مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبىئى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-19 19:25:31 كۆرۈلۈش سانى : 227
كاشىنىس ئۆزىنىڭ "كېسەللىكلەر ئانالىزى دېگەن مەشھۇر كىتابىدا 20 - ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇزىكانتلارنىڭ بىر بولغان پابنو كاسارىس توغرىسىدىكى ئىنتايىن تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر ھېكايىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ھېكايىدىن زور ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز.
كاشىنىس ئۇ كىتابىدا ئۆزىنىڭ كاسارىسنىڭ 09 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنى بايان قىلىدۇ. كاشىنىس مۇنداق دەيدۇ: بۇ ياشانغان ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنىڭ باشلىنىشى بىر خىل ئازاب ئىكەن. ئۇ ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئېغىر بوغۇم ياللۇغى كېسىلى بار ئىكەن. بىراۋلار يادەم قىلغاندىلا ئاندىن كىيىمىنى كىيەلەيدىكەن. ئۇنىڭ قىينىلىپ نەپەس ئېلىشىدىن قارىغاندا، ئۆپكە ئىششىقىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئىكەن. يول مېڭىشتا ئىنتايىن قىينىلىدىكەن. ئۇنىڭ قوللىرى ئىششىپ، بارماقلىرى ئىگىلىپ كېتىپتۇ، قارىماققا ئىنتايىن قېرى ھەم ھارغىن كۆرۈنىدىكەن.
تاماقتىن ئىلگىرى، ئۇ پىئانىنونىڭ ئالدىدا بىر ئاز ئولتۇرۇۋالمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدىكەن. پىئانىنو ئۇ ئەڭ پىششىق بىلىدىغان چالغۇلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ پىئانىنونىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا كۈچىنىپ تۇرۇپ ئاران ئولتۇرالىدى. ئۇنىڭ ئىششىغان ھەم ئىگىلىپ كەتكەن بارماقلىرىمۇ پىئانىنونىڭ ئۈستىدە ناھايىتى تەسلىكتە يۆتكەلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن يۈزبەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدىغان ئىشلار بولدى. كاسارىس كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈنلەي باشقىچە قىياپەتكە ئۆزگەردى. ئۇ ھاياجانلاندى ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قىياپىتىدە زور ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى. ئۇ ھەرىكەتكە كەلدى ھەم مۇزىكا چېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى چاققانلىقى ۋە چالغان مۇزىكىسىنىڭ يېقىملىقلىقى تەسۋىرلىگۈسىز بولۇپ، بۇ پەقەت ساغلام، قاۋۇل ۋە تېتىك مۇزىكانتلار ئۈچۈنلا مۇمكىن بولاتتى. خۇددى كاشىنىس ئۆز كىتابىدا تەسۋىرلىگەندەك: ئۇنىڭ بارماقلىرى بەئەينى بىخلاۋاتقان ئۆسۈملۈك قوياش نۇرىغا قاراپ سوزۇلغاندەك پىئانىنو توپچىلىرىغا قاراپ ئاستا - ئاستا سوزۇلدى، ئۇنىڭ بىلى رۇسلاندى، نەپەس ئېلىشىمۇ راۋانلاشتى. ئۇ كۆڭلىدە پەقەت پىئانىنو چېلىشنىلا ئويلىغان بولغاچقا، بۇ ئۇنىڭ ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، تېنىنى تىتىكلەشتۈرگەن ئىدى. كاسارىس باخنىڭ پىئانىنو مۇزىكىلىرىنى چېلىشنى باشلايدۇ. چالغاندىمۇ ئىنتايىن يېقىملىق ھەم ئىنتايىن راۋان چالىدۇ. ئۇنىڭ بارماقلىرى پىئانىنو ئۈستىدە خۇددى يۈگۈرگەندەك تېز ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ پۈتكۈل جىسمى ۋە روھى ئۆزى چېلىۋاتقان مۇزىكا ئىچىگە سىڭىپ كېتىدۇ. پىئانىنو ئالدىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ روھى كەيپىياتى مۇزىكا چېلىشنىڭ ئالدىدىكى روھى كەيپىياتىغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ. قامىتى تېخىمۇ تۈزلىنىپ بەھەيۋەت ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇ ھاسىسىنى تاشلىۋېتىپ، تاماق ئۈستىلىنىڭ قېشىغا بىمالال مېڭىپ كېلىدۇ. ئەتتىگەنلىك تامىقىنى مەززە قىلىپ يەيدۇ، ئاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ دەريا ياقىسىنى بويلاپ سەيلە قىلىدۇ.
بىز دائىم ئەقىدىنى بىر خىل دىنى ئەقىدە سۈپىتىدە تونۇيمىز. كۆپ قىسىم ئەقىدىلەر ھەقىقەتەن شۇنداق. لېكىن، ئەڭ ئاساسى مەنا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەقىدە بولسا ھاياتى ئەھمىيەتكە ۋە يۆنىلىشكە ئىگە قىلىدىغان يېتەكچى پىرىنسىپتىن ئىبارەتتۇر. ئەقىدە تەشكىللىك قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ دۇنياغا بولغان كۆز قاراشلىرىمىزنى تاللىشىمىزدا سۈزگۈچلۈك رول ئوينايدۇ. بىز مەلۇم ئىشنى جەزىملەشتۈرگەن ۋاقتىمىزدا، ئەقىدە شۇ ھامان چوڭ مېڭىمىزگە يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىتا قانداق تەسەۋۋۇر يۈرگۈزۈش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. كاسارىس مۇزىكا ۋە سەنئەتكە ئىشەنگەن. دەل مۇزىكا بىلەن سەنئەت ئۇنىڭ ھاياتىغا گۈزەللىك، تەرتىپ ۋە ئالىجاناپلىقنىڭ مەنبەلىرىنى بېغىشلىغان. يەنە شۇ مۇزىكا بىلەن سەنئەت ئۇنى ھەر كۈنى دېگۈدەك مۆجىزە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. سەنئەتنىڭ ئاجايىپ كۈچ - قۇدرىتىگە ئىشىنىش كاسارىسنىڭ ئۆزىنىمۇ كۈچ - قۇدىرەتكە ئىگە قىلغان، ئۇنىڭ ئەقىدىسى ھەر كۈنى ئۇنى ماغدۇرسىز قېرى بوۋايدىن ھاياتى كۈچكە تولغان تالانت ئىگىسىگە ئايلاندۇرغان. ئۇزۇن مەزگىللىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنىڭ ئىزچىل ساقلىنىپ كېلىشىگە ئۇ ئۆزى تۈرتكە بولغان.
جون سىتروت مىرمۇنداق دەپ يازىدۇ: ئەقىدىسى بار بىر ئادەمنىڭ كۈچى پەقەت قىزىقىشىلا بار بولغان 99 ئادەمنڭ كۈچىگە تەڭدۇر. بۇ گەپ نېمە ئۈچۈن ئەقىدە مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ دەيدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئىنتايىن توغرا تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئەقىدە سىزنىڭ نېرۋا سىستېمىڭىزغا بىۋاسىتە ھالدا بۇيرۇق يەتكۈزىدۇ. سىز مەلۇم ئىشقا ئىشەنگەن ۋاقتىڭىزدا، شۇ ھامان ئاشۇ خىل ھالەتكە ئۆتىسىز، ئەگەر ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئېلىپ بارالىسىڭىز، ئەقىدە بەلكىم سىزنى ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىڭىزگە يەتكۈزىدىغان زور كۈچكە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەكسىچە، ھەرىكىتىڭىز ۋە ئىدىيىڭىزنى چەكلەيدىغان ئەقىدىلەر بەلكىم يەنە سىزنى زىيانغا ئۇچرىتىشىمۇ مۇمكىن. تارىخقا قارايدىغان بولساق، دىن نەچچە مىليونلىغان كىشىلەرنى كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە قىلغان. ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئەقىدە بىزنىڭ ئۆز تېنىمىزغا يۇشۇرۇنغان كۈچ - قۇدرەتنى قېزىپ چىقىشىمىزغا ھەم ئاشۇ خىل كۈچ - قۇدرەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسەتلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئەقىدە بولسا بىزنى ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىزغا قاراپ تىرىشىشقا يېتەكلەيدىغان يېتەكچى ۋە كۆرسەتمە بولۇپ، ئۇ بىزنى ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىق دەرىجىمىزدىن ھەر ۋاقىت خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەقىدە بولمىسا، ئادەملەر خۇددى ماتورى يوق كاتىرغا ئوخشاش ئۆز كۈچىنى تامامەن يوقىتىپ قويىدۇ. ئەقىدىڭىز بولغاندىلا ئاندىن، ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلغان دۇنيانى ۋۇجۇدقا كەتۈرەلىگۈدەك كۈچ قۇدرەتكە ئېرىشەلەيسىز. ئەقىدە سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەم سىزگە كۈچ - قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىدە ئەقىدىنىڭ كۈچىدىنمۇ زور يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە ھېچنەرسە يوقتۇر. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىنسانىيەت تارىخى دەل ئىنسانىيەت ئەقىدىلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن ئىبارەت بولۇپ، تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەممىسى — مەيلى خىرىستوس، مۇھەممەد، كوپىرنىك ، ئىدىسون ياكى ئېينىشتىيىنلار بولۇشىدىن قەتئىنەزەر — ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتكەندۇر. كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشتە، ئىشنى چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك. ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە تەقلىد قىلماقچى بولساق، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەقىدىلىرىگە تەقلىد قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.
بىزنىڭ ئىنسانىيەت ھەرىكىتىگە بولغان چۈشەنچىمىز قانچە چوڭقۇرلاشقانسىرى، ئەقىدىنىڭ ئۆز ھاياتىمىزنى تىزگىنلەشتىكى ئاجايىپ كۈچ - ئىگە بولغان چۈشەنچىمىزمۇ شۇنچىكى چوڭقۇرلىشىدۇ. بۇ خىل كۈچ كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەندىزىلىرىنىڭ ئۆز رولىنى يوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەقىدە ھەتتا فىزىئولوگىيىلىك ھالەتلەر جەھەتتىمۇ تىزگىنلەش رولىنى ئوينىيالايدۇ. تېخى يېقىندىلا، مەلۇم بىرەيلەن روھى بۆلۈنۈش كېسىلى ھەققىدە بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئىشلەپتۇ. بۇ تەجرىبىنىڭ ئوبىيېكتى مەلۇم بىر بۆلۈنۈش خاراكتېرى بار ئايال بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ قان قەنتى مىقدارى پۈتۈنلەي نورمال ھالەتتە تۇرىدىكەن. لېكىن ئۇ ئۇ مەن دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدم. دەپ قارىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ پۈتكۈل فىزىئولوگىيىلىك ھالىتى دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئەھۋالدىكى ھالەتكە ئۆزگۈرۈپتۇ. دېمەك ئۇنىڭ ئەقىدىسى رېئاللىققا ئايلىنىپتۇ.
كۆپ قىسىم كىشىلەر تىنىچلاندۇرۇش دەرسىنىڭ تەسىرىنى بىلىدۇ. ئەگەر سىز بىراۋغا مەلۇم بىر خىل دورىنى مۇنداق تەسىرى بار، دەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئۇ دورىنىڭ ئۇنداق تەسىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ، قارشى تەرەپ ئۇ دورىدىن يەنىلا ئاشۇ خىل تەسىرنى ھېس قىلىدۇ. رومان كاشىنىس كېسەل داۋالاش جەريانىدا ئەقىدىنىڭ بۇ خىل كۈچ قۇدرىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ يەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، دورا ئانچە زۆرۈر ئەمەس، زۆرۈرى ئەقىدىدۇر. مەلۇم بىرەيلەن بىر قىسىم كېسەل كىشىلەرگە قارىتا تىنىچلاندۇرۇش دورىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ كېسەل كىشىلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ بىرخىل يېڭى دورا ئىچىدىغانلىقى ۋە بۇ يېڭى دورىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاغرىقىنى چوقۇم پەسەيتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرگە بولسا ئۇلارنىڭ بىر خىل سىناق دورىسى ئىچىدىغانلىقى، بۇ دورىنىڭ ئاغرىقنى پەسەيتەلەيدىغان ياكى پەسەيتەلمەيدىغانلىقىنىڭ تېخى نائېنىق ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇرغان. نەتىجىدە، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ %57 ئاغرىق ئازابىنىڭ روشەن دەرىجىدە يەڭگىلىگەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئىككىنچى گۇرۇپپىدا بولسا پەقەت %25 ئادەملا شۇنداق ھېس قىلغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئادەمگە ئىچۈرۈلگىنى قىلچە داۋالاش قىممىتى يوق ئوخشاش خىل دورا ئىكەن. دېمەك، بۇ يەردىكى ئوخشاشماسلىقتىنلا ئىبارەت بولغان خالاس، يەنە بىر مىسال ئالساق، بىر قىسىم كىشىلەرگە زىيانلىق دورا يىگۈزۈلگەن، ھەم ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن بىر خىل پايدىلىق تەسىر ھېس قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. نەتىجىدە، ئۇلار دەرۋەقە ھېچقانداق زىيانلىق تەسىرلەرنى ھېس قىلمىغان.
بۇ خىل تەجرىبىنى ئىشلىگەن ئادەم ئاندېرىي ۋېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دورا يىگۈچىلەرنىڭ ھېس - تۇيغۇسى ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغاندىكى بىلەن تامامەن دېگۈدەك ئوخشاش بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئانقىتام (79) يىگەن ئادەمنى ئېغىر بېسىق تۇيغۇغا، بايىت تۇز كېسلاتاسى يىگەن ئادەمنى بولسا روھلانغان تۇيغۇغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: دورىنىڭ سېھرى كۈچى، قانداقتۇر دورىنىڭ ئۆزىدە بولماستىن بەلكى دورا ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىدۇر.
يۇقارقى بارلىق مىساللارنىڭ ئىچىدە بىر نۇقتا ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ: نەتىجىگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە ئەقىدىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ چوڭ مېڭە بىلەن نېرۋا سىستېمىسىغا توختاۋسىز ھالدا سېگىنال يەتكۈزىدۇ. سېگىنال باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇ بىرخىل ھالەت ۋە ھەرىكەتنى يېتەكلەيدىغان بىرخىل ئىچكى تەسەۋۋۇردىن ئىبارەتتۇر. ئەقىدە ئادەمنى كۈچ قۇدرەتكە ئىگە قىلالايدۇ — يەنى ئۆزىمىزنىڭ مەلۇم ئىشنى تاماملىيالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەنە ئادەمنى ئىرادىسىزلاشتۇرىۋېتەلەيدۇ — يەنى ئۆزىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىمىزغا ياكى يەڭگىلى بولمايدىغان چەكلەش خاراكتېرلىك نۇرغۇن توسالغۇلارنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋاقتىمىزدا، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، ئۇ چاغدا بۇ خىل سېگىنال مۇقەررەر ھالدا سىزگە مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەيلى سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم ئىشنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ ياكى قىلالمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ، ئوخشاشلا خاتالاشقان بولمايسىز. بۇ ئىكىلى خىل ئەقىدە زور كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ، مەسىلە ئۇلارنىڭ قايسىسىغا ئىگە بولۇش ھەم شۇ خىل ئەقىدىنى قانداق يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
ئەقىدىنىڭ ئۆزى بىر خىل تاللاشتۇر. مەيلى بىز ئېتىراپ قىلايلى قىلمايلى، ئۇ ھەقىقەتەن بىر خىل ئاڭلىق رەۋىشتىكى تاللاشتۇر. سىز ئۆزىڭىزنى چەكلەيدىغان ئەقىدىلەرنى تاللىسىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدىغان ئەقىدىلەرنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئېپى دەل ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىلىق بولغان ھەم ئۆز مەقسىتىڭىزگگ يېتىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدىغان ئەقىدىلەرنى تاللاپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىڭىزغا توسالغۇ بولىدىغان ئەقىدىلەردىن ۋاز كېچىشتۇر.
كىشىلەرنىڭ ئەقىدىگە بولغان ئەڭ زور خاتا تونۇشى شۇكى، ئۇلار ئەقىدىنى ئەقىل - پاراسەت جەھەتتىكى بىر خىل ھەرىكەتسىز ئۇقۇم، ھەرىكەت ۋە نەتىجە بىلەن قىلچە مۇناسىۋېتى يوق ئۇقۇم، دەپ قارايدۇ. ئەقىدىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ دەرۋازىسى بولالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەرىكەتسىز يەككە - يىگانە ئۇقۇم ئەمەستۇر.
بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يوشۇۇرن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش دەرىجىمىزنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدىغان نەرسە دەل ئەقىدىددۇر. ئەقىدە بىزنىڭ ئىددىيە يۈزلىنىشىمىزنى خالىغانچە تىزگىنلىيەلەيدۇ. سىز مۇنداق بىر ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ بىراۋ سىزگە ماڭا تۇزنى ئېكىلىپ بېرىڭە دېگەن بولسىمۇ، سىز ئاشخانا ئۆيىگە كىرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا تۇزنىڭ قەيەردىلىگىنى بىلمەيدىغان تۇرسام دېدىڭىز. ئاشخانا ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇزنى بىر قانچە مىنۇت ئىزدىگەندىن كېيىن، تۇزنى تاپالمىدىم دەپ توۋلىدىڭىز. ئاندىن كېيىن، ھېلىقى ئادەم ئۆزى كىرىپ، تۇزنى كۆز ئالدىڭىزدىلا جاھازىنىڭ ئۈستىدىن ئالدى، ھەم سىزگە: كالۋا، قاراڭ، مانا كۆز ئالدىڭىزدىلىغۇ، ئەگەر ئۇ يىلان بولغان بولسا، سىزنى چېقىۋالارىكەن دېدى. سى زتاپالمىدىم دەپ توۋلىغان ۋاقتىڭىزدىلا، چوڭ مېڭىڭىزگە تۇزنى كۆررمەسلىك بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن بولىسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ ھەرقېتىملىلق كەچۈرمىشلىرىڭىز ۋە سۆزلىگەن، كۆرگەن، ئاڭلىغان، ھېس قىلغان، تېتىپ باققان، پۇراپ باققان نەرسىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ساقلىنىدۇ، سىزنىڭ ئەسلىيەلمىدىم، دېيىشىڭىز توغرا. لېكىن ئەگەر سىز ئەسلىيەلەيمەن، دەيدىغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا چوڭ مېڭىڭىزنىڭ ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق بولغان جاۋابلار ساقلانغان قىسمىغا تۇتىشىدىغان دەرۋازىنى ئېچىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن بولىسىز.
ئەمدى بىز قايتا ئەسلەپ كۆرەيلى، ئەقىدە دېگەن نېمە؟ ئەقىدە بولسا ئالدىن تەشكىللەپ قويۇلغان، بىزنى ئۆز - ئۆزىمىز بىلەن ئالماشتۇرۇش قىلىشقا ئۈزلۈكسىز ھالدا يېتەكلەيدىغان بىر خىل ھېس - تۇيغۇ ئۇسۇلىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا، ئەقىدە قەيەرىدىن كېلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولسا، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ئۇلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ؟ ئەگەر بىز مۇۋەپپەقىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەقىدىلەرگە تەقلىد قىلماقچى بولساق، ئۇ چاغدا ئالدى بىلەن ئاشۇ خىل ئەقىدىلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇنلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
بىرىنچى كېلىش مەنبىئى مۇھىتتۇر. قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى دەيدىغان گەپ بار. بۇ رەھىمسىز ئەمەلىيەتلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر. تۇرمۇشتىكى ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان نەرسە پەرىشانلىق ۋە بېسىمغا ئۇچراش تۇيغۇسى ئەمەس، ئادەملەر بۇلارنى تامامەن يېڭىپ كېتەلەيدۇ. تۇرمۇشتىكى ھەقىقى قورقۇنچلۇق نەرسە بولسا مۇھىتنىڭ ئەقىدە ۋە ئارزۇغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىزنىڭ ئۆز ئەتراپىڭىزدا كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن ئىبارەت بولغان بولسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا ياردىمى بولىدىغان ئىچكى تەسەۋۋۇرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىڭىز ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. ئالدىنقى بىر بابتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى توختاۋسىز ھالدا تەقلىد قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر سىز باي ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ناھايىتى ئاسانلا بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە تەقلىد قىلىسىز. ئەگەر سىز نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزدە ناھايىتى ئاسانلا نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئەقىدىسى شەكىللىنىدۇ. ئالبىرىت ئېينىشتېيىن مۇنداق دەيدۇ: ئۆزى تۇىرۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئوخشىمايدىغان نۇقتىنەزەرنى ئوتتۇىرىغا قويالايدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز چىقىدۇ كۆپ قىسىم ئادەملەر بۇنداق نۇقتىنەزەرلەرنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.
بىز ئىلگىرى مۇنداق تەجرىبە ئېلىپ باردۇق: چوڭ شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بىر قىسىم كىشىلەرنى تېپىپ كېلىپ، ئۇلارنى يىمەكلىك بىلەن تەمىنلىدۇق، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدۇق. ھەم ئۇلاردىن بىزگە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىشنى، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى تۇرىۋاتقان جايىغان نىسبەتەن قانداق ھېس - تۇيغۇدا ئىكەنلىكى ۋە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ھېس - تۇيغۇدا ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق، ئاندىن كېيىن، ئۇلارنى گەرچە روھى ۋە جىسمانى جەھەتلەردە زور تالاپەتلەرگە ئۇچرىغا بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆز ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتەلىگەن كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇدۇق.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە 28 ياشلىق بىر ئەر بار بولۇپ، قاۋۇل، ئەقىللىق ھەم كېلىشكەن ئىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بەختسىزلەرچە ھالدا كوچىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ؟ لېكىن W مىشىر بولسا — ھېچبولمىغاندا كۆرۈنۈش جەھەتتە ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك ھېچقانداق ئىقتىدارى قالمىغانىدى — شۇنچە بەختلىك؟ شۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، مىشىر ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىت ئىچىدە زور بەختسىزلىكلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلار مىشىر ئۈچۈن ئۈلگە ۋە ئەندىزە تىكلەپ بەرگەن. ھەم ئۇنىڭ ئۆزىدە بۇنى مەنمۇ قىلالىشىم مۇمكىن دەيدىغان ئەقىدە شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جون ئىسىملىك ھېلىقى ياشنىڭ ياشىغان مۇھىتىدا بۇنداق ئۈلگە ۋە ئەندىزىلەر بولمىغان. ئۇنىڭ ئاپىسى پاھىشە بولۇپ، دادىسى بولسا ئادەم ئۆلتۈرۈش سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، دادىسى ئۇنىڭغا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى ئۆگەتكەن. مۇشۇنداق مۇھىت ئۇنىڭ جاننى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇلى كوچىدا ئېقىپ يۈرۈش ۋە ئوغىرلىق قىلىش، دەيدىغان كۆز قاراشقا ئىشىنىشىگە ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئارقىلىق ئازابتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ، سەللا دىققەت قىلمىساڭ، خەقلەر نىسىۋەڭنى ئىگىلىۋالىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراشقا قەتئى ئىشەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشىنىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش بولمىغان. شۇ كۈنى كەچتە، بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدۇق. ھەم ئۇنىڭ ئەقىدە سىستېمىسىنى ئۆزگەرتتۇق. نەتىجىدە، ئۇ شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى تاشلاپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدى. ھەم كوچىلاردا ئېقىپ يۈرىدىغان ئىشنى ئىككىنچى قىلمايدىغان بولدى. ھازىر ئۇنىڭ نۇرغۇن ياخشى دوستلىرى بار. ئۇ يېڭىچە بىر خىل ئەقىدە بىلەن يېڭىچە بىرخىل مۇھىت ئىچىدە ياشاپ، يېڭىچە نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
چىكاگو ئۇنىۋېرستېتىدىكى بىنجامىن بىراند دېگەن كىشى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يۈز نەپەر ياش تەنھەرىكەتچى، مۇزىكانت ۋە ئالىمغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا بۇ تالانت ئىگىلىرىنىڭ باشتىن باشلاپلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەمەلىگىنى بايقىغان. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئالغا ئىلگىرلىگەنلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەرقاندىغىنىڭ تالانت ئالامىتى پەقەت ئۇلاردا مەن تالانت ئىگىسى بولالايمەن دەيدىغان ئەقىدە پەيدا بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن نامايان بولغان ئىكەن.
مۇھىت بەلكىم ئەقىدىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوزغاتقۇچىسى بولۇش مۇمكىن لېكىن ئۇ ئەقىدىنىڭ بىردىنبىر قوزغاتقۇچىسى ئەمەس، ئەگەر ئۇ بىر دىنبىر قوزغاتقۇچ بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بىز مەڭگۈ ئۆزگەرمەس مۇھىت ئىچىدە ياشىغان بولاتتۇق. باي بالىلار پەقەت باي مۇھىتنىلا بىلگەن، نامرات بالىلار بولسا پەقەت نامراتلىقنىلا بىلگەن بولاتتى. ئەكىسچە، باشقا خىل كەچۈرمىش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىلىرىمۇ ئەقىدىنىڭ كېلىش مەنبىئى بولالايدۇ.
تۇرمۇشتىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەقىدە پەيدا قىلالايدۇ. ئادەنىڭ ھاياتىدا، بەزى ئىشلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. جون F كىننىدى قەستكە ئۇچرىغان شۇ كۈننى ئەسلىيەلەيدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ شۇ كۈنى قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بىلەلەيسىز. نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى مەڭگۈگە ئۆزگەرگەن بىر كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاشلا، كۆپ قىسىم ئادەملەر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان كەچۈرمىشلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق كەچۈرمىشلەرنىڭ بىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى دەل مۇشۇنداق كەچۈرمىشلەر تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەقىدىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
مەن 13 ياش ۋاقتىمدىلا ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلاندىم. ھەم تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى ياكى تەنتەربىيە پىروگراممىسىنىڭ دىكتورى بولۇشنى قارار قىلدىم. مەلۇم بىر كۈنى، مەن گېزىتتىن خوخاد كىسارنىڭ مەلۇم بىر كىتابخانىدا ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابلىرىنى ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى ئۆزتكۈزمەكچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن مەن، ئەگەر مەن تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى يازغۇچىسى ياكى تەنتەربىيە پروگراممىسى دىكتورى بولۇشنى ئويلايدىكەنمە، ئالدى بىلەن چوقۇم زىيارەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ھەم ئىشنى مۇشۇ يەردىنلا باشلاشنى قارار قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ، كىچىك ئۈنئالغۇدىن بىرنى ئارىيەت ئالدىم، ئاپام مېنى پىكاۋى بىلەن ھېلىقى كىتابخانىغا ئاپىرىپ قويدى. مەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، كىسار ئەپەندىم كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغان ئىكەن. مەن بىر ئاز قورقتۇم. بىز توپ مۇخبىرلار ئۇنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سوراۋاتاتتى. مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ، بىر قانچە مۇخبىرلارنىڭ قولتۇقلىرى ئاستىدىن ئۆتۈپ كىسار ئەپەندىمنىڭ ئالدىغا باردىم. مەن دەرھال ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ئاددىيغىنا ئۈنئالغۇ زىيارىتى قىلغۇم بارلىغىنى ئېيتتىم. ئۇ ھېلىقى بىر توپ مۇخبىرلارنى توختۇتۇپ قويۇپ، ماڭا شەخسەن زىيارەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئۇ كەچۈرمىش مېنىڭ ئەقىدەمنى ئۆزگەرتتى، ماڭا نېمىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشتا كىملەرگە يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقى ۋە ئۆزۈم ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىنتىلىشنىڭ جاۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈردى. كېيىن مەن كىسار ئەپەندىمنىڭ شۇ قېتىملىق ئىلھاملاندۇرۇشى سەۋەبىدىن، مەلۇم بىر گېزىتكە توختىماي ماقالە ئەۋەتتىم. بۇ مېنى مۇشۇ ساھەدە ئۇنتولغۇسىز كەچۈرمىشكە ئىگە قىلدى.
ئەقىدىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىككىنچى مەنبە بولسا بىلىمدۇر. بىۋاسىتە كەچۈرمىش پەقەت بىلىمگە ئېرىشىش يوللىرىنىڭ بىرىدۇر. بىلىمگە يەنە كىتاب ئوقۇش، كىنو كۆرۈش ۋە دۇنيانى كۆزىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىلىم ناچار مۇھىتنىڭ ئىسكەنجىسىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ئەڭ ياخشى قوراللارنىڭ بىرىدۇر. دۇنيانىڭ سىزگە قانچىلىك دەرىجىدە شەپقەتسىزلىك قىلىشىدىن قەتئىنەزەر، سىز پەقەت باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇيدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدە چوقۇم غەلبە قىلىش ئەقىدىسىنى تۇرغۇزالايسىز. نىگىر سىياسىئون روبرت كىۋىن نيو يورك ۋاقىت گېزىتىدە ماقالە يېزىپ جىج روبىنسوننى تونۇشتۇرىدۇ. جىج روبىنسون ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئىجتىمائى گورۇھلار ئىچىدىكى تۇنجى نىگىر پوپ بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقتىدىلا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن، كىۋىن مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىنلا، مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئاندىن رەڭدارلىشىشقا باشلىدى. مېنىڭ ئەقىدەممۇ دەل ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئاستىدا شەكىللەنگەن.
ئەقىدىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈچىنچى يول بىزنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. سىزنىڭ مەلۇم ئىشنى قىلىش ئەقىدىڭىزنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بىر قېتىم سىناپ كۆرۈشتۇر. ئەگەر سىز بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازانسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزدە يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەقىدىسى ناھايىتى ئاسانلا شەكىللىنىدۇ. مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ھەر ئايدا چوقۇم بىر كىتاب يېزىشتەك ئۆلۈك ۋەزىپىنى بەلگىلىۋالدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ شۇنداق قىلالايدىغان قىلالمايدىغانلىقىمغا جەزىم قىلالمايمەن، لېكىن مەن ھەر كۈنى چوقۇم بىر باب يېزىشنى بەلگىلىدىم. ھەم بۇنى قىلالىدىم. ئەگەر مەن بىرلا قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان بولسام ئۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمنى بىلەلەيمەن. شۇنداق بولغاندا، مەندە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بىر كىتاب يېزىپ بولۇش ئەقىدىسى شەكىللىنىدۇ.
مۇخبىرلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرقى قەرەلدىن بۇرۇن خەۋەر ئورگىنالى يېزىپ چىقىشنى ئۆگىنىدۇ. تۇرمۇشتا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە بىر پارچە مۇكەممەل ھېكايە يېزىپ چىقىش بەلگىلىمىسىدىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق نەرسە يوقتۇر. مۇخبىرلىق ساھەسىگگ يېڭى قەدەم قويغان كۆپ سانلىق مۇخبىرلا بۇ نۇقتىدىن ئەڭ قورقىدۇ. لېكىن ئۇلار شۇنى بايقايدۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىككى قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالالىسىلا، شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. گەرچە ئۇلار ياش - قورامىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ تېز يازالايدىغان بولۇپ كەتمىسىمۇ، لېكىن ئۆزىدە ئۆزىنىڭ ھەرقانداق بىر ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئىچىدە مۇكەممەل بىر پارچە ھېكايە يېزىپ چىقالايدىغانلىقىدەك ئەقىدە شەكىللەنگەن ھامان، ئالدىراپ مەغلۇپ بولمايدۇ. باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئوخشاش، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم ئىشنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىدىغانلا بولسىڭىز، شۇ ئىشنى دېگەن ۋاقىتتا چوقۇم تاماملىيالايسىز.
ئەقىدە تۇرغۇزۇشنىڭ تۆتىنچى خىل ئۇسۇلى بولسا ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىزغا ئاللىقاچان يېتىپ بولغان قىياپەتتە تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. خۇددى سىزنىڭ ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرىڭىز ئىچكى تەسەۋۋۇرلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ئەقىدىڭىزنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرغانغا ئوخشاش، كەلگۈسىگە بولغان تەسەۋۋۇر خاراكتېرلىك كەچۈرمىشلىرىڭىزمۇ سىزنىڭ ئىچكى تەسەۋۋۇرلىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. مەن بۇنى نەتىجىنى ئالدىن باشتىن كەچۈرۈش، دەپ ئاتىدىم. ئەگەر سىز ئالدىن باشتىن كەچۈرگەن نەتىجىنىڭ ئۆزىڭىزنى ئاكتىپ ھالەتكە ئىگە قىلالمايدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۇ چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ ھالىتى، ئەقىدىسى ۋە ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلىدىغان ئۇسۇللارغا ئاساسەن ئۆزگەرتسىڭىز، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلىدىغان نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز سودىگەر بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىش ئاسانمۇ ياكى يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىشمۇ؟ ئەمەلىيەتتە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىش بەكرەك ئاسان. مەن سىزگە بۇنىڭ سىرىنى دەپ بېرەي، ئەگەر سىزنىڭ نىشانىڭىز ئون مىڭ دوللار تېپىش بولسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ ھەقىقى قىلىشنى ئويلايدىغان ئىشىڭىز قەرز پۇللىرىڭىزنى تۆلىيەلىگۈدەك يېتەرلىك پۇل تېپىشتىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ مەقسىتىڭىز مۇشۇ بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، سىز خىزمەت ۋاقتىدا روھلۇق ھەم كۈچلۈك ھالەتتە تۇرالارسىزمۇ؟ ھاياجانلىق كەيپىيات بىلەن: مەن چوقۇم تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىم كېرەك، شۇنداق قىلساملا ئاندىن ئۆلگۈر قەرزلەرنى قايتۇرالىغۇدەك يېتەرلىك پۇلغا ئېرىشەلەيمەن، دەپ ئويلارسىزمۇ؟ مەن سىزنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇنداق مەقسەت مېنىڭ تىرىشچانلىق روھىمنى ھەرگىز قوزغىتالمايدۇ.
لېكىن، تىجارەتكە شۇنداق كىرىشكەن ھامان، مەيلى سىز قانچە پۇل تېپىشنى ئۈمىد قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، يەنىلا تېلېفون ئۇرۇشقا، كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش قىلىشقا ۋە كېرەكلىك ماللارنى كىرگۈزۈپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولىسىز. شۇ سەۋەبتىن، يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىش ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىشقا قارىغاندا سىزنى بەكرەك روھلاندۇرىدۇ ھەم بەكرەك ھەرىكەتچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. بۇ خىل روھلىنىش ھالىتى سىزنىڭ ئىزچىل ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ زور يوشۇرۇن كۈچلىرىڭىزنى قېزىپ چىقىرىشىڭىزغا سىزنىڭ پەقەت جان بېقىشنىلا ئۈمىد قىلىشىڭىزغا قارىغاندا بەكرەك تۈرتكە بولىدۇ.
ناھايىتى روشەنكى، پۇل ھەرگىزمۇ سىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىردىنبىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئەمەس، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆز كۆڭلىڭىزدە ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلىدىغان نەتىجىگە نىسبەتەن ئېنىق تەسەۋۋۇر پەيدا قىلالىسىڭىزلا، ھەم ئۆزىڭىزنى شۇخىل نەتىجىگە ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغاندەك ھېس قىلسىڭىزلا، ئۇ چاغدا سىز چوقۇملا ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلىدىغان نەتىجىدىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىڭىزگە بولىدىغان ھالەتكە قەدەم قويالايسىز.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقىدە شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىدۇر. كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ئىختىيارى ھالدا شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت كۆرسەتكەن تەسىرلەرنىڭ ھەممىنى پايدىلىق پايدىسىز دېمەي قوبۇل قىلىۋېرىدۇ. بۇ كىتابنىڭ ئاساسى مەقسەتلىرىنىڭ بىر سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ شامال قاياققا ئۇچۇرسا شۇ ياققا ئۇچۇدىغان يوپۇرماق ئەمەسلىكىڭىز، بەلكى ئۆز تەقدىرىڭىزگە خوجا بولۇپ ئۆز تۇرمۇشىڭىزنى يارىتالايدىغانلىقىڭىز قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر. سىز ئۆز ئەقىدىڭىزنى ۋە باشقىلارغا تەقلىد قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى تىزگىنلىيەلەيسىز، ئۆز تۇرمۇشىڭىزنى ئاڭلىق رەۋىشتە يېتەكلىيەلەيسىز، شۇنداقلا يەنە ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
سىزنىڭ ئەقىدىلىرىڭىز قەيەردىن كەلگەن؟ كوچىلاردىكى ئادەتتىكى كىشىلەردىن كەلگەنمۇ؟ ياكى رادىئو، تېلېۋىزورلاردىنمۇ؟ ۋە ياكى ئەڭ گەپدان كىشىلەردىنمۇ؟ ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇنداقتا چوقۇم ئۆز ئەقىدىڭىزنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىشىڭىز، ھەم يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش ۋە مەقسەتكە يېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەقىدىدىن باشلىنىدىغان ھەرىكەت جەريانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنى مەلۇم بىر كىشى قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلسا، ئەگەر ئۇ ئۆزىنى ناچار ئوقۇغۇچى دەپ قارىسا، ئەگەر ئۇ مەغلۇب بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچى قانچىلىك دەرىجىدە قېزىپ چىقىرىلىشى مۇمكىن؟ مۇقەررەر ھالدا ئاز دەرىجىدە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئاللىقاچان مەغلۇبىيەت سېگىناللىرىنى يەتكۈزگەن بولىدۇ. مۇشۇ خىل ئۈمىد قىلىشنى چىقىش قىلغاندا، ئۇ قانداق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن؟ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، باشتىن ئاخىر بىردەك بولىدىغان ۋە كۈچ - قۇدرەتكە تولغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنارمۇ؟ بۇ ھەرىكەتلەر ئۇنىڭ ھەقىقى يوشۇرۇن كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟ مۇمكىن ئەمەس! ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، ئۇ چاغدا قانداقمۇ سىناپ بېقىشقا تىرىشقىڭىز كېلىدۇ؟ شۇڭا، سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئىشنەمىگە ئەھۋال ئاستىدا قېزىپ چىقىدىغان يوشۇرۇن كۈچىڭىز ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ، قوللانغان ھەرىكىتىڭىزمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال قانداق نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ بەلكىم ئادەمنى مەيۈسلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق نەتىجىلەر يەنە ئۆز ئەقدىڭىزگە نىسبەتەن قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ بەلكىم پاسسىپ ئەقىدىلىرىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، شۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللىنىشى مۇمكىن.
مەغلۇبىيەت مەغلۇبىيەتنى تەۋەللۇت قىلىدۇ. ئاشۇ نەتىجىسىز ھەم بەختسىز كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان نەتىجىگە ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئېرىشەلمىگەنلىگى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئۆزى ئۈمىد قىلغان نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ناھايىتى ئاز جارى قىلدۇرىدۇ ياكى جارى قىلدۇرمايدۇ، پەقەت جان ساقلاشنىڭ كويىدىلا بولىدۇ.
