تېرە كىرسە قانداق بولار؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-28 12:47:07 كۆرۈلۈش سانى : 1332
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەپەندىمنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بېقىۋاتقان قويى ئېغىلدىن قېچىپ چىقىپ، مەسچىتنىڭ ھويلىسىغا كىرىۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئىمام ئەپەندىمگە:
- ئەپەندىم، مەسچىت دېگەن ئاللانىڭ ئۆيى تۇرسا، قوي كىرىۋالسا يامان بولمامدۇ؟ - دەپ ئاچچىقى كەپتۇ.
- ئۇنداقتا، - دەپتۇ ئەپەندىم ئىمامغا سوئال نەزەرى بىلەن، - قۇربانلىق قوينىڭ تېرىسى كىرسە قانداق بولار؟
ئىمام ئەپەندىمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. |
|