-
مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ پەزىلىتى - [ئۆزىمىزگە نەزەر]2009-01-25
(ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )
مىسۋاك ئىشلىتىش مۇھەممەد مۇستافا سەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ بىرى .ئۇ مۇنداق دېگەن:<مىسۋاك قىلىش ئېغىزنى تازلايدۇ ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ رازى بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.>(بۇخارى)
بىز تاماق يىگەن چاغدا تاماقنىڭ قالدۇقلىرى چىش ئارىسغا كىرىپ قالسا ئىچىمىز پۇشۇپ قالىدۇ.مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمىز ئېغىز پاكىزلىققا دىققەت قىلىشمىز زۆرۈر.تاماقنىڭ قالدۇقلىرى چىش ئارىسغا كىرىپ قالسا ،چىش ۋە ئاشقازان ئاغرىقلىرىنى پەيدا قىلىدۇ،چىش ساغىرىيدۇ.ئېغىز پۇرايدۇ.بۇ خىل بىئارامچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مىسۋاك قىلىشىمىز لازىم.مۇھەممەد مۇستافا سەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم 6-ئەسىردىلا مىسۋاك قىلىش (چىش چوتكىلاش)نى تەشەببۇس قىلغان .ياۋرۇپالىقلار 18- ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن چىش چوتكىلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەن.ئىسلام دىنى پاكىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن بۇلۇپ ،پاكىزلىقنى ئەڭ تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇھەممەد مۇستافا سەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن :«پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.ئاللاھ پاكتۇر،پاكلىقنى ياقتۇرىدۇ.ئاللاھ پاكىزدۇر پاكىزلىقنى ياقتۇرىدۇ.ئاللاھ سېخىيدۇر ،سېخىيلىقنى ياقتۇرىدۇ.بولدى بەس !پاك بولۇڭلار ،جەننەتكە پەقەت پاك كىشىلەرلا كىرەلەيدۇ.»
(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). يۇقارقى ھددىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن داۋاملىق مىسۋاك قىلىپ تۇرۇش تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
مۇھەممەد مۇستافا سەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:<ئۈممەتلىرىمنى مۇشەققەتكە قۇيۇشنى خالىمىغان بولسام ئىدى ،ئەلۋەتتە ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك قىلشنى بۇيرىغان بولاتتىم.>
مىسۋاك ئېغىزنى تازلايدۇ،شەيتاننىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ.مىسۋاك قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەر ياخشى كۆرىدۇ.ئېغىزنى خۇشپۇي قىلىدۇ.كۆزنى رۆشەنلەشتۈرىدۇ.تاماقنى ھەزىم قىلىشقا پايدىسى بار.سەپرانى كېسىدۇ،چىش مىلىكىنى چىڭىتىدۇ.ھەممىدىن ئارتۇقراقى شۇكى مۇھەممەد مۇستافا سەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرك قىلمىغان سۈننىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ ،بۇنىڭ پەزىلىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ساۋابىغا مۇلاقەت بولىمىز.ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆلۈش ھالىتىدە ئارزۇ قىلىدىغان كەلىمە تەييىبەنى يادىغا كەلتۈرۈپ دۇنيادىن ئىمان بىلەن ئۇزايدۇ.ئەكسىچە شەرىئەتتە چەكلەنگەن تاماكا،نىشە،ئەپيۇن ،ھاراق قاتارلىق ئەقىلنى بۇلغايدىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ يادىغا بۇلارنىڭ خۇمارى كىرۋېلىپ ئۆلەر چېغىدا ،كەلىمە تەييىبە يادىدىن چىقىپ كېتىش خەۋىپى يۈز بېرىدۇ.ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى مۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ،ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر!
مىسۋاك قىلىدىغا ياغاچ ئاچچىق ياغاچنىڭ ياغىچى بولغان ياخشى .ئەرەبىستاندىكى ئىراك دېگەن ياغاچتى قىلىنىدۇ.يۇرتىمىزدا بۇنداق ياغاچ بولمىغاچقا ياڭاق ياغىچىدىن (يىلتىزى)قىلسا بولىدۇ.مىسۋاك ئۇزۇنلىقى بىر غېرىچتى ئۇزۇن بولمىغىنى ياخشى.چىشقا سۈرتىپ بولۇپ يۇيۋەتكەن ياخشى.مىسۋاك قىلىشتا ئوڭ تەرەپتى باشلاپ ،ھەر بىر تەرەپكە ئۈچ قېتىمدىن سۈرتۈپ ،ئۈچ قېتىمدىن يېڭى سۇنى ئېغىزغا ئېلىپ ،ئۈستىنكى چىش ۋە ئاستىنقى چىشنىڭ ئىچ تەرىپىنى ،يۇقىرقى تاڭلاينى مىسۋاك بىلەن سۈرتۈپ تازلاش لازىم.شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ،مىسۋاك ياغىچى تاتلىق ياغاچتىن بولماسلىقى كېرەك ،چۈنكى بوۋاسىر كېسىلى قوزغايدىكەن.
ئاللاھ بىزنى ئىچى -تېشىدىن پاكىزلىق چىقىپ تۇرىدىغان پاك مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن ،ئامىن!历史上的今天:
ئۆزبېكلەر ئەسلى راستلا ئۇيغۇرلارمۇ؟ 2009-01-25ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاكىتى ! 2009-01-25كېسىۋېتىلگەن ئادەم بېشى 15يىل ھايات كەچۈرگەن 2009-01-25