* پەرزەنت ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن بىردىنبىر ۋەزىپە بىلىپ ، ئاتا - ئانا ھەرقانچە كايىسىمۇ ئىتائەت بىلەن تۇرىشى كېرەك . ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا ، ئاتا - ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پۈتۈن جان - جىسىمىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىشى كېرەك .
* ئاتا - ئاناڭنى كېچە بىلەن كۈندۈزنى يورۇتقۇچى نۇر ، يەنى ئاتاڭنى قۇياش ، ئاناڭنى ئاي دەپ ئېتىقاد قىلىشىڭ كېرەك . ئاتا - ئاناڭنىڭ سۆزىدىن ھەرگىز چىقمىغىن ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز بىر قەدەممۇ نېرى يۈرمە .
* ئاتا - ئانىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغان پەرزەنت ئەنە شۇ ياخشى ئەخلاقى ۋە خىزمىتى بەدىلىگە ئۈمۈرۋايەت بەخت - سائادەتلىك بولىدۇ .
@ خوشال - خورام ياشىغان ئادەملەردىن ساراڭ بولۇپ قالىدىغانلار ناھايىتى ئاز چىقىدۇ .
# خەلقنىڭ سالامەتلىكى - دۆۋلەتنىڭ گۈللەپ - ياشنىىنىڭ ئاچقۇچى .
* خوشاللىق - سالامەتلىكنى كۈچەيىتىدۇ .
& خاپىلىق - ئادەمنى قېرىتىدۇ ، خوشاللىق - ئادەمنى ياشارتىدۇ .
$ خام سېمىزلىكنى تىلىمەي ، ساغلاملىقنى تىلە .
بىلىم كۈچتىن ئېلىندى