ئەمدى بىز بۇ مەسىلىگە باشقا بىر نوقتىدىن قاراپ باقايلى، ئەگەر باشلىنىشتىنلا ئۈمىدىڭىز ناھايىتى يۇقىرى بولسا، يەنى ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، ئۇ چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى قانچىلىك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشىڭىز مۇمكىن؟ بەلكى ناھايتى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالىشىڭىز مۇمكىن، قانداق ھەرىكەت قوللىنىشىڭىز مۇمكىن؟ تىرىشچانلىقىڭىزنى يېرىم يولدا توختۇتۇپ قويىشىڭىز مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە يېرىم يولدا توختۇتۇپ قويمايسىز! سىز ناھايىتى روھلىنىسىز، كۈچ - قۇدرەتكە تولىسىز، مۇۋەپپەقىيەت قازانسامكەنلا دەيسىز، يۇقىرى سۈرئەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ھەرىكەت قىلىسىز. ئەگەر سىز مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولسىڭىز، قانداق نەتىجىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن؟ بەلكىم ئادەمنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدىغان نەتىجىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇ سىزنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەقىدىسىنى تۇرغۇزۇشىڭىزغا نىسبەتەن قانداق نەرسىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللەندۈرۈشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مۇۋەپپەقىيەت مۇۋەپپ؛ەقىيەتنى تەۋەللۇت قىلىدۇ. يەنە كېلىپ تېخىمۇ زور مۇۋەپەقىيەتلەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ھەر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىدە ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
ئىقتىدارلىق ئادەملەر ئۆز كۈچ - قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟ چوقۇم جارى قىلدۇرالايدۇ. ئاكتىپ ئەقىدىلەر ھەممە ۋاقىتلاردا دېگۈدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەمدۇ؟ بۇنىسى ناتايىن. ئەگەر بىراۋ سىزگە ئۆزىدە سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان مەلۇم خىل سېھرى ئۇسولنىڭ بارلىقىنى ئېيتسا، ئەڭ ياخشىسى ھەميانىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ باشقا جايغا كېتىڭ. لېكىن تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر كىشىلەر ئۆزىگە كۈچ - قۇدرەت ئاتا قىلالايدىغان مەلۇم خىل ئەقىدە سىستېمىسىگە قەتئى يېپىشىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە ھەرىكەت قوللىنالايدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە جارى قىلدۇرالايدۇ. ئابراھام لىنكولىن بىر قانچە قېتىملىق مۇھىم سايلاملاردا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. لېكىن.ۇ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىقتىدارىغا قەتئى ئىشىنىدۇ. مەغلۇبىيەت ئۇنى قورقىتالمايدۇ. ئۇ ئەڭ ئاخىرى غەلبىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىدۇ.
بەزى ۋاقىتلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئەقىدىلەرنىڭ بولۇشى زۆرۈر بولمايدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەر دەل ئۆزىنىڭ مەلۇم ئىشلارنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ياكى قىلىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىنلا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا قولغا كەلتۈرىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا پەقەت بىرلا چەكلىك ئەقىدە بولسا يېتەرلىك بولىدۇ. مەسىلەن، مۇنداق بىر ياش بار بولۇپ، ئۇ ماتىماتىكا دەرسى ۋاقتىدا ئۇخلاپ قاپتۇ، ئۇ ئويغانغان ۋاقىتتا دەرستىن چۈشۈش سېگىنالى چېلىنىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ دوكىغا، ھەم دوسكىدىكى ئىككى تال مەسىلىنى كۆچۈرۈۋاپتۇ. ئۇ ئەسلىدە بۇلارنى ئائىلە تاپشۇرۇقى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغانىكەن. ئۇ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىلەرنى بىر كېچە كۈندۈز ئىشلەپتۇ، لېكىن بىر مەسىلىنىمۇ ئىشلىيەلمەپتۇ. لېكىن ئۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ئىزچىل ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەڭ ئاخىرى بىر تال مەسىلىنى يېشىپتۇ. ھەم ئۇ جاۋابنى دەرسخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. مۇئەللىم بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ. ئۇ ئەسلىدە بۇ ئوقۇغۇچىنى بۇ مەسىلىنى يېشەلمەيدۇ، دەپ ئويلىغانىكەن. ئەگەر ئۇ ئوقۇغۇچى بۇ مەسىلىنى ئىشلەشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، بەلكىم بۇ مەسىلىنى يېشەلمەسكىگى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنى بۇ مەسىلىنى يېشەلمەيمەن، دەپ قارىمىغان. بەلكى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ مەسىلىنى چوقۇم يېشىشىم كېرەك، مەن بۇ مەسىلىنى يېشىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تاپالايمەن، دەپ قارىغان.
ئەقىدىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يەنە بىرخىل ئۇسۇلى بولسا مەسىلىلەرنى ئەكىس تەرىپىدىن ئويلاشتۇر. بۇمۇ بىزنىڭ ئوتتىن ئۆتەلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبىدىندۇر. كىشىلەرنىڭ ئوت ئىچىدە مېڭىش ماڭالماسلىقىدىن قەتئىنەزەر، مەن شۇنداق ھېس قىلىمەنكى، كىشىلەر ئۆزلىرى قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز مۇتلەق مۇمكىن بولمايدۇ. دەپ قارىغان بىرەر ئىشنى قىلالىسىڭىز، ئۇ چاغدا بۇ سىزنىڭ ئۆز ئەقىدىڭىزنى يېڭىباشتىن ئويلىنىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىزغا قارىغاندا كۆپ ئىنچىكە ھەم كۆپ مۇرەككەپتۇر. ئەگەر سىز بۇنداق قارىمايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ ئەقىدىلىرىنى يېڭىباشتىن ئويلىنىپ بېقىڭ، ھەم قايسى خىل ئەقىدىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى ۋە قانداق دەرىجىدە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.
سىزنىڭ ئەمەلىيىتىڭىز دەل ئۆزىڭىز ياراتقان ئەمەلىيەتتۇر. ئەگەر سىزدە ئاكتىپ ئىچكى تەسەۋۋۇر ياكى پاسسىپ ئەقىدە بولغان بولسا، ئۇ چاغدا بۇنىمۇ ئۆزىڭىز ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولىسىز. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ياردىمى بولىدىغان ئەقىدىلەر ناھايىتى كۆپ |
|