-
تالىبان ئامېرىكىنىڭ ..... - [خەۋەرلەر]2009-05-13
تالىبان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان خوسىتتىكى بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ دىيىشىچە ، بىر ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلاتقۇچى لىق پارتلاتقۇچ قاچلانغان بىر ئاپتۇمبىلىنى ئافغانستانىنىڭ شەرقىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ سىرتىدا پارتىلاتقان. ئاز دىگەندە 7ئادەم ئۆلۈپ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر يارىلانغان.
تالىبانلار باياناتچىسىنىڭ بۈگۈن چارشەنبە كۈنى دىيشىچە، بۇ گۇرۇپپا خوسىتىندىن 4كېلومتېر يېراقلىقتىكى سالېرنو بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
ئامېرىكا ھەربىي ئوفېتسىرى ئاپرىل كەمبىلىنىڭ دىيىشىچە ، 21يەرلىك كىشى يارىلىنىپ ، 7 ئادەم ئۆلگەن.
ئەلجەزىر مۇخبىرى زەينا خودىرنىڭ ئافغانستان پايتەخىتى كابۇلىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىشقا تالىبانلارنىڭ مەسئۇل بولدىغانلىغى ، ھەم ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن چەتئەل ۋە ئافغانستان ئەسكىرى كۈچلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانلىغى مەلۈم بولغان.
ئامېرىكا باياناتىچىسى : « بۇ تالىبانلارنىڭ بۇ بازىغا قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ، ئۇلار بۇ بازىغا كىرشنى بەكىمۇ خىيال قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئافغانسىتانلىقلارنى ئۆلتۇرۋاتىدۇ.» دىدى.
بۇگۈنكى پارتلاش ئافغان ئشچىلىرىنىڭ بۇ بازىغا كىرش ئۈچۈن ئۈچرەت بولۇپ تورغاندا ، كىرش ئېغىزىدا يۈز بەرگەن.
خودىر خەۋىرىدە ، تۇنۇگۈن تالبانلار بىر مەسجىد يېنىدا تەشىۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىپ ، ئافغانستان پۇقرالىرنىڭ سالېرنودىكى ئامېرىكىنىڭ بىر قۇرلۇش شىركىتى KBR گە ئشلەپ بەرمەسلىك توغرسىدا ئاگاھلاندۇرۇش قىلىغان. ئەگەر پۇقرالار داۋاملىق بۇ شىركەتكە ئشلەپ بەرسە قاتتىق جازاغا ئۈچرايدىغانلىغىنى بىلدۇرگەن.
سالېرنو ئامېرىكىنىڭ ئافغانسىتاندىكى ئۈچنىچى چوڭ ھەربى بازىسى.
سەيشەنبە كۈنى تالبان قۇراللىق كۈچلىرى خوستىتىكى ھۆكۈمەت بىناسنى كونتىرول قىلۋالغان. ھەمدە بۇ بىناغا يۇشۇرنىۋېلىپ ، بىرقانچە ئادەمنى گۇرۇگە ئېلۋالغان.
بۇ ھۆكۈمەت بىناسى كېيىن يەنە ئافغانسىتان ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تەرپىدىن قايتۇرۋېلىغان.http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-111553.html
收藏到:Del.icio.us
评论
پاكيار تور خاتىرىسى يىڭىدىن قۇرۇلغان ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن ، مەن سىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم ،
eotقۇيالمىدىم ياردەم قىلاسىزمۇ