پەقەت بىر پارچە رەسىم ئارقىلىقلا ئېكرانىڭىزنىڭ ساق ياكى بۇزۇقلىقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ!
كومپيۇتېر ئېكرانى ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ(قۇرۇق گەپ، ئېكران بولمىسا قانداقمۇ كومپيۇتېر دېگىلى بولىدۇ؟)، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ نورمال ياكى نورمال بولماسلىقى ئادەمنىڭ كۆزىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان ئامىلنىڭ بىرى. شۇڭا سۈپىتى ياخشى بولغان بىر دانە ئېكران تاللاش ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش. ئەمما بىر قەدەر كەسپىي ئېكران سىناش ئۇسۇللىرى مۇرەككەپ ھەم ئاۋارىچىلىق، بىزمۇ ئادەتتە ئۇ پارامېتىرلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمىز، تۆۋەندىكى سىزگە ئاددى بىر ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي، قېنى سىز بۇ ئېكرانىڭىز بىلەن قانچىنچى قۇرغىچە كۆرەلەيسىزكىن؟
پەقەت ئالتىنچى قۇر ۋە ئالتىنچى قۇردىن يۇقىرىدىكى قۇرلارنى كۆرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئېكرانىڭىزنى ئىشلەتمەيلا قويۇڭ، بۇ خىلدىكى ئېكرانلارنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنى بەك ئېغىر. تەۋسىيەم بۇ ئېكراننى تاشلىۋېتىپ بىراقلا يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇڭ، ئىشىنىمەنكى يېڭى ئېكران ئالماشتۇرۇشقا سەرپ قىلغان پۇل كېيىن كۆز دوختۇرىغا كۆرۈنىدىغان پۇلدىن خېلىلا ئاز چىقىدۇ.
يەتتە ۋە سەككىزىنچى قۇرلارغا بارالىغانلىرى سۈپىتى بىر قەدەر ناچار ئېكرانلارنى كۆرسىتىدۇ، بىراق يەنىلا ئەپلەپ سەپلەپ ئىشلىتىشكە بولىشى مۇمكىن.
مېنىڭ ئېكرانىمدا توققۇز ۋە ئونىنچى قۇرلارنى كۆرگىلى بولدى، ئونىنچى قۇرنى كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپ قارىسام خېلى ئوچۇق كۆرۈنىدىكەن، ئون بىرىنچى قۇرنى ئاساسەن كۆرەلمىدىم.
تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق سىزمۇ ئېكرانىڭىزغا باھا بېرىپ بېقىڭ:
![]()