كۆپىنچە تورداشلار سىستېمىدىن كاشىلا چىققاندا ياكى ئوپتىك دېسكا ئوقۇغۇچ ئىشلىمەس بولۇپ قالغاندا سېستىما قاچىلاش ۋە بەزى مەشخۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشتا قىينىلىدۇ، سىز تۆۋەندىكى دەرسلىك ئارقىلىق بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلالايسىز .
ئاۋال تۆۋەندىكى MaxDOS+WinPE نى چۈشىرۈپ پىرىستىن يېشىسىز .
ئاندىن پىرىس ھۆججىتى ئىچىدىكى 安装.bat نى ئىجرا قىلىسىز .(بارماق دېسكا ياكى يان دېسكىنى سېلىپ بولۇپ ئاندىن مەشخۇلات قىلىڭ. مەشخۇلاتتىن بۇرۇن دېسكىدىكى ھۆججەتلىرڭىزنى زاپاس ساقلىۋېلىڭ)
رەسىمدىكىدەك جاي چىققاندا Y نى ياكى Enter نى دەسسەپ داۋاملاشتۇرىسىز . N نى باسسىڭىز چېكىنىدۇ
كىنيىنكى قەدەمدە كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇلانغان بارماق (يان) دېسكىنى تەكشۈرىدۇ .
خالىغان كۇنۇپكىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىسىز .
بارماق (يان) دېسكىنى تاپالمىسا ياكى نورمال تۇنۇمىسا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىدۇ .
ئەگەر نورمال تۇنۇسا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىپ بارماق دېسكىنى فورماتلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ .
بۇ ۋاقىتتا سىز بارماق دېسكىدىكى ھۆجەتلەرنىڭ ئۆچۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز 关闭 نى بېسىپ بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ .
بۇ ۋاقىتتا رەسىمدىكىدەك مەشخۇلات قىلىڭ
فورماتلاش باسقۇچى تۈگىگەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ . خالىغان كۇنۇپكىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىسىز .
تۆۋەندىكى باسقۇچنى چوقۇم مۇشۇندساق تەڭشەڭ .
يەنى 1-قىزىل خەتتىكى ئۇرۇندىن سىز سىستېما قاچىلىماقچى بولغان بارماق دېسكا ياكى يان دېسكىنى تاللاڭ .
باشقا ئورۇنلىرىنى قىزىل خەتلىك چۈشەندۈرۈش بۇيىچە قىلىڭ .
بۇ مەشخۇلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ، ئېنتىر كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ كىتىڭ.
تۆۋەندىكى ئۇرۇندىنمۇ خالىغان كۇنۇپكىنى بېسىپ ئۆت
ۈپ كىتىڭ.
تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلغاندا بارماق دېسكىنى تاللاپ بېرىڭ
قاچىلىنىۋاتىدۇ ......................
تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىپ قاچىلاشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى ، خالىغان كۇنۇپكىنى بېسىپ تاماملاشنى سورايدۇ .
ئەمدى تولۇق قاچىلىنىپ بولدى، سىز كومپيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇپ،delكۇنۇپكىسىنى بېسىپ Bios قا كىرىپ بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەڭ، ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك( بارلىق كومپيۇتېرلارنىڭ بۇ يېرى ئوخشاش بولمايدۇ،لېكىن قەدەم باسقۇچلىرى ئوخشاش)
USB-HDD بولسا مۇشۇنى تاللايسىز، بولمىسا Hard Disk قا كىرىپ Hard Disk Boot Priority ئىچىدىن بارماق دېسكىدىن قوزغۇلۇشنى ئاكتىپلىسىڭىز بولىدۇ .