جىگەر قېتىش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-13 17:48:07 كۆرۈلۈش سانى : 253
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەر توقۇلمىلىرىنىڭ زەخمىلىنىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بىماردا ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، قورساق ئېسىلىش، ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇندىن باشقا، قورساققا سۇ چۈشىدۇ، سېرىقلىق چۈشىدۇ، يۈز، كۆكرەك، مۈرە، بويۇن، بىلەك قىسىملىرىدا ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ پەيدا بولىدۇ، جىگەرلىك ئالىقان شەكىللىنىدۇ. ئاخىرىدا قان قۇسۇش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
1 - رېتسېپ:
تەركىبى :يېڭى پىشقان ئەينۇلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى :ئەينۇلىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇششاق توغراپ، ئاخىرىدا پاكىز داكىغا ئېلىپ، سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :خىلىتلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ. جىگەر قېتىش، قورساققا سۇ چۈشۈشلەرگە شىپا بولىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ:
تەركىبى :يېڭى پىشقان ئالۇچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى :يېڭى پىشقان ئالۇچىنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :جىگەر قېتىشىشتىن بولغان قورساققا سۇ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 ~ 30 مىللىلىتىر ئىچىپ بېرىلىدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى
بۇ كېسەللىكتە ئىچ سۈرۈش ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىش، ئازراق مايلىق نەرسە يەپ قويسىلا، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش، تەرەتتىن بۇرۇن روشەن قورساق ئاغرىش بولماسلىق، پۇت - قوللار بوشىشىپ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ
رېتسېپ:
تەركىبى :ئالۇچىدىن 10 تال، سۇ 500 مىللىلىتىر،
ئازراق قاراشېكەر.
ياساش ئۇسۇلى :ئالۇچىنى پاكىز يۇيۇپ، 500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ، ئازراق شېكەر سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى : ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :كۈندە تۆت قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر ئىستاكاندىن ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بېرىلىدۇ. |
|