بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مايلار >> ئوسما مېيى

ئوسما مېيى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-22 11:39:21    كۆرۈلۈش سانى : 167  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
تەييارلاش ئۇسۇلى: ھەببۇلئاس يوپۇرمىقى 45 گرام، ئوسما توققۇز گرام، دورىلارنى 25.1 لىتىر سۇدا يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ، سىقىپ، سۈزۈپ، ئۈستىدىن 360 مىللىلىتىر كۈنجۈت مېيى ئارىلاشتۇرۇپ، سۈيى پارلىنىپ، مېيى قالغانغان قەدەر قاينىتىپ، 18 گرام ئەنبەر قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. تەبىئىيىتى: قۇرۇق ئىسسىق. خۇسۇسىيىتى: پارقىرىتىش، قورۇش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىشلىتىلىشى: چاچ، ساقال چۈشۈپ كېتىش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش، چاچ يىلتىزى بوشىشىپ كېتىش، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى كېسەللەر ئۈچۈن يەرلىك ئورۇن مايلىنىدۇ.  رەۋغىنى مۇھەللىل )ئىشىشق قايتۇرغۇچى مايلار(  تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىكلىلمىلىك، بابۇنە 30 گرامدىن، دورىلارنى 5.1 لىتىر سۇدا قاينىتىپ، 500 مىللىلىتىر قالغاندا سۈزۈپ، چىققان سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا بادام مېيى قۇيۇپ، قاينىتىپ، سۈيى پارلىنىپ مېيى قالغىچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. تەبىئىيىتى: ئىسسىق. خۇسۇسىيىتى: توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىقلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئىششىقىغا پايدا قىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  يەل تارقىتىش مېيى
●  ئاقىرقەرھا مېيى
●  ۋامۇن مېيى
●  موم مېيى
●  سىماب مېيى
●  ئوسما مېيى
●  بوزۇغا مېيى
●  ئىتياڭىقى مېيى
●  بالادۇر مېيى
●  ھۆللۈك يەتكۈزۈش مې...
●  رەيھان مېيى
●  سۆرۈنجان مېيى
●  خەشخاش گۈلى مېيى
●  قەلەمپۇر مېيى
●  يانتاق غولى مېيى
●  نېلۇپەر گۈلى مېيى
●  سۆگەتگۈل مېيى
●  مەرزەنجۇش مېيى
●  سامساق مېيى
●  مەستىكى مېيى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  يەل تارقىتىش مېيى
●  ئاقىرقەرھا مېيى
●  ۋامۇن مېيى
●  موم مېيى
●  سىماب مېيى
●  ئوسما مېيى
●  بوزۇغا مېيى
●  ئىتياڭىقى مېيى
●  بالادۇر مېيى
●  ھۆللۈك يەتكۈزۈش مېيى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى