• ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى ئىشلىتىشنى بىلىسىز؟ - [网] - [كومپىيوتىر بىلىملىرى]2008-10-15

    F1 : ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كىرەك بولسا ، F1 نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1 نى باسسىڭىز Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كېرەك بولسا WinKey+F1 نى باسىمىز.

    F2 : ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت تالىغانغان ھالەتتە ، F2 نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

    F3 : مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز ، ھۆججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ ، ئوخشاشلا Windows Media Player دا تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق  كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قويۇش ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.

    F4 : بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IE دىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز Alt+F4 نى باسسىڭىز بولىدۇ.

    F5 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق IE دا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

    F6 : تىز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IE نىڭ ئادرىس سىتونىغا يۆتكەپ بىرىدۇ.

    F7 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىلىرڭىزنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

    F8 : كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا ، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. (يۇمشاق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا  ياكى قاتتىق دىسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOS قا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ.)

    F9 : بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق ، بىراق Windows Media Player دا تىز سۈرئەتتە ناخشا ئاۋازنى پەسەيىتكىلى بولىدۇ.

    F10 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . Shift+F10 نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكلىرى چىقىدۇ . Windows Media Player دا ئاۋازنى يۇقۇرلىتىش رولى بار. 

    F11 : مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IE كۆزنىكىنى پۈتۈن ئىكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

    F12 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن Word تا مەزكۇر ھۆججەتنى باشقا ئىسىمدا ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • سالام دوستۇم ...بلوگىڭىزنى كۆرۈپ تولڭمۇ خۇرسەن بولدۇم....ھەقىقەتەنمۇ كۆرۈش قىممىتى بار تىمىلارنى يېزىپسىز.....ئادەمنى كۆرسە چىققۇسى كەلمەيدىغاندەك جەلىپ قىلىۋالىدىكەن.....شۇڭا سىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ،ئۇلىنىش قىلىۋالساق دىگەن ئۈمىدتە ئۇشبۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.خالىسىڭىز دوستلۇق قولۇمنى رەت قىلماي ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز...http://iplas.blogbus.com/ ..ئاجايىباتلار دۇنياسى
    بىلىملىكلەر بلوگى回复ئاجايىپ说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دوستۇم ، سىزنىڭ بلوگىمغا كىرگىنىڭىزدىن مەن تولىمۇ خۇشال بولدۇم . بلوگىمدىكى تىمىلارنىڭ سىزگە ئەرزىگەنلىكىدىن تىخىمۇ خۇشال بولدۇم . سىزگە كۆپ رەھمەت !!!!
    سىزنى ھازىرلا ئۇلىنىش قىلىپ قوياي !!! توغرا ، دوسلۇق ھەمكارلىق بىرىنجى .... ئەگەر سىز خالىسىڭىز 849564441 بۇ چ چ نى قىتىۋالسىڭىز بولىدۇ !!!
    بولسا سىزمۇ چ چ رىڭىزنى قالدۇرۇپ قويارسىز !!!
    2008-11-30 10:33:14

bilimliklar blogi