بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مېۋە >> مىۋە ئارقىلىق <<سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش>> نى داۋااش

مىۋە ئارقىلىق <<سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش>> نى داۋااش

يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-24 13:11:12    كۆرۈلۈش سانى : 39  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈيدۈك يوللىرىدا يەنى بۆرەك، سۈيدۈك كانىلى، دوۋساق قاتارلىق ئورۇنلاردا تاش پەيدا بولۇپ، بەل ئاغرىش، سىيىش قىيىنلىشىش، تۇيۇقسىز سۈيدۈك توختاش، سۈيدۈكتىن قان كېلىش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئەرلەردە ۋە ياشلاردا نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەل ئاغرىش بىماردا كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق ئالامەت بولۇپ، بەل سانجىلىپ ياكى كۆيۈشكەندەك ئاغرىيدۇ، تۇتقاقلىق قوزغىلىدۇ، ئاغرىق بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپتە بولۇپ، كىندىك ئەتراپى، ئۇرۇقدان ۋە سىرتقى جىنسىي ئەزاغىچە تارقىلىدۇ. ئەگەر تاش سۈيدۈك كانىلىدا بولسا،  ئاغرىش قاتتىق، تۇتقاقلىق بولىدۇ، ھەر قېتىم ئاغرىق تۇتقاندا قانلىق سۈيدۈك كۆرۈلىدۇ، ئەگەر تاش تۆۋەنگە سىلجىپ دوۋساققا چۈشسە، سۈيدۈك تۇتۇلىدۇ، دوۋساققا سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىپ، دوۋساق كۆپۈپ ئاغرىيدۇ.   - رېتسېپ: تەركىبى :ياڭاق مېغىزى 200 گرام، گۈرۈچ 100 گرام. ياساش ئۇسۇلى :گۈرۈچنى يۇيۇپ تازىلاپ، ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ، مۇۋاپىق سۇدا، سۇس ئوتتا پىشقۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى :سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىشقا شىپا بولىدۇ. ئىشلىتىلىشى :10 - 20 كۈن بىر داۋالاش كۇرسى قىلىنىدۇ. كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.  - رېتسېپ: تەركىبى :قوغۇن ئۇرۇقى بىلەن كەرەپشە يىلتىزى 15 گرامدىن. ياساش ئۇسۇلى :قوغۇن ئۇرۇقى بىلەن كەرەپشە يىلتىزىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ، قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى :سپازما بوشىتىپ، تاش پارچىلايدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.  ئىشلىتىلىشى :كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 ~ 50 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بېرىلىدۇ. - رېتسېپ: تەركىبى :تاۋۇز ئۇرۇقى 15 گرام، ناۋات 100 گرام. ياساش ئۇسۇلى :تاۋۇز ئۇرۇقى بىلەن ناۋاتنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى :ياللۇغ قايتۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ. ئىشلىتىلىشى :كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ھەر قېتىمندا 10 ~ 15 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىگەر قېتىش
●  ھەزىم قىلىش يولى ئۆ...
●  چاچ بالدۇر ئاقىرىش
●  مېۋە بىلەن چاچ چۈشۈ...
●  كالا سۈتى ياخشىمۇ ي...
●  مېۋە بىلەن يۇقىرى ق...
●  مېۋە بىلەن ھەزىم نا...
●  مېۋە بىلەن زىققە ك...
●  مېۋەبىلەن كاناي يا...
●  مېۋە ئارقىلىق قىزى...
●  بېھىنىڭ شىپالىق رو...
●  بۆلجۈرگەن نىڭ شىپ...
●  مىۋە ئارقىلىق <<سۈي...
●  مىۋە ئارقىلىق ئىچ س...
●  مىۋە ئارقىلىق يۈرە...
●  مېۋە ئارقىلىق زۇكا...
●  چىلغوزا
●  نەشپۈت
●  كۆكسۇلتان
●  پىستە

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىگەر قېتىش
●  ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمىس...
●  چاچ بالدۇر ئاقىرىش
●  مېۋە بىلەن چاچ چۈشۈشنى د...
●  كالا سۈتى ياخشىمۇ ياكى پ...
●  مېۋە بىلەن يۇقىرى قان بې...
●  مېۋە بىلەن ھەزىم ناچارل...
●  مېۋە بىلەن زىققە كېسىلى...
●  مېۋەبىلەن كاناي ياللۇغى...
●  مېۋە ئارقىلىق قىزىتما ي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى