بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مەكتۇب >> ماتىماتكىلىق مۇھەببەت تەلەپ خېتى

ماتىماتكىلىق مۇھەببەت تەلەپ خېتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-09 15:15:13    كۆرۈلۈش سانى : 806  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[color=#0000FF][/color] [align=center][size=5][size=5] سالام : مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان (ئا ئىكىس كۇۋادىرات + بى ئىكىس + سى ) مىنىڭ سىىزگە بولغان مۇﻫەببىتىم (ئىگىرىك = ئا ئىكىس كۇۋادىرات + بى ئىكىس + سى ) فونكىسيە دائىرسىدە ئېشىپ بارغۇچى فونكىسيە . سىز ئۈچۈن تىكىلگەن كۆزلىرىم سان ئوقىدەك مەڭگۈ بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە . گەرچە سىز سىنوس ئەگرى سىزىقىدەك قالايمىقان ﻫەركەت قىلسىڭىزمۇ مەن يەنىلا كوئوردىنات بېشىدا سىزنى كۈتىمەن . بىلەمسىز مىنىڭ يۈرۈگۈمنىڭ  ئوەقەت سىز ئۈچۈنلا سۇقۇپ ( 0 دىن پىلوس چەلسىزلىك ) كە ئىنتىلۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئىزنالىرىنىڭ بىر دولقۇن گىرافىكى ﻫاسىل قىلغانلىقىنى . سىز ئۈچۈن ﻫاياتىمنىڭ كەسىر قىسمىنى ئەمەس بەلكى پۈتۈن قىسمىنى ئاتىدىم . ناۋادا سىز خەتەر ئىچىدە قالسىڭىز ئۇنى يىلتىزدىن چىقىرىپ خەتەردىن خالاس قىلىمەن . ناۋادا سىزگە بەخىت كەلسە ئۇنى دەرىجىگە كۆتۈرۈپ تېخىمۇ خوشال قىلىمەن . ناۋادا سىز ﻫەددىدىن زىيادە ﻫاياجانلانسىڭىز ئۇنى لوگارىفىمىلاپ سىلىق - سىپايە ﻫالىتىڭىزغا كەلتۈرمەن . ناۋادا سىز ئەگرى - تۇقاي تۇرمۇش يولىدا ئېزىقسىڭىز ئۇنى ﻫاسىللاپ ، ﻫاسىللىغاندا ﻫاسىل بولغان تۈز سىزىقنى ئوق قىلىپ باﻫارلىق ئىشلىرىڭىزنى ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشۈرمەن . مىنىڭ سىزگە كۈيۈشۈمنىڭ ئېﻬتىماللىقى 100% ؛ ئىككىمىزنىڭ تۇنۇشۇپ قېلىشى تاساددىپى ﻫادىسە ؛ ئىككىمىزنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن باشقىلارنىڭ بىزدىن قۇسۇر ئىزدىشى ئۆز - ئارا مۇستەقىل  ﻫادىسە ؛ مىنىڭ سىزگە كۈيۈشۈم بىلەن سىزنىڭ مەندىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىشىڭىز ئۆز - ئارا سىغىشالمايدىغان ﻫادىسە ؛ ئىككىمىزنىڭ يىراقلاپ كېتىشىغۇ مۇمكىن بولمايدىغان ﻫادىسە . مىنىڭ ﻫېلىمۇ ئېسىمدە ئىككىمىزنىڭ ماڭغان يوللىرى قانچىلىغان قېتىم پاراللىل تۈز سىزىق ﻫاسىل قىلدى ، قانچىلىغان قېتىم  كېسىشتى ، قانچىلىغان قېتىم ئۇچىراشماي ئۈتۈپ كەتتى ، ﻫەتتا قانچىلىغان قېتىم قاتلاندى . مەن سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا " كىسسى " بەلگىسىنى كۆيۈرۈپ ئەتىدىن كەچكىچە بۇ مۇستەقىل تەكرار  تەجىربىنى قانچە قېتىم ئىشلەيمەن ؟ بىلەمسىز بۇ دۇنيا سانلارغا تولغان دۇنيا . مەن ﻫەتتاكى ﻫەر بىر ساننى كۆرگۈنۈمدە ، سىزنىڭ ﻫەر بىر ئىش - ئىزنالىرىڭىزنى ئېنىقا ئىسىمگە كەلتۈمەن . مەسلەن : 0 دىگەن ساننى كۆرسەم مەن ئۈچۈن كۈي قېتىپ تەبەسسۇم ياغدۇرغان ئۇماق ئاغزىڭىز ئىسىمگە كېلىدۇ . 1 دىگەن ساننى كۆرسەم قىسىلغان كۆزلىرىمگە ئوقيا قىلىپ ئاتقان ئەگىز قېشىڭىز ئىسىمگە كېلىدۇ . 2 دىگەن ساننى كۆرسەم ئايدىڭ ئاخشامغا جۆر بۇلۇپ ئورغاق ئاي ئۈستىدە مۇڭلانغان مىسكىن قىياپىتىڭىز ئىسىمگە كېلىدۇ . 3 دىگەن ساننى كۆرسەم مۇﻫەببەتنىڭ ئاخىرقى سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشىپ ، ﻫاياتلىق ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز سوقۋاتقان ئالمىدەك يۈرۈكىڭىز ئىسىمگە كىلىدۇ . 4 دىگەن ساننى كۆرسەم : سىزنىڭ كەسپى ئاددىتىڭىز يەنى دائىما ئىگىرىك ئوقىغا يۆلىنىپ چۇڭقۇر خىيالغا چۆككەن سىمايىڭىز ئىسىمگە كېلىدۇ . 5 دىگەن ساننى كۆرسەم ئۇلۇغ ئانىلارر ئۈچۈن ئاللاﻫتىن بەخىت - ئامەت تىلەپ سەجىدە قىلىپ ئولتۇرغان ۋاقتىڭىز ئىسىمگە كېلىدۇ . 6 دىگەن ساننى كۆرسەم مۇﻫەببەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىگراسىمۇ ئاڭلىسۇن دەپ مۇڭلۇق رىتىمدا ياڭراتقان ئاشىقللىق پۈشتۈكىڭىز ئىسىمگە كېلىدۇ . 7 دىگەن ساننى كۆرسەم خۇشپۇراق ئەتىر گۈللەرنىڭ مەسخۇش ﻫىدىگە چىدىيالماي ، ئۇنى ئۈزۈش ئۈچۈن قول ئۇزاتقان جىسمىڭىز ئىسىمگە كېلىدۇ . 8 دىگەن ساننى كۆرسەم مىنى بىر كۆرمەككە مەﻫلىيا قىلۋالغان ، قۇياشنىڭ ئوتقاش نۇرىنى لىققىدە قاچىلىۋالغان بىر جۇپ كۆزىڭىز ئىسىمگە كېلىدۇ . 9 دىگەن ساننى كۆرسەم سىزنى ئۆزىگە مەﻫلىيا قىلىپ ، نازۇك دىلىڭىزنى مەس قىلغان شۇ ئەتىر گۈللەر ئىسىمگە كېلىدۇ . ئويلاپ بېقىڭ : سىز بىر نوقتىدا مۇڭسىرغان ﻫالاتتە تۇرغىنىڭىزدا مەن سىزنىڭ ئىشىق ئوتىڭىزدا سىزنى مەركەز قىلىپ چەمبەرسىمان ياكى ئىلىپىسسمان ﻫەرىكەت قىلىپ سىزنى قوغدىيالماسمەنمۇ ؟ سىز پەرۋاسىز ﻫالدا ئۇيان- بۇيان ماڭغىنىڭىزدا ماڭغان يوللىرىڭىزنىڭ ئىزنالىرى ئۈچبۇلۇڭلۇق شەكىل ﻫاسىل قىلسا مەن يەنىلا سىز ئۈچۈن جان پىدا ئەيلەپ ، ماڭغان يوللىرىڭىزنى نەچچە ﻫەسسە قاتلاپ ، پىرىزما ياكى پىرامىدالىق سېپىل ﻫاسىل قىلىپ سىزنى دۈشمەنلەرنىڭ نەشتىرىدىن ساقلاپ قالالماسمەنمۇ ؟ سىز ئىختىيارسىز ماڭغان يولىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ تۆت تەرەپلىك تىراكتوريە ئىزنالىرىنى قالدۇرسىڭىز ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرەپ ئېﻬتىمال بولماستىن مۇتلەق ﻫەجىمىمنى چوڭايتىپ كۈپ ياكى پاراللىلپىپىتلىق قورغان ياساپ مۇشۇ قورغاندا سىزنى باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلالماسمەنمۇ ؟ سىز قىممەت ئېلىش دائىرىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز مەنمۇ بىرگە - بىر ماسلىق ﻫالىتىدە تۇرالماسمەنمۇ ؟ ﻫەر كۈن ئاخشىمى ئىگىرىك ئوقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتقىنىمدا بەزىدە سىز بىرىنچى - ئىككىنچى چارەكتە ، بەزىدە ئۈچۈنچى - تۆتىنچى چارەكتە پەيدا بۇلۇپ قالىسىز . مەن سىزگە ۋىكتور ﻫالەتە مۇسپەت قىممەتللىك ئىلگىرلىسەم سىز ياي ﻫالەتتە مەنپى قىممەت بويىچە ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچىسىز . دەپ بېقىڭە :  سىز مۇشۇنداق دەۋرى ﻫەركىتىڭىزنى قاچان توختىتىسىز ؟ قاچانغىچە تەتۈر فونكىسيىلىك ئىپادە ﻫالىتىدە تۇرسىز ؟ ئەڭ كىچىك قىممەت ئېلىپ قېلىشىڭىزدىن ، تەدىرىجى كوئوردىنات بېشىغا يېقىنلاپ قېلىشتىن قورىقمامسىز ؟ ئەركىن ئۆزگەرگۈچى مىقتار ئىكىس تەڭ ئەمەس نۆل بولغاندا ئەگىشىپ ئۆزگەرگۈچى مىقتار ئىگىرىك تەڭ ئەمەس نۆل بۇلىدۇ ، ئۇ چاغ قانداق قىلىسىز ؟ مەيلى نېمە قىلغۇڭىز كەلسە قىلىۋىرىڭ . ئاخىرى ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاپ ، قارمۇ - قارشى ئەزالارنى قىسقارتىۋەتكەندىغۇ قايىل بۇلارسىز ،بەكلا بولمىسا لىمىتلاپلا بىر تۇراقلىق سان ﻫالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغاندا ئاغزىڭىزنى ئۈچ بۈرجەك قىلامسىز ياكى تۆت بۈجەك ؟ گۇگۇ تىورمىسىنى ئىشلىتەمسىز ياكى ئەيلىر تىئورمىسىنىمۇ ؟ ﻫېچ قايسىسى ئەس قاتمىغاندا ئۆزىڭىزنى "پى" مىنى "قۇ" دەپ قاراپ    " پى ﻫەمدە قۇ " ﻫۆكۈملۈكنىڭ توغرا ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ بەرگەندە ئاندىن قىلغانلىرىمنى چۈشۈنۇپ يىتەرسىز . گەرچە سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مىنىڭ ﻫەر كۈن ئاخشىمى سۈرگەن خىياللىرىم مەۋﻫۇم بىرلىك  بولسىمۇ ، ئۇ ﻫامان بىر كۈنى ﻫەقىقى بىرلىككە ئايلىنىدۇ . سىز ئۈچۈن قىلغانلىرىمنىڭ ﻫەممىسى بوش توپلام بولسىمۇ ، ئۇمۇ ﻫامان بىر كۈنى قىسمى توپلام ، تولدۇرغۇچى  توپلام ﻫەتتاكى تۇلۇق توپلام بۇلۇپ قالىدۇ . گەپنى ئىخچاملاپ ، يىغىپ ، قىسقارتىپ ئەڭ ئاددى ئىپادە ﻫاللىتىدە ئېيسام مىنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغانلىرىمنىڭ ﻫەممىسى پەقەت ۋە پەقەت بىر نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە . بۇ تەڭلىمىنىڭ بىر يىلتىزى سىزگە ئېرىشىش يەنە بىر يىلتىزى سىزدىن ۋىدالىشىش . خەيىر - خوش :                       قوش يۈرەكنىڭ كۇۋادىراتى [/size][/size][/align] ئاپتۇر : ياسىن(مىسكىن)


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەب...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغ...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان ...
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىل...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغ...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان...
●  مەن مەنگە يېزىلغان ...
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغا...
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان...
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان...
●  ئولىمپو دۇنويېغا ي...
●  فرانكلىننىڭ ئېلۋېز...
●  بىر ئەرنىڭ ئايالىغ...
●  لېسسىنگنىڭ ئېۋا كو...
●  ئېلۋېزىسئۇ خانىمغا...
●  يېكاتېرىناغا يېزىل...
●  روۋلاند خانىمنىڭ ب...
●  نېلسوننىڭ ئايالىغا...
●  خەن چىڭچىڭغا يېزىل...
●  شىللېر لانگېفېلدقا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەببەت ت...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغان خە...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان خەت
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىلغان خ...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغان خە...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان خەت
●  مەن مەنگە يېزىلغان خەت
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغان خەت
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان خەت
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان خەت

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى