-
دۈشەنبىلىك يۇمۇرلار - [تىپىشماق ۋە يۇمۇرلار]2008-11-17
ئامالىم يوق
ئايالى:
- سىزمېنى كىر يۇغۇزۇش ،كۆمۈر قالايدىغان ئوچاقتا تاماق ئەتكۈزۈش ئۈچۈن .ئالغانمۇ؟
ئېرى:
- سېنى ئالىمەن دەپ كىر ئالغۇ ،گاز ئوچاقلارنى سېتىۋېتىپ ئۆيۈڭدىكىلەر سالغان تويلۇقنى تەييارلىغان.
ئايالى:
-ئۆزۈم يالغۇز بۇنداق كۆپ ئىشلارنى قانداق قىلىپ بولالايمەن؟
ئېرى:
- بۇنىغا مېنىڭمۇ ئامالىم يوق، ئەمدى يەنە خوتۇن ئالىدىغانغا. پۇلۇم يوق.
ئاغىرىق چىشقا ئاز قالدۇق
مۇشۇنىڭ بىلەن سىز مېنىڭ بەشىنچى ساق چىشىمنى يۇلۋەتتىڭىز....
دوختۇر:
-دېمەك بىز ئاغىرىق چىشقا ئاز قاپتۇق.
جايدا بېرىلگەن جاۋاپ
بىز يازغۇچى كىتاپقا ئىمزا قويۇپ سېتىپتۇ،بىر سىمىز ئايال كېلىپ يازغۇچىدىن :
- سىز ئاياللارنىڭ ئۆزى بىر كىتاب ، دېگەنكەنسىز،ئۇنداقتا مەندەك سېمىز ئاياللار قانداق كىتاپ
ھېساپلىنىمىز؟دەپ سوراپتۇ:
- ،يازغۇچى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تۇرۇپ:
- سىز توپلام ھېساپلىنىسىز،- دەپتۇ.
كىم ھەقلىق
يېزا تاشيولىدا بىر يۈك ئاپتۇموبىلى بىر قوينى بېسپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ، بىر نەچچە دېھقان ماشىنىنى
توسۋېلىپ شوپۇرغا ،قوينى تۆلەپ بېرىسەن،دەپ تۇرۋاپتۇ .
شوپۇر:
- كىم سىلەرنىڭ قويۇڭلارنى تاشيولغا چىقىۋالسۇن دەپتۇ،يا تاشيولدا قوي قوتىنى بولمىسا،- دەپ
گەپدانلىق قىپتۇ.تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان دېھقانلاردىن بىرى دەپتۇ:
- توغرا ، تاشيولدىغۇ قوي قوتىنى يوق،ئەمما قېنى سىز دەپ بېقىڭچۇ،قوينىڭ دۈمبىسىدە تاشيول بارمىكەن.