ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مېۋە >> مېۋە بىلەن ھەزىم ناچارلىقى كېسىلىنى داۋالاش
مېۋە بىلەن ھەزىم ناچارلىقى كېسىلىنى داۋالاش
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-22 13:37:04 كۆرۈلۈش سانى : 173
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بۇ كېسەللىكتە تاماق ھەزىم بولماي، قورساق كۆپۈۋالىدۇ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، قەۋزىيەت بولىدۇ ياكى ئىچ سۈرۈپ كېتىدۇ … قاتارلىقلار.
[ 1- رېتسېپ:
تەركىبى :دولانا 50 گرام، گۈرۈچ 100 گرام، ئاق شېكەر 20 گرام.
ياساش ئۇسۇلى :دولانىنى ئاقلاپ، پاكىزە يۇيۇپ، نېپىز توغراپ، سۇدا كۈچلۈك ئوت بىلەن قاينىتىپ، ئاندىن پەس ئوتتا پىشقۇچە قاينىتىپ، ئاندىن دولانا، ئاق شېكەرنى سېلىپ، قويۇلغىچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى : ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :ئۈچكە بۆلۈپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر بۆلىكىنى ئىچىش لازىم. ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بېرىلىدۇ.
[ 2 - رېتسېپ:
تەركىبى :دولانا قېقى 10 گرام، شېكەر 20 گرام، قايناق سۇ 100 مىللىلىتىر.
ياساش ئۇسۇلى :دولانا قېقىنى پاكىز يۇيۇپ، قايناق سۇدا يۇيۇلغان ئىستاكانغا شېكەر بىلەن دولانىنى سېلىپ، ئۈستىگە قايناق سۇ قويۇپ، 10 مىنۇت دەملەپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى : ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئىشلىتىلىشى : چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ. يۇقىرىقىدەك داۋاملىق تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
[ 3 - رېتسېپ:
تەركىبى : يېڭى دولانا بىر كىلوگرام، شېكەر 500 گرام، سۇ 500 مىللىلىتىر.
ياساش ئۇسۇلى :دولانىنى پاكىز يۇيۇپ، سۈرتىۋېتىپ، پارچىلاپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، نېپىز يالپاقلاپ، سۇدا ئاۋۋال كۈچلۈك ئوتتا، ئاندىن سۇس ئوتتا ئۇماچ بولغۇچە قاينىتىپ، داكىدا سۈزۈپ، سۈيىنى چىقىرىپ، پىسەپلىرىنى ئېلىۋېتىپ، شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ئېرىتىپ، سۇس ئوتتا 20 مىنۇت قاينىتىپ، قاينىتىش جەريانىدا داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى چاي قوشۇقتىن ئىلمان قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
[ 4 - رېتسېپ:
تەركىبى :ئالما شۆپۈكى 30 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى :ئالما شۆپۈكىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :ئاشقازاننى كۈچەيتىپ، ھەزىم ناچارلىقى ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :كۈندە بىر قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
|
|