ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:دانىشمەن بېغى - ھېكايىلەر - زىياپەتتىكى يېمەكلىكلەر

زىياپەتتىكى يېمەكلىكلەر

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:53:44 كۆرۈلىشى: $$访问$$



 زىياپەتتىكى يېمەكلىكلەر
 يېڭى يىل كىرگەندە، دېڭىزدا كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن. زىياپەت بولغانىكەن، نۇرغۇنلىغان ياخشى يېمەكلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي، ئەلۋەتتە.
  كىچىك تىيۇلىن بىلەن كىچىك دېڭىز ئارسلىنى زىياپەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىكەن، ئۇلار مېھمانلارنىڭ تىزىملىكى بويىچە، ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا خىلمۇ خىل يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپتۇ.
  مەسىلەن، ئۇلار ئىپار كىتىغا سىياھ بېلىق، دېڭىز كالىسىغا سېۋەتلەپ دېڭىز ئوتى، دېڭىز قامىسىغا خىلمۇ خىل قۇلۇلىلەرنى تەييارلاپتۇ.
  ئەمما كۈل رەڭ كىتقا كەلگەندە، كىچىك تيۇلىن كىچىك دېڭىز ئارسلىنى غەمگە چۆكۈپتۇ. چۈنكى كۈل رەڭ كىت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدۇ - دە! ئۇلار كۈل رەڭ كىتنىڭ نېمە يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پەقەت بىلەلمەپتۇ.
  - كۈل رەڭ كىت بەكمۇ چوڭ، مېنىڭچە ئۇ چوقۇم ناھايىتى چوڭ بېلىق يەيدۇ! - دەپتۇ كىچىك تيۇلىن.
  - يېگەندىمۇ چوقۇم ناھايىتى كۆپ يەيدۇ! - دەپتۇ كىچىك دېڭىز ئارسلىنى.
  - بىز ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ بېلىقتىن 100 نى تەييارلايلى! - دەپتۇ كىچىك تيۇلىن.
  - خاتا تەييارلاپ قويساق، زىياپەتتە ئۇ خاپا بولۇپ قالمىسۇن، مېنىڭچە ئاۋۋال بېرىپ ئۇنىڭدىن سوراپ باقايلى، - دەپتۇ كىچىك دېڭىز ئارسلىنى.
  شۇنداق قىلىپ، كىچىك تيۇلىن بىلەن كىچىك دېڭىز ئارسلىنى كۈل رەڭ كىتنى ئىزلەپ ئەھۋال ئۇققىلى بېرىپتۇ. ئۇلار كۈل رەڭ كىتنى تېپىپ سوراپتۇ، لېكىن ھەر ئىككىسى قايمۇقۇپ قاپتۇ.
  سىز تېپىپ بېقىڭە، كۈل رەڭ كىت نېمە يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ ئۇ شۇنچە چوڭ تۇرۇپ كىچىك راكلارنى يەيدىكەن ئەمەسمۇ!
   - نېمە سەن راڭ يەمسەن؟ سەن نېمىشقا بېلىق يەيسەن؟ - كىچىك تيۇلىن ئىشەنمىگەندەك سوراپتۇ.
  - مېنىڭ چىشىم بولمىسا، بېلىقنى قانداق يەيمەن؟ - دەپتۇ كۈل رەڭ كىت.
  - بۇ تازىمۇ بىر ئاۋارە ئىش ئىكەن، سەن بىر ۋاخلىق تامىقىڭدا قانچىلىك راك يەيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ كىچىك دېڭىز ئارسلىنى.
  كۈل رەڭ كىت سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
  - بىر توننا راك بولسا تويارمەن، - دەپتۇ.
  - ۋاي خۇدايىم، سەن بىر توننا راك يەمسەن! - دەپتۇ كىچىك تيۇلىن.
  - بىر توننا راك نەچچە مىڭ، نەچچە ئون مىڭ دانە كېلىدىغاندۇ - ھە؟ - دەپتۇ كىچىك دېڭىز ئارسلىنى.
  - كۈل رەڭ كىت، بۇ ئىشنى بېجىرىش تەسرەك ئوخشايدۇ. بىر توننا راكنى سەن خېلى ئۇزۇندا يېسەڭ، زىياپەتتە كۆپچىلىك سېنى كۈتۈپ ئولتۇرامدۇ؟ - دەپتۇ كىچىك تىيۇلىن.
  - سىلەر ئەنسىرىمەڭلار، - دەپتۇ كۈل رەڭ كىت كۈلۈپ تۇرۇپ، - بىر توننا راكنى مەن بىر قانچە كاپامدىلا يەپ بولىمەن!
  كىچىك تيۇلىن بىلەن كىچىك دېڭىز ئارسلىنى گۇمانلىنىپ سوراپتۇ:
  - سەن قانداق يەيسەن؟
  - ئىككىڭلار قاراپ بېقىڭلار، ئاغزىمدا نېمە بار ئىكەن؟ - دەپتۇ.
  كىچىك دېڭىز ئارسلىنى بىلەن كىچىك تيۇلىن بېشىنى سوزۇپ كۈل رەڭ كىتنىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئاغزىدا نۇرغۇن ئۇزۇن بۇرۇتچىلار بارلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار تولىمۇ ھەيران بولۇپ:
  - بۇ نېمە قىلىدىغان نەرسە؟ - دەپ سوراپتۇ.
  كۈل رەڭ كىت:
  - بۇ سۈزگۈچ دەپ ئاتىلىدۇ، مەن راكنى يېگەندە پۈتۈنلەي شۇنىڭغا تاينىمەن، مەن راكنى يېگەن ۋاقتىمدا راك بىلەن دېڭىز سۈيىنى قوشۇپ بىراقل يۈتىمەن، - دەپتۇ.
  - سېنىڭ بۇ ئۇسۇلۇڭ ئانچە ئاقىلانە ئەمەسكەن، مېنىڭچە سەن دېڭىز سۈيىنى ئىچىپلا تويۇپ قالغۇدەكسەن! - دەپتۇ كىچىك تيۇلىن.
  - مەن ئۇنداق ئەخمەق ئەمەس، - دەپتۇ كۈل رەڭ كىت، - مەن راك بىلەن دېڭىز سۈيىنى ئاغزىمغا ئالغاندا، ئاغزىمدىكى تۈكلەر تىك تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، مەن ئاغزىمدىكى سۇنى سىقىپ چىقىرىۋېتىمەن. لېكىن راكلارچۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ ئەلگەكتەك بۇرۇتچىلىرىم توسىۋالىدۇ - دە، راكلار ئاغزىمدا قېلىپ، ماڭا ئوزۇق بولىدۇ.
  ئەسلى كۈل رەڭ كىت نەرسىلەرنى مۇشۇنداق يەيدىكەن - دە، كىچىك دېڭىز ئارسلىنى بىلەن كىچىك تيۇلىن خاتىرجەم بوپتۇ. ئۇلار كۈل رەڭ كىت بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا راك تەييارلاشقا تەرەددۈتلىنىپتۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر