ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:دانىشمەن بېغى - ھېكايىلەر - ھەرە ئۇۋىسىدا باھار

ھەرە ئۇۋىسىدا باھار

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:54:02 كۆرۈلىشى: $$访问$$



 ھەرە ئۇۋىسىدا باھار
 كۈز كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى، بىر نەچچە چۈمۈلە يەردە ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتقانىكەن.
  بۇ چاغدا، بىر بوغۇن ھەرە ئۇچۇپ كەپتۇ. ئۇ چۈمۈلىلەرنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:
  - سىلەر بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟
  - كىچىك چۈمۈلىلەردىن بىرى:
  - ئاپتاپسىنىۋاتىمىز! ھاۋا بەك سوغۇق! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
  - سىلەر نېمىشقا ئۇۋاڭلارغا كىرىپ كەتمەيسىلەر؟ ئۇۋا ئىسسىققۇ! - دەپتۇ بوغۇن ھەرە.
  - ئۇۋىمىزنىڭ ئىچى چىلىق - چىلىق ھۆل، تولىمۇ سوغۇق! بولمىسا بىز بۇ يەردە ئاپتاپسىنىپ نېمە قىلاتتۇق؟ - دەپتۇ يەنە بىر چۈمۈلە.
  - ئەجەبا، سىلەرنىڭ ئۇۋاڭلاردا ئۇۋىنى ئىسسىتقىلى بولىدىغان نەرسە يوقمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ بوغۇن ھەرە.
  بىر كىچىك چۈمۈلە:
  - نېمە؟ سىلەرنىڭ ئۇۋاڭلاردا ئوچاق بارمىدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
  باشقا چۈمۈلىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ!ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن:
  - بوغۇن ھەرە، قارىغاندا سىلەرنىڭ ئۇۋاڭلاردا نۇرغۇن ئوچاق بار ئوخشىمامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
  - گەرچە ئۇۋىمىزدا ئوچاق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇۋىمىزنى مەخسۇس ئىسسىق ساقلايدىغان بوغۇن ھەرىلەر بار! - دەپتۇ بوغۇن ھەرە:
  - چۈمۈلىلەرگە بۇ يېڭىلىق تۇيۇلۇپ، قىزىقسىنىپ سوراپتۇ:
  - ئۇ بوغۇن ھەرىلەر ئۇۋاڭلارنى قانداق ئىسسىتىدۇ؟
  - بۇنىڭ چارىسى ناھايىتى ئاددىي، - دەپتۇ بوغۇن ھەرە، - ئۇۋىمىز مۇزلاپ كەتكەندە، بىر قىسىم بوغۇن ھەرىلەر دەرھال قورساقلىرىنى توختىماي ئىچىگە تارتىپ كۆپتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى ھەرىكەتلەنگەن مۇسكۇللار نۇرغۇن ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ - دە، ناھايىتى تېزلا ئىسسىشقا باشلايدۇ.
  چۈمۈلىلەر بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھالدا:
  - ھوي، قارىغاندا بوغۇن ھەرىنىڭ ئۇۋىسىدا تىرىك ئوچاق بارىكەندە! - دېيىشىپتۇ.
  بىر چۈمۈلە شوخلۇق قىلىپ:
  - مېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئوچاقكەن. كۆمۈر قالىمىسا، مەش ئىشلەتمىسە، گاز بىلەن زەھەرلىنىشتىنمۇ قورقمايدۇ - دە! - دەپتۇ.
  - شۇڭا بىزنىڭ ئۇۋىمىز خۇددى باھاردەك، ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس - دەپتۇ بوغۇن ھەرە.
  بىر چۈمۈلە سەل ئويلىنىپ يەنە سوراپتۇ:
  - بۇ مۇمكىن ئەمەس، ھاۋا سوغۇق بولغاندىغۇ  ئۇۋاڭلارنى ئىسسىتالايدىكەنسىلەر، ياز كۈنى قانداق قىلىسىلەر؟
  - ئۇنىڭغىمۇ ئامالىمىز بار، - دەپتۇ بوغۇن ھەرە، - يازدىمۇ ئوخشاشلا ئۇۋىمىز ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس قىلالايمىز.
  - سىلەرنىڭ قانداق ئامالىڭلار بار، - دەپ سوراپتۇ چۈمۈلىلەر.
  - ياز بولغاندا، بىر قىسىم بوغۇن ھەرىلەر دائىم دەريالاردىن سۇ توشۇپ كېلىدۇ، - دەپتۇ بوغۇن ھەرە.
  - سۇ توشۇپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئىچەمسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ چۈمۈلىلەردىن بىرى.
  - ئىچمەيمىز. ھەمراھلىرىم سۇنى توشۇپ كېلىپ، ئۇۋىنىڭ ئىچىگە چاچىدۇ، - دەپتۇ بوغۇن ھەرە.
  چۈمۈلىلەر يەنە سوراپتۇ:
  - ئۇۋا ئىچىگە سۇ چاچقاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟
  - ئەلۋەتتە پايدىسى بار، سۇ پارغا ئايلانغاندىن كېيىن ئۇۋىدىكى ئىسسىق ھاۋانى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇۋىمىز ناھايىتى تېزلا سالقىنلاشقا باشلايدۇ، - دەپتۇ بوغۇن ھەرە.
  بۇ نۆۋەت چۈمۈلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشىنىپتۇ. ئۇلار زوقلانغان ھالدا:
  - بوغۇن ھەرىلەرنىڭ ئۇۋىسى ھەقىقەتەنمۇ قالتىسكەن! چوقۇم ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورۇنلاشتۇرغاندەك راھەت بولسا كېرەك! - دېيىشىپتۇ.
  بوغۇن ھەرە مەغرۇرلانغان ھالدا:
  - بۇ بىزنىڭ ئەمگىكىمىز ئارقىلىق كەلگەن باھار - دە! دەپتۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر