تاگور نەسىرلىرى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-22 13:00:21 كۆرۈلۈش سانى : 151
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]
كۈتىدۇ نەي چالسۇن مېنى دەپ،
ئىگىسىنى كۆزى تۆت بولۇپ.
لېكىن تەڭرى ئىزدەپ ئاۋارە —
مۇشۇ نەيگە كۆيۈپ تەلمۈرۈپ.
گەر قارىغۇ بولغانداقەلەم،
چىنلىق يوق دەپ قارايدۇ قولغا.
مەنىسىزگە چىقىرىپ پۈتۈن،
ئەسەرنى تەڭ قىلمايدۇ پۇڭغا.
بولمىغاچقا ئايغا تەقدىم قىلغۇدەك گۈلى،
مۇشتلاپ كېتەر دېڭىز - ئوكيان چەكسىز كۆكسىنى.
غورىسىغا ئاققاندا شۆلگەي،
قالۇر چېچەك كۆزگە كۆرۈنمەي.
ئىلاھ ئولتۇرسىمۇ يۇلتۇزدا بىراق،
كۈتىدۇ ئىنساندىن ئۆزىگە چىراغ.
دەرەخزاردا كىشەنلەنگەن ئوت،
بولۇر ئاخىرباراقسان چېچەك.
قېچىپ چىققان شەرمەندە يالقۇن،
توزۇپ كېتەر كېرەكسىز كۈلدەك.
ئاينى ئەسىر قىلغىلى كۆكتە،
قۇرۇلمىغان ئەسلىدە قاپقان.
ئەركىنلىكى ئۆزىنى ئاينىڭ،
چۈشەك بىلەن تەقىبكە ئالغان.
كۆكنى پۈتۈن قۇچقان يورۇقلۇق،
شۇنچە ئازادە بولسىمۇ لېكىن.
يۈرە بىر تار ماكان ئاختۇرۇپ،
گىياھتىكى شەبنەم ئىچىدىن.
بايلىق ئۆزىنى چاغلىسىمۇ زور،
شۇ >زور< لۇق ئۇنىڭ ئۆزىگە سېلىق.
>ھايات< ئۆزىنى بىلسىمۇ پۈتۈن،
ئۇنى تولۇقلار نەرسە خۇشاللىق.
شەمشەر تىغى ئۆتكۈر بىگۇمان،
پەخىرلىنىپ ماختا ئۆزىنى.
تەپ تارتماستىن كۈلىدۇ ھەرئان،
زاڭلىق قىلىپ قۇياش نۇرىنى.
ياخشى كۆرۈپ قالدى كېپىنەك،
نېلۇپەرنى بىكارچىلىقتىن.
تىنىم تاپماي ھەسەل ھەرىسى،
شىرنە يىغىپ يۈرىدۇ لېكىن.
بالىلار قەلبىمگە ئېلىپ كېلىدۇ،
شامال ۋە سۇلاردىن يېقىملىق سادا.
چېچەكلەر سىرىنى، بۇلۇت چۈشىنى،
سۈبھىنىڭ تەئەججۈپ تولغان كۆزىنى،
ئىلھامنىڭ مەنبەسى قىلىدۇ ماڭا.
ھەسەن - ھۈسەن بۇلۇت ئارا،
بۈيۈكتۇر بەلكىم.
كېپىنەكلەر چاتقاللاردا،
ئۇلۇغ ئۇنىڭدىن.
تاڭنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تۇمان،
توقۇيدۇ قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن تور.
مەقسىتى سەھەرنى ئازدۇرۇپ بۇئان،
يوقاتماق بولىدۇ كۆزلىرىدىن نۇر.
تاڭ نۇرىدىن پىچىرلاپ سورىدى چولپان،
— چىققانمىدىڭ ئېيتقىنا پەقەت مېنى،— دەپ.
— ھە، سېنى دەپ،— جاۋابەن دېدى تاڭ نۇرى، —
لېكىن بەكرەك نامسىز ئاۋۇ گۈل - چېچەكنى دەپ.
قۇرسۇن دەپ زېمىننى،
خىيالىي جەننەت.
بىپايان بوشلۇقنى،
ساقلار كۆك ئەبەد.
سۆزلەيدىغان ھىلال ئاينى باشقىلار،
ساقلىماقتا كەم يېرىنى تولارمىكىن دەپ.
ئاڭلاپ قالسا بۇنى ئەگەر ھىلال ئاي،
كۈلەر بەلكىم يالغانمۇ يا راستمۇ دەپ.
ئەيىبنى كۈندۈزنىڭ،
كەچۈرۈپ گۇگۇم.
تاپىدىكەن ئەمىنلىك،
بىر ئۆزى ئۈچۈن.[/align] |
|