بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> قىياس قائىدىسى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا ئايلاندۇرالايدۇ

قىياس قائىدىسى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا ئايلاندۇرالايدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-07-25 11:36:38    كۆرۈلۈش سانى : 11  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئېھتىمال سىزتۆۋەن كۆرگەن خىزمەتتىن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئېسىل پۇرسەتلەرنى تۇتۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن.  بىر كۈنى مەن تاسادىپىي ئاتلانتا ئايرودرومىدا مەلۇم شىركەتتە  ئىشلەيدىغان كونا بۇرادىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. ئۇ چاغدا بىز ئاكتىپ تەپەككۇر قىلغاچ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پاراڭلارنى قىلىشتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان كارتۇچكىسىنىڭ كەينىگە مۇنداق سۆزلەرنى يېزىۋاپتۇ: ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ئۆزىنى چەكلەشتىن، چېكىنىشتىن ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتىن ئازاد قىلىپ، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، نىشانغا يېتىشكە داغدام يول ئاچىدۇ.   ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر بار، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار سىرتقى كۈچ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆزگىرىشكە  سەل قاراشتىن سىرت، رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوي - خىيالى خىزمەتتىن بىراقلا ئايرىلىش. ھالبۇكى خىزمىتىنى ئۆزگەرتىش ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە يەتمەيدۇ. پەقەت ئۆزىنى ئۆزگەرتكەندىلا خىزمىتىدىمۇ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا چېكىگە يەتتى دەپ قارالغان خىزمەتلەرمۇ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتلەرگە ھامىلە بولۇپ قالىدۇ.   مال ساتقۇچىلارغا ئىلھام بېرىدىغان بىر قېتىملىق يىغىلىشتا بىر ياش مەندىن مۇنداق دەپ سورىدى:   — مەن ئاكتىپ تەپەككۇر نى قۇۋۋەتلەيمەن، پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ! دېگەنگە ئىشىنىمەن، ئەمما مەن بەك تۆۋەن ئورۇندا ئىشلەيمەن ھەم ئىشلەيدىغان خىزمىتىم بەك مەنىسىز، قانداق قىلسام بولار؟   — ئېھتىمال سىز تۆۋەن كۆرگەن خىزمەتتىن  ھاياتىڭىزدىكى  ئەڭ ئېسىل پۇرسەتلەرنى تۇتۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىڭىز شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتكە ھەرگىز سەل قارىماڭ ھەم ئالدىراپ خىزمەتتىن ئايرىلىمەن دېمەڭ، ئەگەر  شىركەتتىكى ھەقىقىي تايانچىلاردىن بىرى بولىمەن دېسىڭىز، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ،  شۇنداق قىلسىڭىز سىز ئېيتقان پەس، تايىنى يوق خىزمەت نى مەنىلىك كەسىپكە ئايلاندۇرالايسىز. شىركەتنىڭ سىزنى قانداق شەخس دەپ قارايدىغانلىقىنى بىر ئويلىشىپ بېقىڭ، ئەگەر شىركەت سىزنى بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، دەپ قارىغان بولسا، بۇ خىزمەتنى سىزنىڭ ئىشلىشىڭىزگە بەرمەيتتى، شىركەت ئادەملەرنىڭ قانداقلىقىنى بەك چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، شىركەت سىزنى ئۆزىڭىزدىنمۇ بەكرەك  چۈشىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، سىز ئۆز خىزمىتىڭىزنى ئاكتىپ ئىشلەڭ، شۇنداق قىلسىڭىز بىرقانچە كۈنگە قالمايلا خىزمىتىڭىزدىن رازى بولۇپ كېتىسىز،— دېدىممەن ئۇنىڭغا.   ناھايىتى روشەنكى، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولىمۇ كەمچىل ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. بەختكە يارىشا ئۇنىڭ كۆڭلىدە نىشان بار ئىكەن، شۇغىنىسى تەپەككۇردا تازا مۇكەممەل ئەمەس   ھەم بەك پاسسىپ ئىكەن.   ئۇ:   — گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام مەن غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىلەردىن ئەمەس، رەھبەرلەرنىڭمۇ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن،— دېدى.   مەن ئۇنىڭغا مۇنداق تەكلىپ بەردىم:   — سىزنىڭ باشلىقىڭىز سىزنى ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىدا يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار، ئۇ بىر ئاكتىپ ئادەم دەپ قارايدۇ. سىز قىياس قائىدىسى نى بىلەمسىز؟ مەن ھەر قېتىم كىشىلەر بىلەن مۇشۇ قائىدە ئۈستىدە پاراڭ سېلىشىمەن.   ئۇ بېشىنى چايقاپ:   — ياق، بۇنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم،— دېدى.   مەن ئۇنىڭغا مۇنداق چۈشەندۈردۈم:   قىياس قائىدىسى ناھايىتى ئەمەلىي، پسىخىك قائىدە. ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىمەن دەپ قارىغانلىكى كىشىلەر بۇ قائىدىنى تەتبىقلىسا،  ئۆزىنى تامامەن ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇ قائىدىنى ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ئامېرىكا پسىخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان ۋىليام جامىس. بۇ قائىدىنىڭ مەزمۇنى: ئۆزى ياكى خىزمىتىدىن نارازى كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆز غايىسىدىكى ئادەم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشى، ئىنتايىن ياخشى خىزمەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشى،  ئاندىن ئۆزىنىڭ ھازىرقى خىزمىتىنى تەسەۋۋۇرىدىكى خىزمەت بىلەن ئوخشاش دەپ قىياس قىلىپ، ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتسە خاسلىق ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئۆزى ۋە خىزمىتىنى ئارزۇسى بويىچە تامامەن ئۆزگەرتەلەيدۇ.   مەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىمەن دېگەن ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىياس قائىدىسى نى تەتبىقلاپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. شۇڭا مەن بۇ قائىدىنىڭ ئۈنۈمىگە ئىشىنىمەن دەپ ئېيتالايمەن.   مەن ھاياتىي  كۈچى ئاجىز ھەم غەيرەت - شىجائىتى كەمچىل كىشىلەرنى   قانداق قىلغاندا    قىياس قىلىپ ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىشقا قايىل قىلغىلى  بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگىنىمدە، ئۇ مېنىڭ گېپىمنى تولۇپ - تاشقان  قىزىقىش ئىچىدە ئاڭلىدى. مەن ئۇنىڭغا ھېلىقى كىشىلەرنىڭ كېيىن ئاكتىپ پوزىتسىيە تىكلىگەنلىكىنى، ئىچكى مايىل نومۇسچان كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ ئىجتىمائىي ئالاقە خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ماھىرلىرىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى  چۈشەندۈردۈم.   مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئۇ ھەقىقىي يوسۇندا چۈشەندى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئۆزىنى قەتئىي زورلىمىدى.   ئۇ ئىككىنچى كۈنى سەھەردىن باشلاپ تولۇپ تاشقان غەيرەت - شىجائەت ۋە بىر خىل جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە شىركەتكە ئىشقا ماڭدى. ئۆز خىزمىتىگە ۋە ئىشداشلىرىغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلدى. بولۇپمۇ كىشىلەرنى كۆرسە قىزىرىپ - تاتىرىپ كېتىدىغان ئادەم  خىزمەتداشلىرى  بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاراڭ قىلىشىپلا قالماي بەلكى ئىرادىسى ئاجىز، چۈشكۈن كىشىلەرگە ئىلھام بەردى. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ ئاستا - ئاستا ئىلگىرىكى نارازىلىق كەيپىياتىدىن قۇتۇلۇپ، ئاكتىپ ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىغا باي بىر خىل يېڭى قىياپەت بىلەن ھەرىكەتكە كەلدى، كېيىن ئۇنىڭ خاراكتېرى ھەقىقەتەن ئۆزگەردى. ئۇنىڭ شىركىتىدە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ نۇتۇق سۆزلەش يىغىلىشىدا بىز يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتۇق. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى بولغانلىقىنى ئېيتتى. دېمەك، ئۇ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا يەتكىلى بولمايدىغان نىشانغا يەتكەن ئىدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدى...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يو...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىن...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبە...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق ...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن...
●  مەن تېخى ھايات!
●  قىز-يىگىتلەر ئارىس...
●  ھوزۇرلىنىڭ...ئويلىن...
●  شوخلىنى ئۆز پېتى يە...
●  بىلىۋالمىسىڭز بولم...
●  قىز پۇلى بەر!!
●  بۈگۈنكى مەخپىي سىر...
●  بەزى ئۇيغۇرلار ھەق...
●  ئاغرىپ يېتىپ قالغا...
●  بازغان ئەينەكنى ئۇ...
●  ئىشلار قانچە ئوڭ كە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشن...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇ...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتى...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبەتەن ئ...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق گۇما...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇ...
●  مەن تېخى ھايات!

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى