ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:دانىشمەن بېغى - ھېكايىلەر - كىم پالۋان

كىم پالۋان

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:52:39 كۆرۈلىشى: $$访问$$



  كىم پالۋان
بىر كۈن داۋاملاشقان پالۋانلار مۇسابىقىسى ئاياغلىشىپ، ئەڭ ئاخىرى پىل چېمپىيون بوپتۇ، چۈنكى پىل ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك - تە! ئۇ خارتومى بىلەن خېلى توم بىر دەرەخنى يۆگەپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇۋېتىپتۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ خېلى يىراق مېڭىپتۇ.
  قىزغىن  ئالقىش سادالىرى ئىچىدە رېپىر ئورانگۇتان پىلغا مۇكاپات مېدالى بېرەي دەپ تۇرۇشىغا، تۇيۇقسىز ۋاڭ - چۇڭ كۆتۈرۈلۈپتۇ.
  ئەسلىدە، بىر توپ قوڭغۇز دەرغەزەپ بىلەن مۇسابىقە مەيدانىغا كىرگەنىكەن. ئۇلار بىر تەرەپتىن مېڭىپ، يەنە بىر تەرەپتىن:
  - بىز قارشى، بىز قارشى! - دەپ توۋلاپتۇ.
  - سىلەر نېمىگە قارشى؟ - دەپ سوراپتۇ ئورانگوتان.
  - نېمە ئۈچۈن پالۋانلار مۇسابىقىسىنى بىزگە خەۋەر قىلىپ قويمايسىلەر؟ - دەپتۇ باشلامچى قوڭغۇز.
  ئورانگۇتان بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈۋەتكىلى تاس قاپتۇ. ئۇ:
  - نېمىشقا سىلەرگە خەۋەر قىلىمىز؟ كەركىدان ۋە سۇ ئېتىغا  ئوخشاش چوڭ ھايۋانلارمۇ پىلغا تەڭ كېلەلمىگەن يەردە، سىلەر كىچىككىنە تۇرۇپ ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈكمىدىڭلار؟ - دەپتۇ.
  باشلامچى قوڭغۇز:
  - گەرچە كىچىك بولساقمۇ، لېكىن بىزمۇ ھايۋان - دە، يەنە كېلىپ، بىز تېخى ماھارەت كۆرسەتمىسەك، يارىمايدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلەلەيسىلەر؟ - دەپتۇ.
  ئورانگۇتان بۇنى ئاڭلاپ قوڭغۇزنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ:
  - بولىدۇ، ئۇنداقتا سىلەر ئەڭ ياخشى ماھارىتىڭلارنى كۆرسىتىپ بېرىڭلار!
  بۇ چاغدا، باشلامچى قوڭغۇز قولىنى بىرلا پۇلاڭلىتىپ:
  - قېرىنداشلار، پويىزىمىزنى سۆرەپ چىقىڭلار! - دەپ.
  ھايۋانلار بۇنى ئاڭلاپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاپتۇ. نېمە؟ مۇشۇ بىر نەچچە قوڭغۇزچاق پويىز سۆرىيەلەمدۇ؟ پىلمۇ بۇنداق پو ئاتالمايدۇ!
  بىر دەمدىن كېيىن قوڭغۇزلار پويىزنى سۆرەپ چىقىپتۇ. ھايۋانلار ئۇنى كۆرۈپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. ئەسلى ئۇ بىر ئويۇنچۇق پويىزكەن!
  پىل كۈلۈپ تىلىقىپ قاپتۇ. ئۇ:
  - بۇنداق پويىزدىن مەن 5000 نى سۆرىيەلەيمەن! - دەپتۇ.
  باشلامچى قوڭغۇز كۈلمەپتۇ، ئۇ پويىزنىڭ بېشىدىكى يىپنى بوينىغا كىرگۈزۈپ، پويىزنى كۈچەپ تارتىشقا باشلاپتۇ. باشقا قوڭغۇزلار ئۇنىڭغا «غەيرەت!» دەپ ۋارقىراپ مەدەت بېرىپتۇ. بىردەمدىلا باشلامچى قوڭغۇز بوش يەرنى بىر ئايلىنىپ چىقىپتۇ.
  ئورانگۇتان باشلامچى قوڭغۇزغا:
  - سېنىڭ بۇ نومۇرۇڭ بەك ئاددى ئىكەن، سەن بايا پىلنىڭ بۇنداق ئويۇنچۇق پويىزدىن 5000 نى سۆرىيەلەيمەن دېگىنىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ قارىغاندا سىلەرنىڭ چېمپىيون بولۇشىڭلاردىن ئۈمىد يوقتەك تۇرىدۇ! - دەپتۇ.
  - مەن ئەمدى سوراپ باقاي، - دەپتۇ باشلامچى قوڭغۇز، - پىلنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك كېلىدۇ؟
  - پىل، سەن قانچىلىك كېلىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ ئورانگۇتان.
  - بەش توننا كېلىمەن، - دەپتۇ پىل.
  باشلامچى قوڭغۇز يەنە سوراپتۇ:
  سەن ئەڭ ئېغىر بولغاندا قانچىلىك نەرسىنى سۆرىيەلەيسەن؟
  پىل بۇنىنى پۇلاڭلىتىپ مەغرۇرلانغان ھالدا:
  - مەن 20 توننىدىن كۆپرەك نەرسىنى سۆرىيەلەيمەن، ئۇ بەدەن ئېغىرلىقىمنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ! - دەپتۇ.
   - پىل گەرچە كۈچلۈك بولسىمۇ، - دەپتۇ، باشلامچى قوڭغۇز، - ئەمما ئۆزىدىن ئاران بەش ھەسسە ئېغىر نەرسىنى سۆرىيەلەيدىكەن. بۇنىڭ مەغرۇرلانغۇدەك يېرى يوق.
  - ئۇنداقتا سەنچۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئورانگۇتان.
  - مېنىڭ ئېغىرلىقىم ئاران ئالتە گرام كېلىدۇ. لېكىن مەن سۆرىگە بۇ ئويۇنچۇق پويىزنىڭ ئېغىرلىقى 1093 گرام كېلىدۇ بۇ مېنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمنىڭ 182 ھەسسىسىگە تەڭ، ئۇ پىلنىڭ سۆرىيەلەيدىغان نەرسىسىدىن كۆپ ئېغىر. ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار مەن بىلەن ئويۇنچۇق پويىزنى تارازىغا سېلىپ بېقىڭلار! - دەپتۇ.
  ئورانگوتان بۇنى ئاڭلاپ قوڭغۇزنىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ بىلىپتۇ. قوڭغۇز گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن كۆپ چوڭ بولغان نەرسىلەرنى سۆرىيەلەيدىكەن. قارىغاندا، قوڭغۇز ھەقىقىي پالۋان ئىكەن.
  ئاخىرى ئورانگۇتان پالۋانلىق مېدالىنى قوڭغۇزغا بېرىپتۇ. قوڭغۇزلار مۇكاپات بېرىلگەن مېدالنى ئويۇنچۇق پويىزغا سېلىپ، يول بويى ناخشا ئېيتىپ، خۇشال، - خورام ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر