ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:دانىشمەن بېغى - ھېكايىلەر - ئۆمۈر بەيگىسىدىكى ئارامگاھ

ئۆمۈر بەيگىسىدىكى ئارامگاھ

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:54:16 كۆرۈلىشى: $$访问$$



 ئۆمۈر بەيگىسىدىكى ئارامگاھ
 ئۇ ئۆز - ئۆزى بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۆزىدىن سورىدى:
   - كىشىلەر قايسى ۋاقىتتا ھەممىدىن بەكرەك يالغۇز قالىدۇ؟
  ئۆزى جاۋاب بەردى:
  - ئالەمدىن ئۆتكەندە، چۈنكى ئۇ چاغا ھېچكىم ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بولۇپمۇ دارغا ئېسىلىپ، ئوققا تۇتۇلۇپ، توك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، جادۇغا بېسىلىپ ياكى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر تېخىمۇ يالغۇز قالىدۇ.
  - كىشىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ يالغۇز قالىدىغان چاغلىرى بار، - دېدى يەنە ئۆزى.
  - قايسى چاغلار؟ - دەپ سورىدى ئۆزىدىن.
  ئۆز سوئالىغا ئۆزى جاۋاب بەردى:
  - بىرك ىشىنىڭ چوڭ زاللاردا، مەيدانلاردا مىڭلىغان كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ قىزغىن ئالقىشلانغان ۋاقتى ئەڭ يالغۇز قالغان ۋاقتى بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلار قانچە كۆپ بولسا، ئالقىشلار قانچە قىزغىن بولسا سۆزلىگۈچىنىڭ يالغۇزلۇقىمۇ شۇنچە ئالاھىدە بولىدۇ. چۈنكى سۆزلىگۈچى ئاڭلىغۇچىلار قوبۇل قىلمايدىغان نۇتۇق سۆزلىسە ياكى سۆزلىگەن ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، ئالقىشقا كۆتۈرۈلگەن قوللار ئالقىشنى توختىتىش ئۈچۈنمۇ كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.
  - كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقىلاردىنمۇ بەكرەك يالغۇز قالىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ، - دېدى ئۇ يەنە ئۆزىگە.
  - شۇنداق، - دېدى ئۆزى، - مەسىلەن، ئىنسان يارىتىلغاندا ئەڭ يالغۇز ئىدى. دېمەك، ئادەم يارالغاندىمۇ ئۆلگەن ۋاقتىدىكىدەك يەككە - يېگانە بولىدۇ.
  ئۆز ئۆزىگە شۇنداق قوشۇمچە قىلدى:
  - مېنىڭچە، بۇ يالغۇزلۇقلارنىڭ ئەڭ يالغۇزى مارافونچە يورغىلاپ يۈگۈرگۈچىلەردۇر. چۈنكى ئۇلار ۋاقىت ۋە مۇساپىنىڭ يالغۇزلىرىدۇر.
  ئۆزىنىڭ بۇ چۈشەنچىسىگە ئۆزى قارشى چىقتى:
  - مارافونچە يۈگۈرۈش مۇساپىسى قانچىلىك ئۇزۇن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاخىرقى پەللىسى بار. ئاخىرقى پەللىگە يېتىپ بارغان مارافونچى يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلىدۇ. ئاخىرقى پەللىگە بارالميا، يېرىم يولدا قالغانلار بولسا...
  - مەن، - دېدى ئۇ ئۆز سۆzىنى بۆلۈپ، - ئۆمۈر مۇساپىسىدە مارافونچە يۈگۈرگۈچىنى دەۋاتىمەن. ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى ئۆلۈم بولۇپ، ئۇ پەقەت ئۆلۈم بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ. ئۆلۈم مارافونچىلىرى ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز يالغۇزلۇقلىرىنى يېڭىپ يۈگۈرۈشكە مەھكۇم. چۈنكى ئۇلارنىڭ يالغۇزلۇقى ئاسانلا ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدىغان بىر مۇھىت ئەمەس. ئۇ ئۆز يالغۇزلۇق تېغىنىڭ گرانىت تېشىنى يېرىپ ئۆتۈپ جەريانىدا ئۆزىنى خورىتا - خورىتا ئۆلۈمگە قارپ يۈگۈرىدۇ.
  بۇ سۆزنى قىلغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئۆمۈر مارافونچىسى ئىدى. ئۇ ئۆز - ئۆزىدىن سورىدى"
  - ئۆمۈر بويى زادى ئارام ئالماي يۈگۈرۈۋاتامسەن؟
  ئۆزى جاۋاب بەردى:
  - گاھىدا كۆڭۈللۈك ئارام ئالىدىغان چاغلىرىم بولىدۇ. يەنە شۇنداق كۆڭۈللۈك ئارام ئالغۇم بار، مەسىلەن، بۈگۈن كېچە ...
  بىر قەدىمىي ئىمارەتنىڭ ئېگىز تورۇسلىرى نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن خانىسىنىڭ كەڭتاشا يۇيۇنۇش ئۆيىدە، ئۇ تام ئەينەككە قاراپ ساقال چۈشۈرۈۋېتىپ، ئۆز ئۆزى بىلەن مانا شۇنداق سۆزلىشەتتى. دېمىسىمۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۇ بىر كۆڭۈللۈك ئارام ئېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتى. ەرۋەقە پۈتۈن ئۆمۈر مارافونچىلىرىدەك، ئۇمۇ ناھايىتى ھارغىن ئىدى. ھارغىنلىقتىن ئۆلۈم ئىلكىگە چۈشۈپ، مۇسابىقىدىن قېپقېلىشتىن ئىلگىرى بىر كۆڭۈللۈك ئارام ئېلىۋالغۇسى بار ئىدى. ئەلۋەتتە.
  - بۇنىڭدىن بۇرۇن زادى كۆڭۈللۈك ئارام ئالغانمىدىڭ؟ 
  سوئال سورىغۇچى ئۆزىگە ئۆزى جاۋاب بېرىپ:
  - ئالغان ... ھەتتا بىر قانچە قېتىم ... ھەر بىر كۆڭۈلۈك ئارام ئېلىشنى ئۆزۈمگە ئاخىرقى بېكەت دەپ قارايتتىم، ئۇ ئاخىرقى بېكەتتە مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرىمەن دەپ ئويلايتتىم ...
  - نېمىشقا ئاياغلاشتۇرمىدىڭ؟ - دەپ سورىدى ئۇ ئۆزىدىن.
  - چۈنكى، - دېدى ئۇ جاۋابەن - مېنىڭ ئاخىرقى بېكەت دەپ قارىغانلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى ئاخىرق ىبېكەت بولۇپ چىقمىدى. ئۇ كۆڭۈللۈك ئارام ئېلىشلارنىڭ مېنى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقەمدە كېچىكتۈرۈشتىن باشقا رولى بولمىدى. كېچىككەن ۋاقتىمنى، ئارقىدا قالغان مۇساپەمنى تولدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بۇرۇنقىدىنمۇ تېز يۈگۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. لېكىن قەلبىمدە ھەمىشە شۇ ئاخىرقى بېكەتنى تېپىشنى مەقسەت قىلغان بىر كۆڭۈللۈك ئارام ئېلىش ئۈمىدى بار. كۆڭۈللۈك ئارام ئېلىشىم ئۈچۈن ماڭا ئاخىرقى بېكەتنى تېپىشنى مەقسەت قىلغان بىر كۆڭۈللۈك ئارام ئېلىش ئۈمىدى بار. كۆڭۈللۈك ئارم ئېلىشىم ئۈچۈن ماڭا ئاخىرقى بېكەت بولىدىغان بىر سۆيگۈ گۈلىستانى كېرەك. مانا بۇ كېچىدىن ئاشۇناق بىر ئۈمىد كتمەكتىمەن. ماڭا كۆڭۈللۈك ئارام بەخش ئېتىدىغان ئاخىرقى بېكەتنى تېپىش ئۈچۈن ھېچقاچان بۇنچە ئۈمىدۋار بولمىغانىدىم.
  ئۇ شەھەرنىڭ ئەڭ كاتتا رېستۇرانلىرىدىن بىرىگە كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغانىدى. زىياپەتتە ئادەم كۆپ ئەمەس، پەقەت سەككىز - ئون كىشىلا بولاتتى. ئۇ بۇ زىياپەتتە كىشملەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، كۆڭلىدە ھەر ھالدا ئۆزىگە كۆڭۈللۈك ئارام بېغىشلايدىغان بىر ئاخىرقى بېكەنى تېپىش ئۈمىدى بار ئىدى. تام ئەينەكنىڭ ئالدىدا يۈزىنىڭ تېرىسىنى پوستۇمبىدەك قىرىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئىدى. يۈزى ئەينەكتەك پارقىراپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ... قاراڭلار، بۇ كېلىشمەسلىكنى ... قاچانكى ساقىلىنى ھەۋەس بىلەن قىرسىلا يۈزىنى كېسىۋالاتتى. ئاققان قاننى زەمچە بىلەن توختىتىشقا تىرىشتى، ئاندىن ئەينەكتە چىرايىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتەتتى. قوشۇمىسىدا ئالاھىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان سىزىقچىلاردىن، كۆز ئاستى قاپاقلىرىنىڭ ئىششىقىسىمان ساڭگىلىشىدىن، ئېڭىكى ئاستىدا ساڭگىلىغان بويۇن تېرىلىرىدى، كۆز جىيەكلىرىدىكى پۈرۈكلەردىن، ئاغزىنىڭ ئىككى يېقىدىكى چوڭقۇرلاشقان قورۇقلاردىن نا\رازى بولدى. لېكىن ئاق چاچلىرىدىن زادىلا ئاغرىنمايتتى. ئەكسىچە بۇ ئاقارغان چالىرىغا ھەۋىسى كېلەتتى. ئۇ چاچلارنى ئاقارتقۇچە ئاز ئەجىر قىلمىغان ۋە بۇ چاچلار ئاسان ئاقارمىغان ئىدى. قۇلاقلىرىدىكى ئۆسۈپ كەتكەن تۈكلەرنى موچۇن بىلەن يۇلۇۋېتىپ تىلىنى چىقارغانىدى، ئەينەكتىكى شولىسىمۇ تىلىنى چىقاردى. چىرايىغا ھەر خىل شەكىللەرنى بېرىپ، ئەينەكتە ئۆزىنى تاماش قىلدى. ئاندىن ھوجىرىسىغا كىرىپ، ئتارىنىش ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى. لىمون سۈيىگە چىلانغان پاختا بىلەن يۈز، بويۇن، قۇلاق، گەدەنلىرىنى سۈرتتى. پاكىز ئىچ كىيىم، يېڭى پايپاقلارنى كىيدى. كىيىم ئىشكاپىنى ئېچىپ كۆڭلەك ۋە گالىستۇك تاللىدى. بۇ ئىشلار بىلەن مشغۇل بولۇۋاتقىنىدا، ئىختىيارسىز ھالدا ئاغزىغا كىرىپ قالغان ۋە قايتا ئېيت دېسە ئېيتالمايدىغان ناخشىلارنى غىڭشىپ ئېيتتى. بۈگۈن كېچە ئۇ ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى، يېڭى شىبلىتىنى كىيىشى كېرەك ئىدى. ئاخىرىدا ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئىشتىياق بىلەن چالىرىنى تاراپ، ئۇياق - بۇ يېقىغا قاراپ يەنە ئۆزىگە قاراپ تىلىنى چىقاردى، قاش - كۆزلىرىنى ئويناتتى.
  ئۇ شۇقەدەر تەييارلىق قىلىدىكى، گويا بەvنكى كەچلىك زىياپەتتە ئۆزىگە كۆڭۈللۈك ئارام بېغىشلايدىغان ئاشۇ ئاخىرقى بېكەتنى جەزمەن تاپىدىغاندەك تۇراتتى.
  كوچىغا چىققاندا ئۆزىنى تېتىك، بويى ئېگىزلەپ، بەستى يوغىناپ قالغاندەك، قورساق سالغاندەك ھېس قىلدى.
  رېستۇرانغا بېرىش ۋاقتى تېخى بالدۇر بولغاچقا، ۋاقىتنى يولدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پىيادە ماڭدى. قەلبىدە ئۇرغىغان يېقىملىق ھېسسىياتلار كوچىد ئۆتۈشۈۋاتقان كىشىلەرنىمۇ گۈزەللەشتۈرەتتى. ھەممە كىشى ئۇنىڭغا گۈزەل كۆرۈنەتتى. ھالبۇكى، باشقا چاغلاردا بولسا، كوچىدىكى بۇ ناتونۇش كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاجايىپ سەت كۆرۈنەتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ ئەسكىچە بۇ سەتلەرنىڭ ھەممىسىلا گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. بىردەم ئىسقىرتسا، بىردەم ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنىمۇ سەزمەي سۆزلىشەتتى. بىر ھازادا ئېسىگە كېلىپ، نېمە دەۋاتقىنىنى بىلىپ قالغىنىدا، بىر ئاڭلاپ قالدىمىكىن دەپ ئەترپىغا قاراشتۇراتتى.
  رېستۇراننىڭ ئالدىغا ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتىن ئون مىنۇت كېچىكىپ باردى. دەرۋەقە، بىر ئاز كېچىكىپ بارغانمۇ تۈزۈك دەپ قارايتتى. ئاۋۋال توك بىلەن ماڭىدىغان پەلەمپەيدە ئاندىن لىفىت بىلەن بىنانىڭ ئۆزىسىگە چىقتى. ساھىبخان ئالدىغا كېلىپ كۈتۈۋالدى. ئۈستەلدە ئىككى ئايال، ئون بىرچە ئەر چۆرىدەپ ئولتۇرۇشاتتى، ئۇلارمۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۇنى قارشى ئېلىشتى.
  كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىغان، لەۋلىرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان، چاچلىرى يەلپۈنۈپ، تىرناقلىرى يالتىراپ، چىشلىرى سەدەپتەك پارقىراپ تۇرغان ياشقىنە ساھىبخان ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ:
  - سىزگە ئورۇن ساقلاپ قويغانىدىم، يېنىمغا مەرمەھەت قىلغايسىز، - دېدى.
  بۇ ياش خانىمنى ئۇ خېلىدىن بېرى تونۇيتتى. ئۇ گۈزەل، زېرەك ۋە مەدەنىيەلتىك ئايال ئىدى.
  بۇ ئۆلۈمتۈك ئۆمۈر مارافونچىسى ئۆز كۆڭلىدە كۆڭۈللۈك ئارام بەخش ئېتىشنى ئارزۇ قىلغان ئاخىرقى بېكەت مۇشۇ ياش خانىممىدۇ يا؟ بۈگۈن كېچە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدى بەلكىم بوشقا كەتمەس... بايىقى ئىشتىياق بىلەن ياسىنىشلار، قەلبىنى ھاياجلاندۇرغان قانداقتۇ تىنىمسىز ئارزۇلار، يولدىكى جۇشقۇنلۇق ۋە خۇشاللىقلار، كوچىدىكى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈشلىرى بىكار ئەمەستۇ...
  گەرچە ئۇ بۇ ياش خانىمنى خېلىدىن بېرى تونۇسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگۈدەك دەرىجىدە بىر - بىرىدىن يىراق جايلاردا تۇرۇشتاتتى.
  ئۇلار ئۆگزىدىكى لەمپە ئاستىغا قويۇلغان ئۈستەللەردە ئولتۇرۇشاتتى. ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ئۇلار ئولتۇرغان ئۆگزىنىڭ تورۇسىنى زىننەتلەش ئۈچۈن ئالاھىدە ئېسىلغان چىراغلاردەك كۆرۈنەتتى. قولنى ئۇزارتسا تۇتۇۋالغۇدەك يېقىندا كۆرۈنگەن يۇلتۇزلار كىم بىلسۇن، ئۇلاردىن قانچە نۇر يىل يىراقتىدۇر. بېقىنىدىكى چاچلىرى، لەۋلىرى، كۆزلىرى، تىرناقلىرى، چىشلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان گۈەل ياش خانىممۇ شۇنداق ئىدى. گويا ئۇ كەل دېسە قولغا قونىدىغان قۇش بالىسىدەك يېنىدىلا تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ، خۇددى يېقىندىلا كۆرۈنگەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك قول يەتمەس يىراقلىقتا ئىدى.
  ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا قولى يەتمەيدىغان شاپتۇلغا قول ئۇزىتىشقا خۇشتار ئىدى، ھەرگىزمۇ قولى يېتىدىغان يەرلەردىكى گۈللەرگە قول ئۇزارتقۇسى كەلمەيتتى. مايچېچەك، لەيلىقازاق، رەيھانگۈللەر ھەر قانچە گۈەل بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۈزۈش تەس بولغان ئېگىز دەرەختە ئۆسىدىغان ماگنولىيە، ئەرگۇۋانلارنى ئۈزگۈسى كېلەتتى، ھەتتا قولغا كەلتۈرۈش تەسلا ئەمەس، بەلكى مۇمكىن بولمايدىغانلارنى ئارزۇ قىلاتتى. ھەددىدىن زىيادە قايناق ھېسسىياتى قول يەتمەيدىغان يىراقلاردىكى گۈزەللىكلەرگە يەنى ئاسماندىكى يۇتۇزلارغا تەلپۈنەتتى. مۇبادا ئاسماندىكى ئۇ يۇلتۇزلارنى دېڭىز ساھىلىدىكى شېغىل تاشلاردەك كۆز ئالدىدا كۆرسە، بەلكىم ئۇلارنىمۇ بۇنچە قايناق ھېسسىيات بىلەن سۆيمەس ئىدى.
  ھالبۇكى، كۆزلىرى، چاچلىرى، لەۋلىرى، تىرناقلىرى، چىشلىرى يۇلتۇزدەك نۇر چاقناپ تۇرىدىغان گۈزەل ياش خانىمنىڭ نەزىرىمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش قول يەتمەيدىغان يەرلەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇلار ھەر ئىككىلىسى بىر تىپتىكى كىشىلەر بولسىمۇ، بىراق ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يەنىلا پەرق بار ئىدى. ئۇ گۈزەل خانىمنى تېخى قولغا كەلتۈرەلمەيۋاتقان چاغلاردا، ئۇنىڭدا بۇ خانىمغا نىسبەتەن ئوتتەك ئىشتىياق قوزغالغان بولسا، ئۇنى قولغا كەلتۈرگىنىدە، ئۇ ئەمدى ئالىقىنىدىكى ئادەتتىكى بىر نەرسىەە ئايلىنىپ قېلىپ، بۇرۇنقى جەزبىدارلىقىنى يوقىتاتتى. ئۇ خانىممۇ ئادەتتىكى ئەرلەرنى ياقتۇرمايتتى. مەڭگۈ ياقتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆيىدىغىنى ھەرگىز ئادەتتىكىلەردىن بولماسلىقى كېرەك ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ گۈزەل خانىمنىڭ تۇنجى ئاشىقى ئۆزىدىن خېلى چوڭ، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق، بالا - چاقىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ئىشلاrنى بىلىدىغان بىر قاقۋاش ئىدى. ئۇ ئەمدىلا بويىغا يەتكەن ياش قىزلار قاتارىغا قەدەم قويغاندا ئاشىق بولغان بۇ ئەر يېشى، تەجرىبىسى، سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن ئۇنىڭغا شۇنچە يىراق ئىدىكى، بۇ قول يەتمەيدىغان يىراقلىق ياش قىزنى ئەقلىدىن ئازدۇرۇپ قوياي دېگەنىدى. ئۇ ئەڭ يىراقتىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى.
  قىز ئۇنىڭغا داۋاملىق يېقىنلىشىشقا تىرىشتى. ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولدى يەنى بۇ ئادەم بىر چاغلاردا بالا دەپ قارىغان گۈزەل قىزغا ئەسىر بولغانىدى. بۇ قىز بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن ئۇ ھەرقانداق بەدەل بېرىشكە تەييار ئىدى. ياق ... ئۇ ئەمدى قولغا كەلمەيدۇ دەپ قارىغان قىزنىڭ ئالىقىنىدا ئىدى. دەرۋەقە ئۇ بۇ قىزنى قولا كەلتۈرگەن ھامان ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكىنىدەك، بۇ قىزمۇ بىر چاغلاردا زور ئىشتىياق بىلەن تەمە قىلغان بۇ ئەرنىڭ ئەمدى ئۆزىدىن يىراق جايدا تۇرىدىغان ئادەتتىكى بىر ئادەم ئىكىەنلىكىنى سېزەتتى. ئۇنىڭ ياقتۇرىدىغىنى قانچە يىراقتا بولسا، ئۇنى شۇنچە مۇكەممەل دەپ قارايتتى. مۇكەممەل دەپ قارىغىنى چاڭگىلىغا كىرگەندە، ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرى، خاتالىقىلرى ھەتتا رەزىللىكلىرى نامايان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سوۋۇيتتى.
  ھازىر زىياپەت ئۈستىلىدە يېنىدا ئولتۇرغان بۇ ئادەممۇ نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىراقتىكى قولغا كەلمەيدىغانلاردىن بىرى ئىدى.
  ھەر ئىككىلىسى يىراقتىكىلەرنىڭ ئەسىرى ئىدى.
  ئۇلار پاراڭلىشىۋاتاتتى. تاغدىن - باغدىن سۆزلىشەتتى، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق كۈلۈشەتتى. بۇ ئاەم ئەر بىلەن ئايالنىڭ كەلسە - كەلمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ۋە كۈلۈش زادى ھاجەتسىز نەرسىلەرگىمۇ ئىنتايىن ھاياجان بىلەن كۈلۈۋېرىشىنى سۆيگۈ مۇقەددىمىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى دەپ بىلەتتى.
  بۇ ئادەم يەنە بىر قولى يەتمەيدىغان شاپتۇلغا قول ئۇزاتقانمىدۇ؟ ھە، دەل شۇنداق، بۇ گۈزەل ياش خانىم ئۇنىڭغا كۆڭۈللۈك ئارام بېغىشلايدىغان ئاخىرقى بېكەت بولسا كېرەك.
  بالىلىق چاغلار ياكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەر بولسىغۇ باشقا گەپ...بىراق، بۇ دەملىك بولغاندا بۇ نېمىدېگەن ھەيران قالارلىق كىشنىشىش - ھە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېشىدا قانداقلارچە بالىلىق چاغلىرىدىكى غوۋاغالىرىنى ئەسلەپ قالغاندۇ؟ ھەر ھالدا ئۇ چاغلاردا كۈچى يېتىدىغان، ئۆزىدىن ئاجىزلار بىلەن ھېچقاچان غوۋغالاشمايتتى. كۈچى يەتمەيدۇ دەپ قارىغانلار بىلەن بولسا غوۋاغالىشىشتىن زادى يانمايتتى...
  كۆزلىرى، چاچلىرى، لەۋلىرى، تىرناقلىرى، چىشلىرى نۇر چاقناپ تۇرىدىغان خانىم يېنىدىكى ئەپەندىگە >قۇش< دېسە، ئۇ ئادەممۇ >قۇش< دەيتتى، ئاندىن ئىككىلىسى كۈلۈشەتتى.
  ئۇ ئادەم يېنىدىكى خانىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ، >بۇلۇت< دېسە، خانىممۇ >بۇلۇت< دەيتتى، يەنە كۈلۈشەتتى. خانىم ئۇ ئەپەندىگە سوقۇلۇپ، >بېلىق< دېسە، ئۇ ئەپەندىمۇ >بېلىق< دەيتتى.
  ئەر >ھەئە< دېسە، ئايالمۇ >ھەئە< دەيتتى، ئايال >ياق< دېسە ئەرمۇ >ياق<دەيتتى ۋە توختىماستىن كۈلۈشەتتى.
  ئۇلار نېمىدېگەن ماسلاشقان - ھە؟ ... ئۇ ئادەم ئويلىدىكى، بۇرۇن ئۆمۈر مارافونىدا ئۆزىگە كۆڭۈللۈك ئارام بېغىشلايدىغان ئاخىرقى بېكەت دەپ قارىغانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بۇنداق بولۇپ چىقمىغانىدى. مەسىلەن، ئۇ ئۇلارغا >قۇش< دېسە، ئۇلار >بېلىق< دەيتتى. ئۇلار >گۈل< دېسە، ئۇ >يوپۇرماق< دەيتتى. ئۇ >دېڭىز< دېسە، ئۇلار >ئاسمان< دەيتتى.
  ئۇ ئىككىيلەن شۇ قەدەر بەختىيار ۋە بىر - بىرىگە شۇ قەدەر ھېرىس ئىدىكى، ھەر ئىككىلىسى ئېچىلىپ - يېيىلىپ كۈلۈشەتتى، ئوخشاش نەرسىلەرنى ئويلاپ، ئوخشاش نەرسىلەر توغرىسىدا ئاجايىپ قىزغىن سۆزلىشەتتى.
  ئۇلارنىڭ بۇنداق كۆپ ئىچىشى ۋە بۇنداق مۇڭدىشىپ كۈلۈشۈشلىرى بەلكىم ۋۇجۇدىدىكى ئىجتىمائىي بېسىمنى ئۇنتۇپ، ئۆز ھەۋەسلىرى بىلەنلا بولۇش ئۈچۈن بولسا كېرەك.
  ئۇلار رېستۇراندىن ناھايىتى كەچ قايتىپ، تاكسىغا ئولتۇردى. ياش خانىمنىڭ قولى ئۇ ئادەمنىڭ ئالىقىنىدا ئىدى.
  - ئىنايىن خۇشالمەن ... - دېدى ئۇ ئادەم.
  - مەن سىزنى خېلى يىللاردىن بېرى ياخشى كۆرۈپ كەلگەنىدىم ... - دەپ جاۋاب قايتۇردى خانىم.
  ئۇلار سۆيۈشكەندە، ئۇ ئادەم بۇرۇن زادى سۆيۈشۈپ باقمىغاندەك، ھاياتىدا تۇنجى سۆيۈشنىڭ تەمىنى تېتىدى. قۇچىقىدىكى خانىمنىڭ چاچلىرىنى سىلىغىنىدا، ئالىقانلىرى ئۇنىڭ چاچلىرىدىكى ھارارەت بىلەن ئىللىدى. خانىم، >سىزنى سۆيىمەن< دېگەندە، ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرى، لەۋلىرىدە ئوت چاقناپ كەتتى.
  ئۇلار ئەتىسى كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى.
  ئاخىرقى بېكىتىنى تاپقىنىغا قەتئىي ئىشەنگەن ئۆمۈر مارافونچىسى تۈن يېرىمىغىچە ئۆيىگە كىرمىدى، چۈنكى ئۇ بەختىيارلىق، خۇشاللىق ۋە گۈزەللىكلەرگە شۇنداق غەرق بولغان ئىدىكى، قىن - قىنىغا سىغماي قالغانىدى. كەيپى ئۆرلەپ قالغاچقا كوچىدا ئۇيان - بۇيانغا ئىرغاڭلاپ، يا مېڭىۋاتقىنىنى، يا ئۇچۇۋاتقىنىنى بىلمەيتتى. بەزىدە بىرەر نەرسىگە سوقۇۇپ دەلدەڭشىپ كېتەتتى، ئاياغلىرىغا بىر نەرسىلەر پۇتلاشقاندەك بولاتتى. باش - ئايىغى يوق ناخشىلارنى ئېيتاتتى. بۇ ناخشىلار ئۇ تۇنجى قېتىم ۋە ئاخىرقى قېتىم ئېيتقان ھەمدە ئۆزىدىن باشقا ئاڭلىغۇچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ، دۇنيادا ئەڭ ئېسىل ناخشىrلا ئىدى ۋە بۇ مۇھەببەت ناخشلىرىنى ئۆزىمۇ قايتا تەكرارلاپ ئېيتالمايتتى.
  ئۇ تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغان سەھەر ۋاقتىدا ئاندىن ئۆيگە كىردى.
  شۇ كېچىدىن كېيىن ئۇ خېلى كۈنلەرگىچە ئۆزى قۇراشتۇرغان چۆچەكلەر ئالىمىدە ياشىدى. ھېلىقى خانى بىلەن زادى قانچىلىك ۋاقىت بىللە بولۇشقىنىنى بىلەلمىدى. بەلكىم ئىككى ئاي، بىر - ئىككى يىل ياكى بىر - ئىككى يۈز يىل ... ئۇلارنىڭ ئاشۇ تۇنجى كېچىدىكى ئۆز ئارا ماسلىشىشى توختاپ قالمىدى. خانى >قۇش< دېگەن بولسا، ئۇ ئادەممۇ >قۇش< دەيتتى، ئۇ ئادەم >گۈل< دېگەن بولسا، خانىممۇ >گۈل< دەيتتى.
  بىر كۈنى ئۇلار بىر كىچىلىك ئورمانلىقتا قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىپ تۆپىلىكتىكى بىر دەم ئېلىش ئورنىغا كەلدى. كۆلەڭگىگە قويۇلغان ئۈستەللەرنىڭ بىرىنى تاللاپ ئولتۇرۇشقانىدى، ئەتراپىدا ئولتۇرغانلار خىر - خىر كۈلۈشتى. ئۇلار تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنى بۇيرۇدى. پەستىكى ئورمانلىقنىڭ ئۆزگىچە يېشىللىقلىرى يەڭگىل دولقۇنلىناتتى. سەل يىراقتا كۆپكۈك دېڭىز داۋالغۇپ تۇراتتى.
  - بىلەمسىز؟ - دېدى ئۇ ئادەم، - گويا بۇنىڭدىن بۇرۇن سىزدىن باشقا بىرىگە ئاشىق بولمىغاندەك تۇرىمەن. ھېچكىمنى سىزدەك سۆيمىگەنىدىم.
  ئۇ بۇ گەپنى قىلىپ بولۇپلا، قېلىپلىشىپ قالغان ئادەتتىكى بىر سۆزنى قىلغاندەك ھېس قىلدى.
  - ھەربىر ئاخىرقى مۇھەببەت شۇنداق بولىدۇ، - دېدى خانىم.
  ئۇ ئادەم ئەندىكىپ كەتتى ۋە تەئەجقۇپلەنگىنىنى بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشتى. لېكىن، بۇ خانىم، ئۇ بىر ھەقىقەتنى ئېيتتى دەپ ئويلىدى. ئۇنداقتا ئۇ نى ئەندىكتۈرگەن نەرسە نېمە؟ ياكى ئۇ راست گەپنى قىلغانلىقىدىن چۆچۈپ كەتتىمۇ؟
  ئۇ ئۆزىنى نېمە تەئەجقۈپلەندۈرگىنىنى دەسلەپ چۈشىنەلمىگەنىدى. ئويلاش ئارقىلىق نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقىنى چۈشەندى. ھەربىر ئاخىرقى مۇھەببەت ئالدىنقىلىرىدىن ئالاھىدە بىلىنسە - دەرۋەقە شۇنداق - بۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭمۇ باشقا ئاخىرقى مۇھەببەتلىرى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ بىراق، بۇ ئادەم چاچلىرى، لەۋلىرى، كۆزلىرى، تىرناقلىرى ۋە چىشلىرى نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بۇ خانىمنى ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ھېسابلىغانلىقى ۋە مۇشۇنداق بولۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەسلىدە ئۇنىڭغا: >سەن مېنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە ئاشىقىم< دېيىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئالاھىدە مۇھەببەتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى ئىدى.
  - نېمە ئويلاۋاتىسىز؟ - دەپ سورىدى خانىم.
  - ھېچنەرسە ... - دېدى ئۇ ئادەم.
  - ھېچ ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش، - دېدى خانىم.
  ئۇ ئادەم ئۆزى >گۈل< دېگەندە خانىمنىڭمۇ >گۈل< دېيىشىنى، خانىم >بېلىق< دېگەندە، ئۆزىنىڭمۇ >بېلىق< دېيىشىنى ئۆزئارا ماسلىشىش دەپ قارايتتى. لېكىن، ئەمدى ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى شۇ كۈنى شۇ يەردە چۈشەندى. خانىم >گۈل< دەپ قەلەمپۇرنى چۈشەنسە، ئۇ ئادەم قىزىلگۈل دەپ چۈشىنەتتى؛ خانىم >قۇش< دېگەندە قۇشقاچنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسە، ئۇ ئادەم كەپتەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى.
  ئۇلار يەنە پاراڭلىشىۋاتاتتى. گاھ - گاھ بىر - بىرىگە >ھەئە< ياكى >ياق< دېيىشەتتى. بىراق >ھەئە< ياكى >ياق< لاردىن ئىككىلىسى ئايرىم - ئايرىم نەرسىلەرنى چۈشىنەتتى يەنى ئۇلار بىر تۆشەكتە يېتىپ، باشقا - باشقا چۈش كۆرۈشەتتى.
  خانىم كۆرۈپ يەتتىكى، ئۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلىغان ئادەممۇ باشقىلار ئېرىشەلمىگۈدەك بىرى ئەمەس، ئادەتتىكى بىر ئادەم ئىكەن.
  ئۇ ئادەم كۆرۈپ يەتتىكى، ئۇ قولغا كەلتۈرەىلى بولمايدۇ دەپ ئويلىغان ياش خانىممۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئايال ئىكەن.
  ئۇ ئادەم خانىمغا قارىدى، ئۇنىڭ چااچلىرى، لەۋلىرى كۆزلىرى، تىرناقلىرى ۋە چىشلىرىدىن ئەمدى ھېچقانداق نۇر چاقنىمايتتى، بۇ نېمە بولغىنى؟ ئۇ نۇرلار قەيەرلەرگە كەتكەندۇ؟
  - مەن يەنە يۈگۈرىمەن، - دېدى خانىمغا ئۇ ئادەم.
  - نەگە؟ - دەپ سورىدى بۇ ئادەمنىڭ ئۆمۈر مارافونچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن خانىم.
  - ئاخىرقى بېكىتىمگە... - دېدى ئۇ ئادەم.
  خانىم ئۇ ئادەمنى بىرەر قاتناش ۋاسىتىسىغا يېتىشىۋالماقچى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ:
  - نېمىگە ئالدىرايسىز؟ - دېدى.
  - چۈنكى، - دېدى ئەپەندى، - كېچىككەن ۋاقتىمنى تولۇقلىۋېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تېز يۈگۈرۈشۈم كېرەك.
  ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئورماندىن پەسكە چۈشتى ۋە بىر - بىرىنى سۆيۈشۈپ ئايرىلدى.
  ئۇ ئادەم ئەمدى ھېلىقى قەدىمىي ئىمارەتنىڭ ئېگىز تورۇسلىرى نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن خانىسىنىڭ كەڭتاشا يۇيۇنۇش ئۆيىدىكى تام ئەينەكنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۆڭۈللۈك ئارام ئېلىشقا تەييارلىنىش ئۈچۈن تارىنىۋېتىپ، يەنە ئۆز - ئۆزىگە:
  - بەلكىم بۇ ئاخىرقى بىكەتتۇ .... - دېدى.
  - كىم بىلسۇن، بەلكىم ... قاراڭلار بۇ كېلىشمەسلىكىن ... ئۇ قاچانىكى ساقىلىنى ھەۋەس بىلەن قىرسىلا يۈزىنى كېسىۋالاتتى.
  ئۇ چىرايىغا ھەر خىل شەكىللەرنى بېرىپ ئەينەكتە ئۆزىنى تاماشا قىلدى: تىلىنى چىقارغانىدى، ئەينەكتىكى شولىسىمۇ ئۇنىڭغا تىلىنى چىقاردى.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر