بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھايۋاناتلار >> توقۇمىچى قۇش

توقۇمىچى قۇش

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-19 10:53:53    كۆرۈلۈش سانى : 136  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
توقۇمىچى قۇش ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توقۇمىچىلىق ئىشچىسى، ھەر يىلى كۆپىيىش مەزگىلىدە ئەركەك قۇش ئاسما چاڭگىسىنى توقۇشتىن ئىبارەت جىددى ئىشنى باشلىۋېتىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن يىغىپ كەلگەن ئۆسۈملۈك تالالىرىنىڭ بىر ئۇچىنى تاللىۋالغان دەرەخ شېخىغا باغلىۋېلىپ، تۇمشۇقى بىلەن توقۇپ، تورنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ كىلمەك ئۇرۇپ، ئىچى پۈتەي چاڭگا بوينىنى توقۇۋالىدۇ. ئاندىن چاڭگا بوينىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ توقۇشقا باشلاپ ئۇچى قىسمى ھىم پېچەتلەنگەن، سىرتقى دىۋارى يوغىنىغان، ئىچى كاۋاك چاڭگا بۆلۈمچىسىنى توقۇپ چىقىدۇ. چاڭگىنىڭ تېگى قىسمىغا ئۇزۇن ھەم ئاخىرقى ئۇچى ئوچۇق تۇرىدىغان ئۇچۇپ كىرىش تۇرۇبا يولى توقۇيدۇ. بۇنداق بولغاندا، چاڭگىنىڭ ئۇچ قىسمى شامال، يامغۇر ھەم كۈچلۈك كۈن نۇرىنى توسىيالايدۇ. ئۇچۇپ كىرىش يولى بولسا يىلاننىڭ زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىلىدۇ. ئەركەك قۇش چاڭگىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن چاڭگا ئاغزىنى چۆرگىلەپ قانات قېقىپ ئۇچۇپ جورا ئىزدەش ھۈنىرىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، چىشى قۇشنىڭ «ھۇجرا» نىڭ سۈپىتىگە بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئەركەك قۇش بىر ھەپتە ئىچىدە جورا تاپالمىسا، ئۆزى مىڭ بىر مۇشەققەتتە توقۇپ چىققان ئاسما چاڭگىسىنى چۇۋۇپ تاشلايدۇ ھەمدە ئەسلىي ئورنىغا قايتىدىن تېخىمۇ سىپتا ئاسما چاڭگا لايىھىلەپ توقۇپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇ قېتىم چىشى قۇشنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشسە ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشىنى بېكىتىپ، «يېڭى ئۆي» نى بىرلىكتە بېزەيدۇ. چىشى قۇش چاڭگىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن كىرىپ يېڭى ئوت - چۆپ ياكى باشقا يۇمشاق ماتېرىياللار بىلەن ئىچكى قىسمىنى بېزەيدۇ. ئۇ يەنە، تۇخۇمنىڭ چاڭگىدىن چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇچۇپ كىرىش تۇرۇبا يول ئېغىزىنىڭ چۆرىسىگە ئالاھىدە قىلىپ پەنجىرە (رېشاتكا) ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بارلىق ئىشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چىشى قۇش چاڭگا ئىچىدە خاتىرجەم تۇخۇم تۇغۇپ باسۇرىدۇ، بالىلىرىنى باقىدۇ. توقۇمىچى قۇشنىڭ دۆلىتىمىزدە سېرىق تۆش توقۇمىچى قۇش بىلەن گۈللۈك تۆش توقۇمىچى قۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرى بار، سېرىق تۆش توقۇمىچى قۇش بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەر ئىككىسى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭبەننا رايونىغا تارالغان. ئۇلار كۆپىنچە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەر ۋە دەرەخلىكتە ياشايدۇ، ئادەمدىن قورقمايدۇ.3  ~8  - ئايلاردا توپ - توپ بولۇپ كۆپىيىدۇ، ئاساسلىق يېمەكلىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ۋە پىشقان ئاشلىق دانلىرىدىن ئىبارەت.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئادەم قېنىنى شوراي...
●  باكتىرىيە ئامبىرى ...
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان
●  فرىگاتامىنور قۇشى
●  سازاڭ
●  ئاق چۈمۈلە
●  قىزىلپېچ قۇشى
●  قىزىل پاچاق ھەيران
●  قاپلان
●  قاغا
●  سازاڭسىمان مەددە
●  قۇندۇز (دەريا قامىس...
●  توقۇمىچى قۇش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئادەم قېنىنى شورايدىغان...
●  باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى