بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ماقالىلەر >> دونيادىكى ئەڭ چوڭ خاككىرنىڭ ئاجايىپ تېخنىكىسى

دونيادىكى ئەڭ چوڭ خاككىرنىڭ ئاجايىپ تېخنىكىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-08 22:18:01    كۆرۈلۈش سانى : 499  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خاككىرنىڭ ئاجايىپ تېخنىكىسى 1964-يىلى ئامېرىكىدا كالفورنىيە شتاتىنىىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە تۇغۇلغان. 13 يېشىدا كومپىيۇتېرغا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ مول كومپىيۇتېر بىلىمى ۋە يۇقرى مەشخۇلات ئىقتىدارىنى ئېگىلىگەن . مەكتەپنىڭ كومپىيۇتېرى ئارقىلىق باشقا مەكتەپنىڭ تورىغا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپتىن قوغلانغان . 15 يېشىدا «شىمالى ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە قوماندانلىق سېستىمىسى»نىڭ ئاساسى كومپىيۇتېر تورىغا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن خاككىرلار تارىخىدىكى داڭلىق شەخىس بولۇپ قالغان . ئۇ يەنە ئامېرىكا «تېنىچ ئوكيان تېلىفۇن شىرىكىتى»نىڭ جەنۇبى كالفورنىيە ئالاقىلىشىش تورىنىڭ مەخپى شىفىرىنى يېشىۋەتكەن ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا فىدراتسىيە ئىدارىسىنىڭ (FBI) كومپىيۇتېر تورىغا قانۇنسىز بۆسۈپ كىرىپ ،ئۇلارنىڭ دەل ئۆزىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغان ، ئۇ دەرھال مەركىزى كومپىيۇتېر سېستىمىسى مەخپى شىفىرىنى يېشىپ ھەر كۈنلۈك دېلو ئەھۋالى دوكىلاتىنى كۆرۈپ تۇرغان ھەم دېلو ماتىريالىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن . لېكىن، ئالاھىدە خادىملار ئاخىرى ئۇنى تۇتىۋالغان . سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش تەربىيلەش ئورنىغا يوللاپ بەرگەن . ئۇ شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى بىرىنچى «كومپىيۇتېر تورى ئۆسمۈر جىنايەتچىسى » بولۇپ قالغان . كېين قويۇپ بېرىلگەن ، 1983-يىلى 5بۇرجەكلىك بىنانىڭ كومپىيۇتېر تورىغا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش تەربىيلەش ئورنىدا يېرىم يىل سولانغان . 1988-يىلى DEC سىپىر ئەسلىھەلىرى شىركىتى تورىغا قانۇنسىز كىرىپ يەنە قولغا ئېلىنغان . 1990-يىلى قۇياش مىكرو سېستىما شىركىتى ، Novell تور شىركىتى ،NEC شىركىتى ، NOKIA شىركىتى، Motorola قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ تورىغا قانۇنسىز كىرىپ كومپىيۇتېردىكى ئابۇنتلار ماتىرياللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن . 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇ ئامېرىكا سانتياگو دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ ، «دوزاقتىكى خاككىر»دەپ نام ئالغان .لېكىن ، بۇ نۆۋەت مەركىزى كومپىيۇتېر شىفىر بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل مۇتەخەسىس زىياننى تۆلىتىۋېلىش ۋە ئۇنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن بىخەتەرلىك تېخىنىكىسى ئارقىلىق ،ئۇنى فىدراتسىيە ئىدارىسىگە تۇتۇپ بەرگەن . فىدراتسىيە سوت مەھكىمىسى ئۇنى 25تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەرز قىلغان ھەم سوت ھۆكۈمى چىقارمايلا تۆت يېرىم يىل سولاپ قويغان . شۇنداقلا كاپالەتكە ئېلىپ چىقىشقا يول قويمىغان . بۇ ئامېرىكا ئەدىلىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئەقىل مۈلۈك جىنايەتچىلىرگە قوللانغان ئەڭ قاتتىق تەدبىر .   2001-يىلى ئۆز جىنايىتىنى تۇنىغاندىن كېيىن نازارەت ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەن . «خاككىرلار تېخىمۇ تەدبىرلىك ۋە ھىيلىگەرلىشىپ كەتتى، ئۇلار ھەرخىل يېڭى نەيرەڭلەرنى ئويلاپ چىقىدۇ ، تېخىنىكىلىق نۇقسان ۋە سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن سىزنىڭ كومپىيۇتېر سېستىمىڭىزنى بۇلايدۇ» دەيدۇ ئۇ . ئۇ ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن ، كومپىيۇتېر بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىكى ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە خاككىرلارنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچۈر بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.   ئۇ نىڭ كومپىيۇتېر بىخەتەرلىكىگە ئائىت 10 چوڭ تەكلىپى تۆۋەندىكىچە:   1. ماتىريالنى زاپاس ساقلاڭ، ئىسڭىىزدە بولسۇنكى سېستىيمىڭىز مەڭگۈ مۇكەممەل بولمايدۇ . كىچىككىنە بىر ۋېروس سانلىق سىپىرلىرىڭىزنىڭ ئاپەت خاراكتىرلىق يوقۇلۇشىغا سەۋەب بولالايدۇ.   2. سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاددىي شىفىر نىلا تولدۇرۇپ قويماي، پەرەز قىلىش تەس بولغان مەخپى شىفىرنى تاللاڭ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەر ۋاقىت مەخپى شىفرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ . 3. ۋېرۇسقا قارشى يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاڭ . ھەر كۈنى ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرۇڭ. 4. مەشغۇلات سېستىيمىسىنى ۋاقىتىدا يىڭىلاپ تۇرۇڭ. يۇمشاق دىتال ئىشلەش شىركەتلىرى تارقاتقان تولۇقلىمىلارغا ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، ھەم ۋاختىدا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ . bmgncwlz   5. تور كۆزنىكىدە خاككىر لارنىڭ يەمچۈگى كۆرۈنگەندە سەگەك بولۇڭ . ئىلخەت ئاپتۇماتىك ئىختىدارىنى ئىتىۋىتىڭ.   6. مۇھىم ماتىريال يوللىغاندا مەخپى شىفىر لىق يۇمشاق دىتال ئىشلىتىڭ . ھەم مەخپى شىفىر لىق يۇمشاق دىتال ئارقىلىق قاتتىق دىسكىڭىزدىكى سىپىر لارنى قوغداڭ   7. بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ جاسۇسلۇققا قارشى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىڭ ھەم دائىم ئۇنىڭ نورمال ئىجرا بولۇشىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ. 8. ۋىرۇستىن مۇداپىيە توسىقىنى ئىشلىتىڭ ھەم ئۇنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭ، باشقا كومپىيۇتېر ، تور ۋە تور ئادىرىسىنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزغا ئۇلىنىشىنى توسۇڭ، قانداق پىرۇ گىراممىلارنىڭ تورغا ئاپتۇماتىك ئۇلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ قويۇڭ .   9. بارلىق ئىشلەتمەيدىغان سېستىيما مۇلازىمەتلىرىنى ئىتىۋىتىڭ ، بولۇپمۇ RealVNC . RemoteDesktop يىراقتىن كومپىيۇتېر كونتىرول قىلالايدىغان مۇلازىمەتلەرنى ئىتىۋىتىڭ .   10 . سىمسىز ئۇلانمىىنىڭ بىخەتەر لىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. ئۆيدە سىمسىز ئۇلانمىنى ئىشلەتكەندە WPA ۋە ئاز دىگەندىمۇ 20 خانىلىق بولغان مەخپى شىفىرنى ئىشلىتىڭ ، لەپتوپ كومپىيۇتېرىڭىزنى ياخشى تەڭشەڭ . WPA نى ئىشلەتمىگەندە ھەرقانداق تورغا كىرمەڭ . دۈشمەنلىككە تولغان ئىنتېرنېت تورى دۇنياسىدا ئۆزنى قوغداش ھەقىقەتەن ئوڭاي ئىش ئەمەس. يەرشارىنىڭ مەلۇم بىر بۇرجىكىدە، بىر ياكى بىر قىسىم ئەخلاق دىگەننى زادىلا بىلمەيدىغان كىشىلەر، ھەر ۋاقىت سېستىيمىڭىز دىكى بوشلۇقلارنى تىڭ-تىڭلاپ تۇرىدۇ ، ھەم شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇھىم مەخپىيەتلىكىڭىزنى ئوغۇرلىۋالىدۇ. سىزنىڭ بۇ تور تاجاۋۇز چىلىرىنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئىلىندى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خ...
●  بالىلار ئويۇنلىرىن...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېت...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇش...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىم...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىر...
●  «فىزىكىلىق شەكىل ن...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا...
●  خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ...
●  ئىدىيە - سىياسىي دە...
●  ئوبرازلىق ئوقۇتۇش ...
●  ئۇيغۇرقىزىغا لەنەت...
●  تەنتەربىيە دەرسىدە...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  <مۆمىننىڭ مومىغا چى...
●  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ ئەد...
●  تەبىئىي پەنلەردە >...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكت...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆتكەن ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خاككى...
●  بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ سا...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېتىلدۈر...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىك...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئ...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىرلاشقا...
●  «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرى...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى