ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مېۋە >> مىۋە ئارقىلىق يۈرەك سانجىقىنى داۋالاش
مىۋە ئارقىلىق يۈرەك سانجىقىنى داۋالاش
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-19 11:39:51 كۆرۈلۈش سانى : 46
بۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنىڭ قىسقا ۋاقىت توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى بىماردا يۈرەك ساھەسى سانجىلىپ ياكى بېسىلىپ ئاغرىش، ئاغرىق سول تەرەپ تاغاق، سول بىلەك ئىچكى تەرىپى، ھەتتا چىمچىلاق بارماققىچە تارقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئاغرىش ۋاقتى ئادەتتە 5 ~ 1 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 15 مىنۇتتىن ئاشمايدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ، تەرلەيدۇ، ئارام ئالغاندىن كېيىن ياكى مۇناسىپ دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى :خاسىڭ مېغىزى 50 گرام، سېرىق پۇرچاق 50 گرام، قارا گۈرۈچ 150 گرام، ئاق شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى :خاسىڭ مېغىزى بىلەن قارا گۈرۈچنى پاكىزە يۇيۇپ، سېرىق پۇرچاقنى 1 - 2 كۈن سۇغا چىلىغاندىن كېيىن يۇقىرىقى خۇرۇچلار بىلەن سۇدا پىشىپ ئېزىلگۈچىلىك قاينىتىپ، ئاندىن ئاق شېكەر قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :قاننى جانلاندۇرىدۇ، چۆكمىلەرنى ئېرىتىپ، ماينى تازىلايدۇ. يۈرەك سانجىقىغا شىپا بولىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :كۈندە بىر قوشۇق 3 - 4 قېتىمغا بۆلۈپ، ئۇدا 7 - 10 كۈنگىچىلىك ئىستېمال قىلىنىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى : ھۆل دولانا 250 گرام، ھەسەل 125 گرام.
ياساش ئۇسۇلى :دولانىنى پاكىز يۇيۇپ، ساپىقى بىلەن ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، كورىغا سېلىپ، چىلاشقۇدەك سۇ قويۇپ، ئاندىن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا پىشقىچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :يۈرەك سانجىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :يۇقىرىقىدەك تەييارلاپ كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. |
|