
بۇ غەلىتە كىسەللىككە گىرىپتار بولغان ھىندىستانلىق 13ياشلىق قىز ، كۆزىدىن توختىماي قان ئاقماقتا

ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدىكەن

قان ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئاستىدىنمۇ ئىقىپ چىقىدىكەن
شىنلاڭ پەن-تىخنىكا ئاخباراتى بىيجىڭ ۋاقتى 2-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى:ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى گىزىتىگە ئاساسلانغاندا،نۆۋەتتە،ھىندىستاندىكى 13ياشلىق تىۋىندىر.دىۋىۋود ئىسىملىك بىر قىزچاق ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىغان بىر خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان.يەنى بەدىنىدە يارا ئىغىزى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ،تەر تۆشۈكچىلىرىدىن توختىماي قان ئىقىپ تۇرىدىكەن.ئۇنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى بارغانسىرى ناچارلىشىۋاتقان بولۇپ،بەزىدە ھەتتا ئويغۇنۇپ قوپسا پۈتۈن بەدىنى بىرقەۋەت قان پەردىسى بىلەن ئورۇلغان.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇرلارغا بۇ كىسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىشقا يىلىنىپ يال ئۇرغان بولسىمۇ ،لىكىن بۇ خىل كىسەللىككە ماس كىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى تىخى يوق بولغاچقا دوختۇرلارمۇ ئامالسىز قالغان.
نۆۋەتتە،ھىندىستان دىرى موتورى شەھىردىكى ھىندىستان مىتىسىنا ئالىملىرى بىرلەشمە يىغىنىدىكى دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە بۇ قىزچاق ئاز كۆرىلىدىغان IIتىپلىق تەرتىپسىز تاختىچە كىسەللىكى«II型血小板紊乱症»گە گىرىپتار بولغان ئىكەن.بۇ كىسەللىكنى ماس ھالدا داۋالاش ھازىرچە مۇمكىن بولمايدىكەن.
مەنبە:http://news.xinhuanet.com/photo/2008-10/03/content_10143804.htm