ئاۋال توردىن UltraISO دىتالىنى چۈشۈرۈپ تەييارلىۋالىمىز، چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://www.izqut.com/?i=torbet&soz=UltraISO
ئاندىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشخۇلات قىلىڭ:
1. ئاۋال توردىن چۈشۈرۋالغان iso لارنىڭ ئورنىنى تاپىمىز.
2. ئاندىن نۇر دىسكىغا ياكى بارماق دىسكىغا ئويماقچى بولغان iso نى تاللايمىز.
3. تاللىغاندا رەسىمدىكىدەك iso ئىچىدىكى مەزمۇنلار كۆرۈنىدۇ.
4. نۇر دىسكىغا ئويۇش ئۈچۈن 刻录光盘映像 نى تاللايمىز.
5. 刻录 بېسىپ نۇر دىسكىغا ئويۇشنى باشلىۋەتسەك بولىدۇ، تۈگىگەندە نۇر دىسكىغا ئوقۇغۇچتىن نۇر دىسكا ئۆزى چىقىدۇ.
6. بارماق دىسكىغا ئويماقچى بولساق بارماق دىسكىنى كوممىيۇتېرغا سېلىپ بولغاندىن كىيىن 写入硬盘映像 نى چىكىمىز.
7. ئاندىن 写入 نى بېسىپ بارماق دىسكىغا ئويساق بولىدۇ،
دىققەت قىلدىغان ئىش، بارماق دىسكىڭىزدىكى باھارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىڭ، بۇ مەشخۇلاتتا بارماق دىسكىڭىز فورماتلىنىدۇ.