بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ماقالىلەر >> ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىدە قانداق ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك

ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىدە قانداق ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-24 13:13:47    كۆرۈلۈش سانى : 186  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
     1. ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆز كەسپىنى تىرىشىپ تەتقىق قىلىشى لازىم. خىمىيە پېنى تەجرىبىنى ئاساس  قىلىدىغان تەبىئىي پەن. ئۇنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلغاندا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە كۆپلەپ ئىزدەنگەندە، دەرسلىككە  مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم تەجرىبىلەرنى ئۆزى لايىھىلەپ ئوقۇتۇش جەريانىدا قوللانغاندا، دەرسنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.   2. خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى مۇكەممەل بولغان قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، خىمىيە پېنى تەجرىبىنى ئاساس قىلىدىغان پەن. خىمىيە دەرسى ئۆتكەن ئوقۇتقۇچى ھەر ۋاقىت تەجرىبە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر مۇكەممەل بولغان قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرمىگەندە، تەجرىبە ئىشلەش جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى، ياكى تەجرىبە ئىشلەشكە سەرپ قىلغان ۋاقىت ئۇزۇن بولۇپ  كېتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى زايا قىلىۋېتىشى، ھەتتا بەزى ئېغىر ۋەقەلەرنى سادىر قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ھىدروگېننىڭ ئېلىنىشى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى تەجرىبىسىنى ئىشلىگەندە، ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا، ھېدروگىن ئېلىش جەريانىدا دورىنى ئىسراپ قىلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. ھېدروگىننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تەجرىبىسىنى ئىشلەش جەريانىدا ئەگەر ئوقۇتقۇچى ياخشى قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىسا، ھېدروگىننىڭ ساپلىقىنى تەكشۈرۈشتە خاتالىق كۆرۈلۈپ، ئوت ياققاندا  پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ خەتەرلىك ۋەقە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.    3. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى مۇكەممەل كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى مۇكەممەل بولغان كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنى توغرا يېتەكلەپ، توغرا بولغان كۆزىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتەلەيدۇ. شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيىتىنى ئىگىلەشتىكى مۇقەررەر يول. مەسىلەن: شامنىڭ كۆيۈشىنى كۆزىتىشتە ئوقۇغۇچىلار توغرا يېتەكلەنمىسە، ئوقۇغۇچىلار گەۋدىلىك بولغان شامنىڭ كۆيۈشىدىن ئىبارەت خىمىيىلىك ئۆزگىرىش جەريانىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، شامنىڭ ئېرىشىدىن ئىبارەت فىزىكىلىق ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا سەل قارايدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار شام كۆيگەندە پەقەت خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلا يۈز بېرىدۇ، دېگەن خاتا چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ.   4. تەسۋىرلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تەسۋىرلەش ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە جەلپ قىلىشتىكى ئالاھىدە ئىقتدارلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسۋىرلەش ئىقتىدارى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى كىتابىي بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشتە ھەرخىل قىزىقارلىق سۆزلەر بىلەن خىمىيىۋى  ھادىسە ۋە خىمىيىۋى ئۇقۇملارنى جانلىق، ئوبرازلىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلالىشى  كېرەك.    5. تەپەككۇر قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ بەزى تەجرىبىلەرنى لايىھىلىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: قويۇق سۇلفات كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەندە، ئوقۇغۇچىلار پەقەت قويۇق سۇلفات كىسلاتاسى سۇيۇلدۇرۇلغان قاچىنىڭ سىرتىدىن تۇتۇپ، كۆرۈش ئارقىلىقلا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقنى ھېس قىلالايدۇ. ئەگەر بۇ تەجرىبىنى ئۆزگەرتىپ، ئىچىگە ئازراق  ئېفىر ئېلىنغان پروبىركىنىڭ ئېغىزىغا بىر ئۇچى ئۇچلۇق بولغان ئەينەك نەيچە بېكىتىلگەن پروبىركىنى بېكىتىپ، كىسلاتا سۇيۇلدۇرۇلغان قاچىغا سالغاندىن كېيىن، ئەينەك نەيچە ئېغىزىغا ئوت ياقساق،  ئېفىر ھورغا ئايلانمىغان بولغاچقا كۆيمەيدۇ. كىسلاتا سۇيۇلدۇرۇلغاندا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق    پروبىركا ئىچىدىكى ئېفىرنى ھورغا ئايلاندۇرغان بولغاچقا، ھورغا ئايلانغان ئېفىر ئەينەك نەيچە ئېغىزىدا كۆيۈشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار كىسلاتا سۇيۇلدۇرۇلغان قاچىنى سىرتىدىن تۇتۇشتىن ئىبارەت ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى تەجرىبە ۋاقتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.    6. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى خىمىيىلىك تىلنى پىششىق بىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. خىمىيىلىك تىل خىمىيە ئۆگىنىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى خىمىيىلىك تىلنى پىششىق ئىگىلەشكە ۋە توغرا ئىشلىتىشكە سەل قارىماسلىقى لازىم. مەسىلەن، خىمىيىلىك تەركىب فورمۇلىسى  بىلەن مولىكولا فورمۇلىسى  گەرچە شەكلى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ پەرقى بارلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم. ئەگەر ئوقۇتقۇچى خىمىيىلىك تىلغا پىششىق بولمىسا، مۇۋاپىق ئىشلەتمىسە بۇ ئىككى خىل ئۇقۇمنى ناھايىتى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ.    7. خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ماتېماتىكا ۋە فىزىكا پەنلىرى بويىچە بەلگىلىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى خىمىيە دەرسىنى ئۆتۈش جەريانىدا داۋاملىق  بەزى فىزىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق  بىلىملەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىمىيە پېنىدىن باشقا يەنە فىزىكا ۋە ماتېماتىكا بەنلىرىدىمۇ بەلگىلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، خىمىيە دەرسىنى ئۆتۈش جەريانىدا بىز داۋاملىق خىمىيىلىك  ھېسابلاشلارغا دۇچ كېلىمىز. بىز ئىشلەيدىغان خىمىيىلىك ھېسابلاشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى  تاناسىپ تۈزۈش ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ. تاناسىپ بولسا ماتېماتىكىلىق بىلىم.             (كېرىيە ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)  ياسىن مۇسا


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خ...
●  بالىلار ئويۇنلىرىن...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېت...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇش...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىم...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىر...
●  «فىزىكىلىق شەكىل ن...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا...
●  خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ...
●  ئىدىيە - سىياسىي دە...
●  ئوبرازلىق ئوقۇتۇش ...
●  ئۇيغۇرقىزىغا لەنەت...
●  تەنتەربىيە دەرسىدە...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  <مۆمىننىڭ مومىغا چى...
●  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ ئەد...
●  تەبىئىي پەنلەردە >...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكت...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆتكەن ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خاككى...
●  بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ سا...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېتىلدۈر...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىك...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئ...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىرلاشقا...
●  «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرى...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى