىيەتتە، ئۆمرۈمدە پىلىموتنى تۇتۇپ باققان ئەمەسمەن. ھەربىيدىكى ۋاقتىمدا يىراقتىن كۆرگەنىدىم. كېچىلىرى يېنىڭ پىلىموتمۇ، ئېغىر پىلىموتمۇ ياكى كىنولاردا كۆرگەن پىلىموت تاپانچىمۇ، قايسىسى بىلەن ئوت ئاچقىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. لېكىن ئۇنى ئوققا تۇتقىنىم ئېنىق ... ئۇنى نېمە بىلەن ئوققا تۇتقانلىقىم شۇنچە مۇھىممۇ؟ خۇددى كىچىك بالىلارنڭ ياغاچ ياكى باشقا بىر نەرسىنى تاپانچا قىلىپ ئوينىغىنىدەك، ھەر ھالدا قولۇمدا ئۇنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى...
خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى ھەر كېچىسى ئورنۇمدا يېتىپ چوڭقۇر ئۇيقۇغا چۆكمەستىن بۇرۇن بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزىمەن.
بۇ جىنايەتنى ئەتەي ئۆتكۈزمەيمەن، لېكىن ئۇنى بەرىبىر ئۆلتۈرىمەن. ئۇيقۇغا چۆكۈشتىن ئىلگىرى ئۆز - ئۆزۈم بىلەن چېقىشىپ: >بۈگۈن كېچە ئۇنى ئۆلتۈرمەي...< دەيمەن ۋە ئۆلتۈرمەسلىككە قەتئىي ۋەدىمۇ بېرىمەن. ئۇنى بىر كېچىلا ئوققا تۇتۇشتىن ۋاز كەچسەم ھەرگىز ئۆلتۈرمەيدىغنلىقىمنى، شۇنىڭ بىلەن جىنايەتمۇ ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن بولمىدى، چۈنكى مېنى خورلىغان ئۇ كۆرۈنۈشلەر يېڭىۋاشتىن كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھەرقانچە قىلساممۇ كۆزۈم ئۇيقۇغا بارمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن نەچچە كېچىنى ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزۇۋەتكەنىدىم. ئاخىرى تاڭ ئېتىشقا يېقىن ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرەتتىم - دە، ئاندىن ئۇيقۇغا كېتەتتىم. ئەمدى ئۇنى ئۆلتۈرمەسلىككە تىرىشىشىمنىڭ بىھۇدىلىكىنى بىلىمەن.
ئورنۇمغا كىرگگەندە نېرۋىلىرىم ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. ھەقىقىي جىنايەت ئالدىدىكى پۈتۈن روھىي جىددىيىلىكنى باشتىن ئۆتكۈزىمەن. چۈنكى راست ئۆتكۈزگەن جىنايەت چۈشۈم ئارىسىدا پەرق يوق. ئۇنى راستتىن ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن يەنى ئامالسىزلىقتىن ئۇنى پەقەت خىيالىي ئۆلتۈرىمەن. ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەت بولسا ئىدى، ئۇنى جەزمەن راستتىن ئۆلتۈرەتتىم. ئىمكانىيەت؟ ئالدى بىلەن، جىنايەتنى ئۆتكۈزگەندىن تۇتۇلماسلىق ... بىراق، بۇ جەھەتتە مەندە ئىمكانىيەت يوق ئىدى. چۈنكى ئىنتايىن يرامسىزلىقىمنى بىلىمەن. ئاندىن قالسا، ئىنتايىن قورقۇنچاقمەن. جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان كىشى قورقۇمسىز بولۇشى كېرەك. توخۇنىمۇ بوغۇزلىيالمايمەن دەيدىغانلار بار، مەن بولسا توخۇ بوغۇزلاۋاتسا ھەتتا ئۇنىڭغا قارىيالمايمەن.
ئۇنى راستتىن ئۆلتۈرەلمەسلىكىمنىڭ بۇ ئىمكانىيەتسىزلىكلەردىن سىرت يەنە باشقا سەۋەبىمۇ بار. بەزىبىر ئىشلارنى نەزەردە تۇتۇپ، يارامسىزلىقىمنى ۋە قورقۇنچانلىقىمنىمۇ يېڭىپ ئۇنى ئۆلتۈردۈم دەيلى، ئۇ ھالدا مېنى تۇتۇپ ئۇنى نېمىشقا ئۆلتۈرگەنلىكىمنى سورايدۇ. ھالبۇكى سەۋەبىنى ئېيتالمايمەن ... مېنى خورلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈردۈم دېسەم، ئۇ ساڭا نېمە قىلدى، قانداق خورلىدى دەپ سورايدۇ. ماڭا نىسبەتەن ئۇنى چۈشەندۈرۈش ئۆلگەندىنمۇ تەس. قانداق خورلانغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈش ئۆز - ئۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم خولىغانلىق بولىدۇ، ئۇنداق قىلالمايمەن، بۇنىڭغا چىدىيالمايمەن...
ئۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى ئويلىمىدىم ئەمەس، بەلكىم ئەڭ توغرىسىمۇ شۇ ئىدى. لېكىن ئۆزۈمنى قانداقمۇ ئۆلتۈرەلەيمەن! ئۆزۈمگە قىيالمىغىنىمدىن ئەمەس، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆلتۈرەلمەيمەن...
مېنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇۋەتكەندە، ھەممە كىشى ماڭا نېمە ئۈچۈن ئون بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىمى سوراشتى. ئەسلىدە خوتۇنۇممۇ، بالىلىرىممۇ، دوست - بۇرادەرلىرىمۇ بۇ ئون بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىمنى بىلمىگەنىدى. پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ مېنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلەر بۇنى خەۋەر قىلىشىپتۇ، لېكىن نگە ئېلىپ كېتىلىگەنلىكىمنى ھېچكىم ئۇقالماپتۇ. داداممۇ، ىوتۇنۇممۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ، ھەربىي ئىدارە قىلىش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئىشىكىنى تېشىۋەتكۈدەك بوپتۇ. بارمىغان، سورىمىغان، مۇراجىئەت قىلمىغان يەر قالماپتۇ. تەپتىش مەھكىمىسىگە، ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس، تېلېگراممىلار ياغدۇرۇشۇپتۇ، لېكىن ھەممىسى بوشقا كېتىپتۇ، نەدە ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلمەپتۇ.
ئۆيگە كەلگىنىمدە ساقاللىرىم ئۆسۈپ كەتكەنىدى. خوتۇنۇم مېنى كۆرۈپلا يىغلاپ كەتتى. بلىلارمۇ دەسلەپ ئالۋاستى كۆرگەندەك بولۇشتى، يېتىرقىدى، كېيىن ئاستا - ئاستا كۆنۈپ قالدى. ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ، ئىش ئورنۇمدىكىلەرمۇ، قۇلۇم - قوشنا، تونۇش - بىلىشلەرمۇ ھەممىسى >نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇردى؟< دەپ سورىشاتتى.
جاۋاب بېرىشنى خالىمايتتىم، نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلەلمىگەنىدىم. مېنى تۇتۇپ تۇرغانلارمۇ بۇنى بىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مېنى ئون بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدى. يا ئۇلار بىرەر ئەھۋال ئىگىلىيەلمىدى، يا مەن ... ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى مېنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشۇمنىڭ سەۋەبى بولۇپ، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئاخىرغىچە ئېنىقلاشقا تىرىشقان بولسا، مېنى ئۆمرۈم بويىچە تۇتۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. بۇ سەۋەبنى تېپىش مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىك خاپىلىقى ئىچىدە مېنى ئون بەش كۈندىن كېيىن قويۇۋېتىشتى. نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىمنى سورىغانلارغا نېمە دەيتتىم... >مۇھىم بىر مەسىلە ئەمەسمىش...< دەيتتىم. >خاتا تۇتۇپتۇ< دەيتتىم ياكى <ھېچ ئىش يوق...> دەپ قوياتتىم.. لېكىن ئۇلار مېنى قويۇۋەتكەندە <خاتا تۇتۇپتۇق> دېمىگەنىدى.
بۇ جاۋابلىرىمغا ھېچكىم ئىشەنمەيتتى، ئۆزۈممۇ ئىشەنمەيتتىم. مەن يوشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە كىشىلەرنىڭ مەندىن >ئۇلار سېنى قىينىدىمۇ؟< دەپ سوراشلىرى ئىدى.
<ياق، ھەرگىز...>دەيتتىم قوپاللىق بىلەن. بەزىدە ۋارقىراپ قىيناش دېگەن گەپنىڭ چىقىشىنى زادى خالىمايتتىم.
راستىنى ئېيتمىغانلىقىمنى، بىر ئىشلارنى يوشۇرغىنىمنى بىلىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن مەلۇم ئىدى.
ئۇ يەردە ئۆتكەن ئون بەش كۈنۈمنى ھاياتىمدىن قېزىپ چىقىرىپ يوق قىلىۋېتىشنى خالايتتىم. لېكىن ھەر كېچە ئۇخلاشتىن ئاۋال مەن ئۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزمىگۈچە، ئۇ ئون بەش كۈننىڭ ھاياتىمدىن قېزىپ چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ۋاقىتنىڭ ھەممە دەردكە دەرمان بولىدىغانلىقىنى، ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەلۋەتتە. ھەر كېچە ئۇخلاش ئالدىدىكى ئۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزمىسەم، ئۇ خورلىنىشىمنى مەنمۇ ئۇنتۇپ كەتسەم، ۋاقىت مېنىڭ دەردىمگىمۇ دەرمان بولسا دەيمەنمۇ. لېكىن ھەر كېچە ئۇنى ئوققا تۇتقاندا، ئۇنتۇش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆمەنلىك ۋە غەزەپ نەپرىتىم بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.
خوتۇنۇم پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغىنىمنى يۈزۈمگە سالدى، بۇنى ئۆزۈممۇ بايقىدىم. باشقىلرنىڭ قاراشلىرىدىن، مۇئامىلىلىرىدىن ئۆزگىرىپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ چۈشەندىم. بۇرۇنقىدەك مۇڭداشقاق، كۈلۈپ تۇرىدىغان، پائالىيەتچان بىرى ئەمەس ئىدىم. ئۇ خورلىنىشىمنى نېمىشقىدۇر كاللامدىن زادىلا چىقىرىۋېتەلمەيتتىم. بۇرۇختۇم جىمغۇر، ھۇرۇن بىر ئادەم بولۇپ قالدىم. خورلىنىشىمدىن ھېس قىلغان نومۇستىن قۇتۇلالمىدىم. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مېنىڭچە بولسا، ئائىلەمنى، ئىشىمنى، مۇھىتىمنى ھەتتا يۇرتۇمنىمۇ تاشلاپ ئىز - دېرىكىمنىمۇ تاپالمايدىغان ناھايىتى يىراق بىر يەرلەرگە كېتىپ، ئۆzۈمگە ئۇ يەردە يېپيېڭى بىر ھايات بەرپا قىلىشنى ئويلايتتىم. بەلكىم شۇنداق قىلسام، ئاشۇ خورلىنىشىمنىڭ نومۇسىدىن قۇتۇلاتتىم. لېكىن ئۇنداق قىلالمايمەن - دە...مەن ئۇنى كېچىلىرى ئوققا تۇتۇشتىن باشقا ھېچنەرسە قىلالمايمەن...
مەن ئۇنى ھەر كېچە ئۆلتۈرۈۋېرەمدىمەن؟ مەن ھەر كېچە ئەينى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇق ئالغانمىدىم؟ مەن بىر لەنەتلىك ئادەممۇ؟
تۇتۇپ تۇرۇشتىن قويۇۋېتىلگەن كۈنى كېچىسى جىنايىتىمنىڭ باشلانغان كۈنى ئىدى. كەچلىك تامىقىمنى ئۆيىمىزدە يېگەنىدۇق. خوتۇنۇم نېمە ئۈچۈن گەپ قىلمايدىغانلىقىمنى سورىغاندا >ھېچنېمە ئۈچۈن< دەپ جاۋاب بەردىم. بۇ >ھېچنېمە< لەر مېنى ئوسال ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇپ قالاتتى. خوتۇنۇمغا: >خورلانغان بىر ئادەم تۇرۇقلۇق سەن بىلەن سۆزلىشىشكە رىغبتىم يوق< دېيەلمەيتتىم. بۇنداق دەيدىغان بولسام، قانداق خورلانغانلىقىمنى يەنى جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان يەنە بىر سوئالنى سورايتتى.
بالىلار يېتىپ قالدى، بىزمۇ ياتاتتۇق.
- مەن ئايرىم ئورۇندا ياتىمەن، - دېدىم مەن.
خوتۇنۇم ھاڭ - تاڭ بولۇپ قالدى.
ئون تۆت يىللىق ئەر - خوتۇنچىلىقىمىزدا بىر ئۆيدە بولساقلا خوتۇنۇم بىلەن ئايرىم ئورۇندا ياتاقن ۋاقىتمىز زادى بولمىغانىدى. ھەر ئىككىلىمىز ئەر - خوتۇنچىلىقنى ھەممە ئىشتا ئورتاقلىشىش دەپ چۈشىنەتتۇق. لېكىن ھازىرچۇ؟
خوتۇنۇم نېمە ئۈچۈن ئايرىم يېتىشنى خالاپ قالغانلىقىمنى سوراپ تۇرماي دەرھال كەينىگە بۇرۇلدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى يوشۇرۇپ كەينىگە قارىۋالغانلىقىنى چۈشەندىم. ئۇ مەندىكى بۇ ئۆزگىرىشنى چۈشەنمەيتتى. ئۇنىڭغا قانداق خورلانغانلىقىمنى، قانچىلىك كىرلىشىپ كەتكەنلىكىمنى چۈشەندۈرەلمەيتتىم. بۇ ھالىم بىلەن ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ گۈزەللىكىگە چېقىلىشقا رايىم يوق ئىدى. بۇ خورلىنىشنىڭ كىرى ۋۇجۇدىمدىن زادى چىقمايتتى. خوتۇنۇمنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنى ناھايىتى سېغىنغانىدىم. لېكىن ئۇنى سۆيۈپ قويۇشنىمۇ ئۆزۈمگە راۋا كۆرمىگەنىدىم.
خوتۇنۇم يۈزۈمگە قارىماي تۇرۇپ ئورنۇمنى سېلپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى سۆيۈپ قويمايلا كەيېنىگە يېنىپ كەتتى. ئۆزۈمدە بىر چوڭقۇر كاۋاكلىك، بۈگۈنگىچە كۆرۈلمىگەن بىر خىل ھەسرەت ھېس قىلدىم. خوتۇنۇمنىڭ ئاچچىقى كەلگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سىرتىغا چىقارمىغان بىلەن ھەمىشە مەندىن رەنجىپ يۈردى.
تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قايتىپ كېلىپ مۇنچىغا چۈشۈپ بىر نەچچە قېتىم سوپۇنلاپ پاكىز يۇيۇنغان بولساممۇ، ئورنۇمغا كىرگەندە ئونبەش كۈنلۈك خورلىنىشنىڭ كىرىدىن تېخى تازىلانمىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بۇ كىر ئىچ - ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتكەنىدى. بۇنداق كىرنى پەقەت قانلا تازىلىيالايتتى.
ئىچىم تىتىلداپ ئۇخلىيالمىدىم. بالىلىقىمدا ئۇيقۇم قاچقان كېچىلەردە پۇتبول ئوينىغا تەسەۋۋۇرلىرىمغا بېرىلىپ بېشىمنى ياستۇققا قويۇپ يوتقاننىڭ ئىچىدە پۇتبول ئويناپ ئۇخلاپ قالاتتىم. ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا پۇتبول ئوينىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن دوستلىرىم مېنى پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قانتاشتۇرمايتتى، شۇڭا ئۇلاردىن ناھايىتى خاپا ئىدىم. لېكىن ئوينىيالمايدىغانلىقىممۇ راست ئىدى. شۇڭا ئورۇندا يېتىپ ئۇخلاش ئالدىدا پۇتبولنى پەۋقۇلئاددە مۇۋەپپەقىيەلتىك ئوينىغانلىقىمنى چۈشەيتتىم. چۈشۈمدە ماڭا پۇتبول ئويناتمىغانلارنىڭ ۋاراتارىغا كەينى - كەينىدىن توپلارنى كىرەۈزۈپ، نومۇر ئۈستىگە نومۇرلارنى ئالاتتىم...
بۇ بالىلىق تەساۋۋۇرى ھاياتىم بويىچە داۋاملشقانىدى. تۇتۇپ تۇرۇلغان ھېلىقى ئونبەش كۈننىڭ كېىچلىرىمۇ پۇتبول ئويناپ چۈش كۆرەتتىم.
ئۆزۈم يالغۇز ياتقان بۇ بىرىنچى كېچىدىمۇ يەنە پۇتبول ئويناپ چۈ كۆرگەچ ئۇيقۇغا چۆكمەكچى بولدۇم. بىر نەچچە سائەت پۇتبول ئوينىدىم. بىر قانچە توپ كىرگۈزدۈم، لېكىن يەنە ئۇخلىيالمىدىم. دەسلەپكى جىنايەتنى مانا شۇ كۈنى ئۆتكۈزدۈم. ئۆز ئالدىمدا بېشىمدىن ئۆتكەن ئۇ ىورلىنىش سەھنىسى كەلدى. ئالدىمدا ئۇ تۇراتتى. راستىنى ئېيتقاندا ەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىدىم. ئۇ بولسا كىيىم كىيدۈرۈپ قويغان ھەيكەلدەك تىك تۇراتتى. كۆزلىرى مىلتىقنىڭ ئوق تۆشۈكىدەك ماڭا تىكىلگەن بولۇپ، قاراشلىرى گويا ئوقتەك گەۋدەمنى تېشىپ ئۆتۈۋاتاتتى. كەينىگە تۇتۇۋالغان قوللىرىدا قامچا، كالتەك، توقماقتەك بىر نەرسە بار ئىدى، لېكىن نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەيتتىم. پەقەت كەينىدىكى قولىدا بىر نەرسە تۇتۇۋالغىنىنى، ئۇ نەرسىنى پاقالچەكلىرىگە ئۇرۇپ چىقارغان ئاۋازىدىن بىلگەنىدىم. ئۇ سائەتكە ئوخشاش بەلگىلىك دەقىقە قالدۇرۇپ، تاق، تاق، تاق قىلغان بىر خىل ئاۋاز ئىدى. پۇتىدا ئۆتۈك بارمۇ ياكى ماڭا شۇنداق تۇيۇلاتتىمۇ، بۇنى ئانچە ئېنىق بىلمەيمەن، گەۋدىسى يوغان ئىدى. لېكىن ئۇ ھەيۋىسى بىلەن ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭ كۆرسىتەتتى. ئۇ ئۆزى تۇرغان ئۆينىڭ تاملىرىدىن، تورۇستىن ئېشىپ كېتىدىغاندەك تېرىسىگە سىغماي قىنىدىن تاشقان بىر ئادەم ئىدى.
قولىدىكى نەرسىنى پاقالچەكلىرىگە ئۇرۇپ چىقارغان تاق، تاق ئاۋازلار بارغانسېرى كۈچىيىشىگە باشلىدى يەنى ماڭا شۇنداق تۇيۇلاتتى. تاق - تاقلار ئاخىر بېرىپ پوك - پوككا ئالماشتى.
پوك - پوكلارنىڭ تېگىدە دەپسەندە بولاتتىم.
قانداق خورلانغانلىقىمنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
ئۇ كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمغا كەلسە چىش - تىرنىقىمغىچە غەزەپكە كېلىپ يۈرىكىم ئىچىمگە پاتمايتتى. قولۇمدا ئوقلىرى تۈگىمىگەن بىر پىلىموت تاپانچا، پىلىموت مىلتىق ياكى تېخىچە كەشىپ قىلىنمىغان ۋە ئىسمى قويۇلمىغان بىر قورال بار ئىدى. ھازىر مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەمەس، ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئىدى. قولۇمدىكى نامەلۇم قورالنىڭ ئوق تۆشۈكىنى ئۇنىڭغا قاراتتىم. ئۇنىڭ قوشاۋۇز تۆشۈكىدەك كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ئاچچىق ياش چىقىپ يۈزىنىڭ تىك قورۇقلىرىنى بويلاپ پەسكە قاراپ ئاقتى. ئۇ ئۆزىنى ئېلىپ قاچالماي تىز پۇكتى. ھاياتىم بويىچە تۇنجى ئېچىنمىغان نەرسە شۇ ئىدى. تەپكىنى بېسىپ ئۇنى ئوققا تۇتتۇم، ئۇ دىنامىت بىلەن پارتلىتىلغان مەيداندىكى ھەيكەلدەك يىقىلدى.ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەن گەۋدىسىدىن قارامتۇل قىزىل قانلار ئېتىلىپ چىقاتتى.
جىددىيىلىشىپ كەتكەن نېرۋىلىرىم بوشاشتى. راھەتلىنىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.
ئەتىسى كېچە ئورۇنغا كىرگىنىمدە تۈنۈگۈن كېچە ئۆتكۈزگەن جىنايىتىمدىن كېيىن راھەت ئۇخلايمەنغۇ دەپ ئويلىغانىدىم، چۈنكى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ يوقاتقانىدىم. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىش تام بولۇپ، غەزىپىم بېسىلغان، ئۆچۈم چىققان بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ھەرەىزمۇ ئۇنداق بولمىدى. قانداقتۇ يەنىلا ئۇخلىيالمىدىم. پۇتبول ئويناش تەساۋۋۇرۇممۇ ئىشقا ئاشمىدى. يەنە ئالدىمدا ئۇنى، قولۇمدا بولسا قورالنى كۆردۈم - دە يىڭىۋاشتىن ئوققا تۇتتۇم. بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپ ئوت ئاچتىم. پۇتۇم بىلەن يەرگە چۈشكەن بېشىغا تەپتىم. بېشى قان كۆلچىكى ئىچىدە ئۈزۈپ يەرەتتى.
قانداقچە بۇنچە رەھىمسىز بولۇپ كەتكىنىمگە ھەيرانمەن.
ئەمدى كېىچلىرى ئورنۇمغا كىرىپ ياتقىنىمدا، ئۇيقۇغا كەتكۈچە پۇتبول ئوينىماي، ھەر كېچە ئۇنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرىمەن. قارا باستى چۈشتەك يەتتە قەۋەت ئاسمانغا ئۆرلەپ ئارقىدىن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ، بىر يىغىلىپ، بىر كېرىلىمەن - دە، ئاندىن ئۇخلىيالايمەن، شۇڭا ئۇنى ھەر كېچە ئۆلتۈرىمەن.
تۇنجى جىنايەتنى ئۆتكۈگەن كۈنۈمنىڭ ئەتىسى يەنە بۇرۇنقىدەك كۈلكە چىراي، مۇڭداشقاق، قىزغىن، پائالىيەتچان بىر ئادەم بولىدىغانلىقىمنى، يەنە خوتۇنۇم بىلەن ئورۇندا ياتىدىغانلىقىمنى ئويلىغانىدىم، لېكىن زادى ئۇنداق قىلالمىدىم.
بۇ خىيالىي جىنايتىمنىڭ راست جىنايەتتىن ھې پەرقى يوقلۇقىنى بىلەتتىم ۋە بۇنڭى ئازابىنى چېكەتتىم. تەساۋۋۇرۇمدا بولسىمۇ ھەر كېچە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ئاسانمۇ.. مەن ئۇنى راستتىن ئۆلتۈرمەكچى، يامان يېرى، بۇ مېنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىم. دەرۋەقە بۇ بىر جىنايەت! ئۇنى راستتىن ئۆلتۈرەلمىسەم، بۇ مېنىڭ يۈرەكسىزلىكىم، قورقۇنچاقلىقىمدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەن ھەر كېچە ئەينى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرمىدىم؟ ئاتقان ئوقلىرىمنىڭ ئۇنىڭ يوغان گەۋدىسىدە ئاچقان تۆشۈكلەردىن ئېتىلىپ ىققان قارامتۇل قىزىل قېنى ئۈستىۋېشىمغا چاچرايدۇ، قوللىرىم قانغا مىلىنىدۇ. شۇغىنىسى، خورلىنىشنىڭ كىرلىرى ئۇنىڭ قېنى بىلەنمۇ يۇيۇلۇپ تازىلانمايدۇ. تېخىمۇ كۆپ مەينەتچىلىككە پاتىمەن ۋە تېخىمۇ غەزەپلىنىمەن، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولىمەن.
قەيەرگە بارسام، قەيەرگە قېىچپ يوشۇرۇنسام ھەر كېچە بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزۈشتىن خالىي بولالمايمەن. تەپتىش مەھكىمىسىگە بېرىپ گۇناھىمنى ئېتىراپ قىلسام، ھېچقانداق تەپتىش مېنى چۈشەنمەيدۇ، مېنى ساراڭ دەپ قارايدۇ. تەپتىش مېنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ماڭا ئوخشاش خورلىنىشلارغا ئۇچرىغان بولۇشى كېرەكتە.
ھەر قېتىمقى جىنايىتىمدىن كېيىن، غەزىپىمنىڭ ۋە ئۆچمەنلىكىمنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتقىنىنى، تېخىمۇ قانلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە تەمشىلىۋاتقىنىمنى پەملەپ، بۇ ۋەجىدىن ئۆزۈمنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە قاتىللىقتىن قۇتۇلۇشۇم مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەندە بىردىنبىر ئۈمىد تۇغۇلدى. شۇ كۈنلەردىكى گېزىلتەرگە ئۇنىڭ ھەققىدە مۇنداق ئۆلۈم خەۋەلىرى ۋە ئۆلۈم ئېلانلىرى بېرىلگەنىدى:
<دەرد - ئەلەملىرى ۋە ئارىمىزدا يوقلۇقى ھېچقاچان ئۇنتۇلماس ساخاۋەتچى ۋە مۇنەۋۋەر ئادەم....>
<ئۇلۇغ ئادەم، قەدىرلىك مويسىپىتىمىز...>
<ئاللانىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر بولغاي، قايغۇلۇق ئائىلىسىگە ئامانلىق تىلەيمىز.>
<...ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇ بىلەن خەۋەر تاپتۇق. مەرھۇمغا ئاللادىن رەھمەت تىلەيمىز، ئائىلىسىگە...>
<....مەڭگۈگە كۆز يۇمدى.>
<ئائىلىمىزنىڭ چوڭى، قەدىردان ئاتىمىزنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ...>
<ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزنىڭ چوڭقۇر بىئاراملىقى ئىچىدىمىز. ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرىنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولۇپ، ئۇلارغا ئامانلىق تىلەيمىز. ئاللا رەمھەت قىلسۇن.>
<ئېچىنىشلىق مەھرۇمىمىز ... قەدىرلىك مەۋجۇتىمىز، ئوغلىمىز، قېرىندىشىمىز، ئاتىمىز...>
<يۇرتىمىزنىڭ ئىپتىخارى...بۇ ئالەمدىن ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى.>
<ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان چوڭ يوقىتىش.>
<بىردىنبىر ئۇلۇغىمىز...قايغۇمىز تۈگىمەستۇر.>
......
ھاياتىمدا بۇنداق خۇشال بولغان ۋاقتىم بولمىغاندى. قىن - قىنىمغا پاتماي قاناتلىنىپ كەتتىم. خۇشاللىقىم ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەمدى كېچىلىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن، قولۇمنى قانغا بوياشتىن قۇتۇلغانىلىقىم ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئۇ بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن، مېنىمۇ ھەر كېچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن خالىي قىلغانىدى. بۇنداق چوڭ بىر خۇشاللىقنى دۇنيادا مەندىن باشقا بىرىنى ھېس قىلىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. ئۆلگەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى. ئەمدى بۇرۇنقىدەك بىر ئادەم بولاتتىم.
گېزىتلەردىن ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئېلانلارنى كۆرۈپ يەنە بىر خىل بىئاراملىققا چۆمدۈم. مېنى خورلىغانلىقى ئۈچۈن مەن ھەر كېچە ئوققاتۇتقان ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا چوڭ، ئۇلۇغ، ساخاۋەتچى، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئۇققىنىمدا، ئاپلا، ئۆلتۈرمىسەم بوپتىكەن، ھېچبولمىغاندا ھەر كېچە ئوققا تۇتمىسام بوپتىكەن، دېگەندەك پۇشايمانلىق ۋە خىجالەتچىلىك ھېسسىياتىغىمۇ چۆمدۈم.
ئۆلۈم ئېلانلىرى گېزىتلەردە بەت - بەت چىققان كۈننىڭ كېچىسى ئورنۇمغا كىرىپ ياتقىنىمدا قاتىللىقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدىنىڭ بىھۇدىلىكى مەلۇم بولدى. يەنە ئۇخلىيالمىدىم. يتېڭىۋاشتىن پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئويلاپ ئۇىلاشقا تىرىشتىم. بولمىدى. ئۆلگەن ئادەمنى تەكرار ئۆلتۈرگۈم يوق ئىدى. جىنايەت ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈم بىلەن رەھىمسىز جەڭ قىلغان بولساممۇ غەلىبە قىلالمىدىم. ھېلىقى ئۆلۈكنى ئاۋۋال تىرىلدۈردۈم، ئاندىن ھەر كېچىدىكىدەك ئوققا تۇتتۇم - دە، تۈگىمەس ھۇزۇرغا ئېرىشىپ، ئاندىن ئۇخلاپ قالدىم.
ھەر كېچە ئۇنى تىرىلدۈرۈپ، ئاندىن ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرىمەن. دەرۋەقە، ئۇ مۇشۇنداق ھەر كېچە ئۆلتۈرۈلۈشكە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ جازاغا لايىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈك گەۋدىسى ئۆز قىنىدا ئۈزۈشكە تېگىشلىك. لېكىن مەنچۇ؟ مەن قاتىل بولۇشقا، جىنايەت ئۆتكۈۈشكە ھەمدە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ يەنە تىرىلدۈرۈپ يېڭىۋاشتىن ئۆلتۈرۈشكە، مانا شۇنداق بىر جىنايەتنى ئۆتكۈزۈشكە لايىق ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغانىدىم - دە...ئۇ ئۆلدى، لېكىن يەنىلا قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇنىڭ مېنى خورلاپ قىلغان يامانلىقىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان يامانلىقى ھاياتىم بويىچە ئۆچۈمنى ئېلىش ئۈچۈن مېنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلغانلىقىدۇر. بۇ خورلاش روھىمدا شۇنداق چوڭقۇر بىر داغ قالدۇردىكى، ئۇ داغنى ئۆلۈممۇ يوقىتىۋېتەلمەيدۇ.
شۇنداق، ئۇ ئۆلدى. لېكىن مېنىڭ قولۇم بىلەن ھەر كېچە يېڭىۋاشتىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن قۇتۇلۇشى، مېنىڭمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن قۇتۇلۇشۇم ئۈچۈن بىردىنبىر يول بار، ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ئۆلۈشۈم...
بىلمەيمەن، مەن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنى ھەر كېچە ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىغان يەنە باشقىلارمۇ چىقامدۇ تېخى!
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر