بارماق دېسكىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بەزىدە «无法打开,需要进行格式化» دەپ چىقىۋېلىپ، ئاچقىلى بولمايدۇ. فورماتلىساق ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ئۆچىدۇ. ھەتتا فورماتلىغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئېچىلماي داۋاملىق فورماتلاڭ دەپ چىقىۋالىدۇ. تۆۋەندىكى ئاماللارنى ئىشلىتىپ باقسىڭىز بۇنداق ئەھۋالدا بارماق دېسكىنى فورماتلىماي ئېچىپ، ئىچىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى زاپاسلىۋالغىلى بولىدۇ.
1. ئۇسۇل: CMD بۇيرۇقى
باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە CMD بۇيرۇق ھالىتىگە كىرىپ (ۋىندوۋس 10 باشلاش تىزىملىكىنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا باسسىڭىز، ئېچىلغان تىزىملىك ئارىسىدا CMD غا باشقۇرغۇچى ھالىتىدە كىرىش دەپ بار) ئاندىن chkdsk x:/f بۇيرۇقىنى بېرىڭ.
بۇ يەردىكى x دېسكا بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن: يۇقارقى رەسىمدىكىدەك بارماق دېسكا h بولسا ئاۋۇ بۇيرۇقنى مۇنداق يازىسىز: chkdsk h:/f
2. ئۇسۇل: WINHEX پروگراممىسنى ئىشلىتىش
بارماق دېسكىنى ئاچقاندا فورماتلاڭ (格式化) دەپ چىقسا ئاساسلىقى بارماق دېسكىنىڭ DBR بۇزۇلغان بولىدۇ. شۇڭا بۇزۇلغان DBR نى ھۆججىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىناپ باقساق بولىدۇ. پىرىنسىپى مۇنداق: دېسكا فورماتلانغاندىن كېيىن بىر DBR نى ئاپتوماتىك زاپاسلايدۇ. دېسكىنىڭ يېتەكلەش DBR سى 0-سېكتور بولسا، 6-سېكتورغا زاپاسلايدۇ. شۇڭا 6-سېكتوردىكى زاپاسلانغان DBR نى 0-سېكتورغا ئەسلىگە كەلتۈرسەك بارماق دېسكا ئوڭشىلدۇ.
WINHEX پروگراممىسنى چۈشۈرۈپ، ئىجرا قىلدۇرۇپ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ:
باشقۇرغۇچى سالاھىيتىدە WINHEX نى قوزغاتقاندىن كېيىن 工具---打开磁盘 نى بېسىڭ
ئەسلىگە كەلتۈردىغان بارماق دېسكىنى تاللاڭ
قوش چېكىپ رايوننى ئېچىڭ
سېكتور يۆتكىلىشنى بېسىڭ
6 نى كىرگۈزۈپ، 6-سېكتورغا يۆتكەڭ.
offset سىتونىدىن 0000 0C00 نى تېپىپ، مائۇستا E نى تاللاپ، ئاندىن مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسنى چېكىپ 选块起始 نى بېسىڭ.
يۇقارقى ئىككى باسقۇچنى تەكرارلاپ، 7-سېكتورغا يۆتكەڭ
7-سېكتورغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، يۈنىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق 0000 0DF0 سىتوندىكى 55AA نى تېپىپ، كەينىدىكى A دا مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، تىزىملىكتىن 选块结束 نى بېسىڭ.
ئاندىن تىزىملىكتىن 编辑--复制选块---正常 نى بېسىڭ.
سېكتور دېگەن يەرگە 0 نى كىرگۈزۈپ، 0-سېكتورغا يۆتكەڭ.
تىزىملىكتىن 编辑--剪贴板数据---写入 نى چېكىڭ.
جەزملەشنى بېسىپ، ساقلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
بارماق دېسكىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرگىلى بولمىسا قانداق قىلىمىز؟
بەزىدە بارماق دېسكىدىكى مەلۇم ھۆججەتنى قەتئى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. فورماتلىساق بولىدۇ، ئەمما فورماتلىساق ھەممە ھۆججەت ئۆچىدۇ. بىر نەچچە ئۆچمىگەن ھۆججەتنى دەپ بارماق دېسكىنى فورماتلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مۇنداق قىلىڭ.
خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى كودنى كىرگۈزۈڭ.
DEL /F /A /Q \\?\%1
RD /S /Q \\?\%1
ئاندىن خاتىرە دەپتەردىكى ھازىر قۇرغان ھۆججەتنىڭ ئىسىمىنى ochur.bat قىلىپ ساقلاپ، بارماق دېسكىغا كۆچۈرۈپ قويۇڭ. ئاندىن ئۆچمىگەن جاھىل ھۆججەتنى مائۇستا سۆرەپ ھازىر قۇرغان ochur.bat نىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويساق تولۇق ئۆچىدۇ.
ئەسلى مەنبە :
www.hakkir.net