-
ئادەم ئەلەيھىسسالام - [ئۆزىمىزگە نەزەر]2009-02-02
ئاللا ئىككى كۈن ئىچىدە زېمىننى ياراتتى. ئۇ زېمىن ئۈستىگە تاغلارنى پەيدا قىلدى ۋە زېمىنغا بەخت-سائادەت ئاتا قىلدى. ئاللا يەنە تۆت كۈن ئىچىدە بەندىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك نازۇنېمەتلەرنى تەيىنلىدى . ئۇ پۈتۈنلەي تۇمان بىلەن قاپلانغان پايانسىز ئەرشتە تۇتۇپ، زېمىن بىلەن ئاسمانغا:
- سىلەر ئىككىڭلار ، مەيلى خالاڭلار ياكى خالىماڭلار ، ئالدىمغا كېلىپ ئەمرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! - دەپ خىتاپ قىلدى .
زېمىن بىلەن ئاسماندىن:
-بىز ھۇزۇرۇڭغا كېلىشنى خالايمىز، - دەپ جاۋاپ كەلدى .
ئاللا ئەرش كۇرسىدا ئولتۇردى . ئۇ كۈن بىلەن ئاينى ئۆز ئوقىدا مۇئەييەن ۋاقت بويىچە ئايلىنىشقا بۇيرۇدى ، ئاندىن پەرىشتىلەرنى ياراتتى . پەرىشتىلەر ئاللاغا ھەمدۇسانا ئوقۇدى ، سەجدە قىلدى ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئېتىكاپتا تۇرۇپ ئىبادەت قىلدى .
ئاندىن ، ئاللا يەنە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى يارىتىپ ، ئۇنى زېمىندا تۇرۇشقا بۇيرۇماقچى بولدى . ئاللا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دېدى : مەن شۇنداق بىرخىل ئىنسان يارىتايكى ، ئۇلار كەڭ زېمىندا تۇرۇپ ئەمگەك بىلەن تېرىكچىلىك قىلسۇن ، زىرائەت-ئۆسۈملۈكلەرندىن نېمەتلەر تېپىپ ئوزۇقلانسۇن ، زېمىن ئاستىدىكى بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلانسۇن ۋە ئۆز ئەۋلادلىرىنى يىتىشتۈرۈپ ئاۋۇتسۇن.
ئاللا پەرىشتىلەرنى ياراتتى ھەمدە ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇڭا ، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سېغىتاتتى ۋە ئۇنىڭغا بۇيسۇناتتى ، پەرىشتىلەر ئاللانىڭ ئىنسان ياراتماقچى بولغانلىقىدىن ئاللا ئىبلىسنى ئاسىيلىق گۇناھى ئۈچۈن جازالىدى ، ئاللا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن خىتاب قىلىپ :
- سەن جەننەتتىن يوقال ! ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ. ساڭا ئاخىر زامانغىچە لەنەت بولسۇن ! -دېدى .
ئىبلىس ئاللادىن كەڭچىلىق قىلىشنى ، ئىنسانلارنى قايتا تىرىلگۈچە ئۆزىنىڭ ھايات تۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىشنى تىلىدى . ئاللا ئۇنىڭ تەلىپىنى مەقبۇل كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا :
- ساڭا ئاخىرزامانغىچە كەڭچىلىك قىلدىم ، - دېدى .
ئىبلىس ئاللانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ ئۆز ئارزۈيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاللا نىڭ قىلغان مەرھەمەتلىرىدىن تەسىرلەنمىدى ، ئەكسىچە ، ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قىلدى . ئۇ ئاللاغا :
سەن مېنى غاپىللىقتا قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن ، سېنىڭ ئادەملەرگە كۆرسەتكەن توغرا يوللىرىڭدا پايلاپ تۇرۇپ ، ئۇلارغا ئاندىن ، كەينىدىن ، ئوڭدىن ۋە سولدىن ھۇجۇم قىلىمەن ، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ساڭا تەشەككۈر ئېتىمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسەن ، - دېدى .
سەن ئۆزۈڭنىڭ تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر ! تۇيۇق يولۇڭغا كېتىۋەر ! - دەپ ئەيىپلىدى ئاللا ئىبلىسنى ، - سەن ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن ئادەمزاتقا ھەيۋە قىلىۋەر ، ئۇلارغا زورلۇق بىلەن قارشى تۇرىۋەر ، ئۇلارنىڭ پۇل - مال ۋە پەرزەنتلىرىنى تارتىۋال ، ئۇلارغا ساختا ۋەدىلەرنى بېرىپ ، پايانى يوق ئۈمىد بېغىشلاۋەر ! بېراق شەيتان دېگەننىڭ ۋەدىسى بەرىبىر ئالدامچىلىق ، مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بەندىلىرىمنى ھەرگىز سېنىڭ دامىڭغا چۈشۈرمەيمەن . سېنى ھەرگىز ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى قىلمايمەن . ئۇلارمۇ ساڭا بەيئەت قىلمايدۇ ياكى سېنىڭ ھەىيلە-مىكىرلىرىڭگە قۇلاي سالمايدۇ . سەن كىشىلەرنىڭ ھىدايەتتىن ئازدۇرۇش نىيىتىگە كەلگەنىكەنسەن ، چوقۇم ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىسدەن . مەن سېنى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭنى چوقۇم دوزاخقا تاشلايمەن .
پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلدى ، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىسىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ، ئۆزلىرىگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئاللانىڭ مەرھەمەت ئىلتىپاتىغىمۇ تېخىمۇ بەك سازاۋەر ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدى . لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە ، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى ، كۆرگەن -بىلگەنلىرىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭكىدىن كۆپ ، دەپ ، چاغلايتتى . شۇڭا ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىلىم -مەرىپەت ئاتا قىلىپ ، ئۇنىڭ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتتى ، ئۇنىڭغا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ نامىلىرىنى ئۆگەتتى . ئۇنىڭدىن كىيىن ، ئاللا پەرىشتىلەرنى چاقىرىپ ، ئۇلارغا :
- راستچىل بولساڭلار ، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار ، -دېدى . ئاللانىڭ بۇنداق قىلىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئىقتىدارسىز ، كەم ئەقىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، ئۇلارغا ئادەم ئەلەيھسىسالامنىڭ تۇتقان ئورنىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئىدى .
پەرىشتىلەر دۇدۇقلاپ ، ئاللانىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمەي قالدى . ئۇلار مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىشكە شۇنچە تىرشىپ كۆرگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئامالسىز قالدى - دە . ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارسىز ، كەم ئەقىل ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشتى ، ئۇلار ئاللاغا :
- ئى پەرۋەردىگار ساڭا تۈمەن مىڭ تەشەككۈر ، بىز دەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز ، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن ۋە ھېمەكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن ، - دېدى .
ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەم - مەرىپەتنى ئىگىلەپ ، نەزەر دائىرسىنى كەڭ ئاچقاچقا ، ئاللا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە ئۈستۈنلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ، ئۇنى پەرىشتىلەر جاۋاب بېرەلمىگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئۈندىدى . ئادەم ئەلەيھىسسالام جاۋاب بەردى . ئاندىن ئاللا پەرىشتىلەرگە :
- مەن سىلەرگە ، ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۈرىمەن ، ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن ، دېمىگنمىدىم ؟ - دېدى .
پەرىشتىلەر ئاللا نىڭ ئىلتىپاتىنى چۈشەندى ، ئۇنىڭ ئادەمنى يارىتىشتىكى سىرى ۋە مەقسىتىدىنى بىلدى.
ئاللا ئىبلىس ئەلەيھىلەنىنى ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسەتتى . ئاللا ئادەم ئەلەيھىسىسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا جەننەتتىن ماكان بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا شۇنداق بىشارەت بەردى :
-سەن مېنىڭ قىلغان شەپقىتىمنى ئېسىڭدە مەھكەم ساقلا ، مەن سېنى ئۆز كارامىتىم بىلەن يارىتىپ ، ئۆز ئىرادەم بويىچە ئادەمگە ئايلاندۇردۇم ؛ مەن سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا ئۆز روھىمنى سىڭدۈردۈم ، پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلدۇردۇم ؛ مەن يەنە ساڭا ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم-مەرىپەت ئاتا قىلدىم . مەن ئىبلىس ئەلەيھىلەنىگە شەپقەت قىلىشنى توختاتتىم . ئۇ ماڭا بويسۇنمىغاندا ، مەن ئۇنى يەنە ئەيىنلىدىم . ئەبەدلىك جەننەتنى سىلەرگە ماكان قىلىپ بەردىم . ئەگەر سەن ماڭا بويسۇنساڭ ، مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا مۇشەررەپ بولۇپ بۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىۋېرىسەن ، مۇبادا سەن ۋەدەڭگە بىۋاپالىق قىلساڭ ، مەن سېنى جەننەتتىن ھەيدەپ چىقىرىپ دوزاختا ئازابلايمەن . شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى ، ئىبلىس ئەلەيھىلەنە سېنىڭ ۋە خوتۇنۇڭنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ، ئۇ بىر ئامال قىلىپ سىلەرنى جەننەتتىن ھەيدەپ چىقارمىغۇچە ئەمىن تاپمايدۇ .
ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسىالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا جەننەتتنىڭ نازۇنېمەت ، مېۋە-چىۋىلىرىنى خالىغانچە ئېلىپ يىيىشكە رۇخسەت قىلدى ، لېكىن ئۇلارنى بىر تۈپ مېۋە دەرىخىگە يېقىنلىشىشتىن چەكلىدى . ئۇلارنى ئۇقالماي قالمىسۇن دەپ ، ئۇلارغا يەنە بۇ دەرەخنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى . ئاللا ئۇلارنىڭ بارلىق شەك-شۈبھىدىن خالىي قىلىش ئۈچۈن ، ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : ئەگەر سىلەر بۇ دەرەخكە يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈپ يەيدىغان بولساڭلار ، ئاسىي - گۇناھكار بولۇپ ، كېتىسىلەر ، ئاللا ئۇلارغا يەنە ۋەدە قىلدى : سىلەر ئۆزۈڭلەرنى مۇشۇ دەرەختىن نېرى تۇتىدىغانلا بولساڭلار ، مەن ئاتا قىلغان ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن بەھرىمەن بولىۋېرىسىلەر ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ۋە ھېرىش-چارچاشنىڭ ئازابىنىمۇ ھەرگىز تارتمايسىلەر .
ئاللا ئادەم ئەلەيھسىىسالامغا :
- ئى ئادەم ! سەن خوتۇنۇو (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار ! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغانچە كەڭتاشا يەپ -ئىچىڭلار ، لېكىن بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار ، بولمىسا ، بىۋاپالىق قىلغان بولىسىلەر ، - دېدى .
ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتكە كىردى ، جەننەتتە ئۇنىڭغا نېمە كېرەك بولسا بۇنىڭ ھەممىسى بار ئىدى . جەننەتتنىڭ گۈزەللىكىدىن كىشىنىڭ ئەقلى لال بولاتتى . ئادەم ئەلەيھىسسالام ھەممە نازۇنېمەتتىن خالىغانچە بەھرىمان بولاتتى . جەننەتتىكى دەل-دەرەخلەر ئارىسىدا ئۇيان - بۇيان ئايلىنىپ تاماشا قىلاتتى ، دەرەخلەر سايىسىدە سەگىدەپ ھۇزۇرلىناتتى ، گۈللەرنى ئۈزۈۋىلىپ پۇرايتتى ، شېرىن مىۋىلەرنى تېتىپ كۆېەتتى ، كەۋسەردىن ئىچەتتى . ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ تەڭ ھوزۇرلىنىپ كۆڭۈللۈك ھەم بەختلىك ئۆتتى .
ئىبلىس ئەلەيھىلەنىنى ئاللا ئۆز شەپقىتىدىن مەھرۇم قىلغاچقا ، ئۇ جەننەتكە كىرەلمەي ، يۈرىكى پىچاقتا تىلغاندەك بولۇپ كەتتى . ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتە خوتۇنى بىلەن بىللە راھەت-پاراغەتتە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئازابلاندى . ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ بەخت -سائادىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرمەسلىك قارارىغا كەلدى . ئۇ ئۆزىنىڭ جەننەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ئاللانىڭ شەپقىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئادەم ئەلەيھىسسىالامدىن كۆرگەنىدى . ئۇ ، مەن خۇدانىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىش توغرىسىدىكى ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم ، دەپ قارىدى ، ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىنتىقام ئېلىپ دەردىنى چىقارماقچى بولۇپ جەننەتكە كىردى ، ئۆزىنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئاق كۆڭۈل ، ساداقەتمەن كۆرسىتىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا خۇش چىراي سالام-سەھەت قىلدى . ئۇ ھەرخىل ھىيلە-مىكىر بىلەن ئەدەم ئەلەيھىسسالامغا يىقىنلاشتى . ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ بەخت -سائادىتىنى قوغدىغۇچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇپ :
- خۇدا سىلەرنى پەرىشتىلەرگە ئايلىنىپ قالمىسۇن ، جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇپ قالمىسۇن دېگەنلىكتىن ، سىلەرنى ھېلىقى دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن چەكلىدى ، - دېدى .
ئىبلىس ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئۆزىگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىپ ، ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، مېنىڭ نىيىتىم سەمىمىي ، مەن سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم . مەن سىلەرگە ھەرگىز زىيان يەتكۈزمەيمەن، دەپ قەسەم قىلدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئازدۇرۇش ، قۇترىتىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ ، ھېلىقى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى خۇش پۇراق ، لەززەتلىك ، رەڭگى كۆركەم دەپ ماختاپ ، ئۇلارنى ئالدىدى . ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئاخىر ئۇنىڭ ساختا ، شېرىن شۇخەنلىرىگە ئالدىنىپ كەتتى .
ئادەم ئەلەيھسسىالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغاچقا ، جەننەتتە داۋاملىق تۇرۇشتىن چەكلىدى . ئاللا ئۇلارغا :
-مەن ئىككىڭلارنى ئاشۇ دەرەخكە يېقىن يولاشتىن چەكلىگەن ئەمەسمىدىم ؟ مەن ئىككىڭلارغا شەيتان سىلەرنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىڭلار دېمىگنمىدىم ؟ - دېدى .
ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمەن يېدى ۋە ئاللاغا توۋا-ئىستىغپار ئېيتىپ شۇنداق دېيىشتى :
- ئى رەببىمىز ! دەرۋەقە ، بىز ۋەدىمىزگە خىلاپلىق قىلىپ ئىشەنچەڭنى يەردە قويدۇق . ئەگەر شەن گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە رەھىم قىلمىساڭ ، بىز چوقۇم يامان كۈنگە قالىمىز.
ئاللا ئۇلارغا :
- سىلەر بىر -بىرىڭلار بىلەن ئۆچەشكەن ھالدا جەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈڭلار ، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق يەرلىشىڭلار ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار ، - دېدى .
ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا كەڭچىلىك قىلىپ ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدى . شۇھامان ئۇلارنىڭ غەم-قايغۇسى كۆتۈرلۈپ ، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا جەننەتتە قېپقېلىپ ھوزۇر-ھالاۋەت كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىشاتتى . ئاللا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ، ئۇلارنى جەننەتتىن ئايرىلىشقا ئەمىر قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىبلىس بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يەنىلا دۈشمەنلىك مەۋجۇت ، ئەمدى ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماڭلار ، ئۇنىڭ ئېزىتقۇلۇق ۋە قۇتراتقۇلۇقىغا بېرىلىپ كەتمەڭلار ، دەپ ئاگاھلاندۇردى . ئارقىنلا ئاللا يەنە مۇنداق دېدى :
- سىلەر جەننەتتىن بىللە چىقىپ كېتىڭلار ! سىلەر بىر-بىرىڭلار بىلەن دۈشمەن . ئەگەر مېنىڭ كۆرسەتمىلىرىم سىلەرنىڭ ئۇيقۇڭلارنى ئاچالىغان بولسا ، ئۇھالدا بىلىپ قويۇڭلاركى ، كىمكى مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىدىكەن ، ئۇ ئازمايدۇ ھەم غەم-قايغۇغىمۇ قالمايدي .
ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تىرىكچىلىكنى مەقسىتىنى ۋە تىرىشىش نىشانىسىنى كۆرسىتىپ بەردى ، يەنە ھوزۇر -ھالاۋەت كۆرىدىغان دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ، جەننەتتىن ئايرىلغان ھامان باشقىچە تىرىكچىلىكنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا توغرا يول بىلەن تۇيۇق يول ، ئېتىقاد بىلەن ئاسىيلىق ، مۇۋەپىقىقەت بىلەن مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت ئىككى يول تۇراتتى... كىمكى ئاللا كۆرسەتكەن ھىدايەت يولىغا مېڭىپ ئاللانىڭ كۆرسەتكىنىگە ئىتائەت قىلىدىكەن ، ئۇ شەيتان ئەلەيھىلەنىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن قورقمايدۇ ، كىمكى ھىدايەت يولىدىن چەتنەيدىكەن ، ئۇ تۇرمۇشتا غۇربەتچىلىككە قالىدۇ ۋە تۇيۇق يولغا كىېرىپ قالىدۇ .
http://kuqar.cn/bbs/read.php?tid=1939
评论
ئېلانلىرىمنى دەسسىۋەتكىنىڭىزگە تىخىمۇ كۆپ رەھمەت !!!
چ چ رىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىڭە ، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى !!!!