مېۋە بىلەن چاچ چۈشۈشنى داۋالاش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-24 13:29:09 كۆرۈلۈش سانى : 497
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
چاچ چۈشۈش
قىرىق ياشتىن ئىلگىرى چاچ شالاڭلاشسا ياكى دائىرىلىك چاچ چۈشسە ۋە قىرىق ياشتىن كېيىن چاچنىڭ شالاڭلىشىشى تېز ۋە كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە دائىرىلىك چاچ چۈشسە، بۇ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ چاچ چۈشۈش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا چاچنى تارتقاندا ۋە ياكى يۇغاندا، ھەتتا باشنى سىلىغاندا ياكى ياستۇقلارغاسۈركەلگەندىمۇ چاچ چۈشىدۇ ياكى تاغاق بىلەن قولغا ھېچقانداق ئاغرىقسىزلا چاچ يۇلۇنۇپ چىقىدۇ، باش تېرىسى كېپەكلىشىپ، چاچ قۇرغاقلىشىدۇ ياكى بولمىسا، باش تېرىسى بىلەن چاچ مايلىشىپ قىچىـشىدۇ. چاچنىڭ پارقىراقلىقى يوقىلىدۇ، دائىرلىك چاچ چۈشۈشتە باشنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ئورۇنلىرىدا ھەر خىل چوڭلۇقتىكى دائىرىدە چاچ توساتتىنلا چۈشۈپ كېتىپ، شۇ ئورۇن قىزغۇچ تاقىر تۈسىنى ئالىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى :ياڭاق مېغىزى 250 گرام، قارا كۈنجۈت 250 گرام، قارا شېكەر 500 گرام.
ياساش ئۇسۇلى :ئاۋۋال ياڭاق مېغىزى بىلەن قارا كۈنجۈتنى قازاندا پىشقۇچە قورۇپ ئېلىۋېلىپ، ئاندىن قارا شېكەرگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ قازانغا قۇيۇپ، شىلىمشىق مەلھەم بولغۇچە قاينىتىپ، ئۇنىڭغا تەييارلانغان ياڭاق مېغىزى بىلەن قارا كۈنجۈتلەرنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوتنى تارتىۋېلىپ، پاكىز ساپال قاچىغا تۆكۈپ، سوۋۇغاندىن كېيىن، پارچىلاپ توغراپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، چاچ چۈشۈشنى توختىتىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :يېرىم ئاي بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىنىدۇ، كۈندە 10 - 15، گرامدىن ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
|
|