بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مېۋە >> مېۋە بىلەن يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش

مېۋە بىلەن يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-25 16:01:24    كۆرۈلۈش سانى : 250  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  بۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تومۇردا ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرگەن بېسىمى ئارتىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى بىماردا باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، يۈرەك قوزغىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئاسان ئاچـچىقلىنىش، ھاياجانلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە چوڭلارنىڭ قان تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 140Hg دىن يۇقىرى، كېڭىيىش بېسىمى 90mmHg دىن يۇقىرى بولسا، يۇقىرى قان بېسىم ھېسابلىنىدۇ.  [1 - رېتسېپ: تەركىبى :  تاۋۇز شاپىقى 60 گرام )ھۆل بولسا 200 گرام(، كۆممىقوناق ساقىلىق 60 گرام، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا. ياساش ئۇسۇلى : تاۋۇز شاپىقى بىلەن كۆممىقوناق چۇچۇلىسىنى ئۈچ قاچا سۇدا بىر يېرىم قاچا قالغۇچىلىك قاينىتىپ، ئۈستىگە ناۋات قوشۇپ، تەمىنى تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى :سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئىشلىتىلىشى : كۈندە 2 - 3 قوشۇق، ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىلدۇ، 7 - 10 كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىنىدۇ.   [ 2 - رېتسېپ: تەركىبى :چىلان، ئالما، كەرەپشە يىلتىزى مۇۋاپىق مىقداردا. ياساش ئۇسۇلى : چىلاننى يۇيۇپ، ئالمىنى پوستى بىلەنلا توغراپ، يېڭى كەرەپشە يىلتىزىنى يۇيۇپ توغراپ جىمبىل قازاندا 30 مىنۇت دۈملەپ ئالغاندىن كېيىن، ناۋات قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى :يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ. ئىشلىتىلىشى :تىرىپ ۋە سۈيى بىللە ئىستېمال قىلىنىدۇ. كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم ئىچىلىدۇ. ئاندىن كېيىن كۈن ئاتلاپ بىر قېتىمدىن ئىچىپ بېرىلىدۇ. ئۈچ ئاي بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىنىدۇ.  [ 3 - رېتسېپ: تەركىبى : بانان 500 گرام، قارا كۈنجۈت 25 گرام. ياساش ئۇسۇلى : باناننى سويۇۋېتىپ، كۈنجۈت سېپىپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى :تەرەتنى راۋان قىلىپ، يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى :كۈندە ئۈچ قېتىم يېيىلىدۇ. يۇقىرىقىدەك تەييارلاپ بىر مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.   [ 4 - رېتسېپ: تەركىبى : بانان 50 گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.  ياساش ئۇسۇلى :باناننىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئېزىپ، قايناق سۇغا سېلىپ، ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارىلاشـتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى :يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ. [ 5 - رېتسېپ: تەركىبى :ياڭاق مېغىزى 150 گرام، دولانا 150 گرام، شېكەر 150 گرام، سۇ 2001 مىللىلىتىر. ياساش ئۇسۇلى :ئاۋۋال ياڭاق مېغىزىنى 40 مىنۇت ئەتراپىدا سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن سۈزۈپ، ھاۋانچا تېشىدا سۇ تېمىتىپ تۇرۇپ ئېزىپ، شىرنىسى چىقىرىلىدۇ. دولانىنى يۇيۇپ، پارچىلاپ، سىرلىق قاچىدا ئاۋۋال 900 مىللىلىتىر سۇدا 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ئېزىپ سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئاندىن قالدۇقىغا يەنە 300 مىللىلىتىر سۇ قويۇپ، سۇس ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، پىسەپلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئالدىنقى شىرنىسىغا قوشۇپ، شېكەرنى سېلىپ، ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ يەنە 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، ئۈستىگە ياڭاق شىرنىسىنى قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا قىزدۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى :يۇقىرى قان بېسىمغا، قوشۇمچە قان تەركىبىدە ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. ئىشلىتىلىشى :كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. [ 6 - رېتسېپ: تەركىبى :تاۋۇز بىر دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.  ياساش ئۇسۇلى : تاۋۇزنى پاكىز يۇيۇپ، تاۋۇز شاپىقىنىڭ كۆك قىسمى قىرىپ چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئاق قىسمى بىلەن تاۋۇزنىڭ ئېتىنى ئايرىم - ئايرىم سىقىپ، پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق تۇز سېلىپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى :سۈيدۈك ھەيدەپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. بولۇپمۇ ياز پەسلىدە قان بېسىمنى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈمى ياخشى. ئىشلىتىلىشى :ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.  [7 - رېتسېپ: تەركىبى : شاپتۇل قېقى بىلەن قارىئۆرۈكتىن 20 گرام، قايناق سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. ياساش ئۇسۇلى :شاپتۇل قېقى بىلەن قارىئۆرۈكنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇغا چىلاپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى : ھارارەت پەسەيتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى :كۈندە بىر - ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىگەر قېتىش
●  ھەزىم قىلىش يولى ئۆ...
●  چاچ بالدۇر ئاقىرىش
●  مېۋە بىلەن چاچ چۈشۈ...
●  كالا سۈتى ياخشىمۇ ي...
●  مېۋە بىلەن يۇقىرى ق...
●  مېۋە بىلەن ھەزىم نا...
●  مېۋە بىلەن زىققە ك...
●  مېۋەبىلەن كاناي يا...
●  مېۋە ئارقىلىق قىزى...
●  بېھىنىڭ شىپالىق رو...
●  بۆلجۈرگەن نىڭ شىپ...
●  مىۋە ئارقىلىق <<سۈي...
●  مىۋە ئارقىلىق ئىچ س...
●  مىۋە ئارقىلىق يۈرە...
●  مېۋە ئارقىلىق زۇكا...
●  چىلغوزا
●  نەشپۈت
●  كۆكسۇلتان
●  پىستە

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىگەر قېتىش
●  ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمىس...
●  چاچ بالدۇر ئاقىرىش
●  مېۋە بىلەن چاچ چۈشۈشنى د...
●  كالا سۈتى ياخشىمۇ ياكى پ...
●  مېۋە بىلەن يۇقىرى قان بې...
●  مېۋە بىلەن ھەزىم ناچارل...
●  مېۋە بىلەن زىققە كېسىلى...
●  مېۋەبىلەن كاناي ياللۇغى...
●  مېۋە ئارقىلىق قىزىتما ي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى