بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2528|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ تېمىدا Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىۋاستە USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش جەريانىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

ئارتۇقچىلىقلىرى
Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكەندە، بۇ بارماق دىسكىنى ھەر قانداق كومپيۇتېرغا سېلىپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ. بارماق دىسكىنى ئېلىۋېتىپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، كومپيۇتېردا ئەسلى بار بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ. بۇ تەرىپى بەكمۇ قولايلىق.

بۇ ئۇسۇلدا، Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى USB بارماق دىسكىسىغا بىۋاستە قاچىلىنىدۇ، باشقا ھىچقانداق قوشۇمچە يۇمشاق دېتال قاچىلاش ۋە ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بارماق دىسكىڭىزنىڭ سىغىمى چوڭراق بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىدە بار بولغان ھۆججەتلەر تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ بارماق دىسكا بىلەن Ubuntu نى قوزغىتىپ، بىرەر ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن، نەتىجە ھۆججەتلىرىڭىزنى يەنە بۇ بارماق دىسكىنىڭ ئۆزىگە ساقلاشقا بولىدۇ.

Ubuntu نى قاچىلاپ قوزغاتسىڭىزلا، ئۇنىڭدا Firefox تور كۆرگۈ، OpenOffice ئىشخانا دېتاللىرى بىرگە بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە فونت، كىرگۈزگۈچ ۋە ياكى كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاسانلا ئورنىتىۋالغىلى بولىدۇ. ۋە يەنە توردىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋالسىڭىز، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچىغا ئايلىنىدۇ. (%100 ئەمەس، چۈنكى بۇ تەرجىمە تېخى %100 تاماملانمىدى.)
سۆزلەپ كەلسەك، ئارتۇقچىلىقلىرى بەك كۆپ....

قاچىلاش ئالدىدىكى تەييارلىق


Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاشتا، تۆۋەندىكى شارائىت بولۇشى كېرەك.

  • Ubuntu  نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان Windows كومپيۇتېرى. (باشقا Apple Mac ۋە ياكى Linux كومپيۇتېرلىرى بولسىمۇ بولىدۇ. لېكىن كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ Windows نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەقەت Windows مۇھىتىدىكى قاچىلاشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.)
  • USB بارماق دىسكا (سىغىمى كامىدا 1GB تىن كام بولماسلىقى كېرەك. ئەڭ كامىدا 2GB تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراڭ.)
  • تورغا چىقىپ، يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش شارائىتى بولۇشى كېرەك. (شۇ كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدە تورغا چىقىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. باشقا يەردە، باشقا كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ، توردىن زۆرۈر يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرىۋېلىش شارائىتى بولسىلا بولىدۇ.)



Ubuntu نى چۈشۈرۈش باشقۇچى

شارائىت ھازىر بولغاندىن كېيىن ئاۋال توردىن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلاشقا بولىدىغان CD تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.
http://www.ubuntu.com
ئورگان تور بېتىگە بېرىپ، شۇ تور بېتىدىكى «ئۇبۇنتۇنى چۈشۈر» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ:
ياكى
http://www.ubuntu.com/download/ubuntu/download
بۇ بەتتىن،«چۈشۈرۈشنى باشلا» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چۈشۈرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ:


بۇ ۋاقىتتا ISO ناملىق بىر  ھۆججىتى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ سىغىمى 700MB ئەتراپىدا (بىر CD نىڭ سىغىمى) بولۇپ، تور سۈرئىتىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، چۈشۈرۈشكە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.


Universal-USB-Installer چۈشۈرۈش

http://www.pendrivelinux.com
تور بېتىگە بېرىپ، Universal-USB-Installer ناملىق، سىغىمى 1MB تىن كىچىك بولغان، بىر كىچىك قاچىلاش پروگراممىسىنى چۈشۈرىمىز. بۇنىڭ نەشرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىدۇ .
بەتنىڭ ئۈستىدەرەك، ئوتتۇرا قىسمىدا، مۇنداق ئۇلانما بار:

.
يۇقۇردىكى ئۇلانمىنى چەكسەك، يېڭى بىر بەت ئېچىلىدۇ. بۇ بەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مۇنداق:

ئۇلانما بار. بۇ ئۇلانمىنى چەكسەك،بۇ ھۆججەتنى ساقلاش كۆزنىكىچىقىدۇ. ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاڭ.
Windows نىڭ ھۆججەت كۆرگۈچ بىلەن، چۈشۈپ بولغان ھۆججەتنى كۆرسەم،

مۇشۇنداق كۆرۈندى.

دىمەك بۇ باسقۇچلار بىلەن نورمال .باشقا تور كۆرگۈ ئىشلەتسەڭلارمۇ يۇقۇردىكى باسقۇچ بىلەن چۈشۈرسەڭلار، مېنىڭچە نورمال چۈشىدۇ.
بۇ چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئۇبۇنتۇنىڭ ISO ھۆججىتى ۋە بۇ EXE ھۆججىتىنى كومپيۇتېرىڭىزدا ئايرىم بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ، شۇ يەرگە، بىرگە ساقلاڭ. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، كېيىنكى مەشغۇلاتنى تېخىمۇ ئاددىلاشتۇرۇشتۇر.
شۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈش ئاخىرلاشتى.


Ubuntu نى قاچىلاش

ئەمدى قاچىلاشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.بۇ ۋاقىتتا، بارماق دىسكىڭىزنى كومپيۇتېرغا ئۇلاڭ، ۋە ئۇ ئېرشكەن قوزغاتقۇچ ھەرىپى، مەسىلەن، D:, E:, F ھەرپلىرىنى ئېسىڭىزدا ساقلىۋېلىڭ ۋە ياكى بىر يەرگە يېزىۋېلىڭ. ئامال بار كومپيۇتېرىڭىزغا باشقا بارماق دىسكىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئۇلىماڭ. بىخەستلىك سەۋەبىدىن ئالماشتۇرۇپ قويۇپ، قىممەتلىك ھۆججەتلىرىڭىزنى يۇيىۋېتىپ قالماڭ.

ئەمدى قاچىلاش باسقۇچىغا كېلەيلى.
يۇقۇردا چۈشۈرگەن 2 ھۆججەتنى كومپيۇتېرىمنىڭ بىر ھۆججەت قىسقۇچىغا ساقلىۋالدىم:

بۇنىڭدىكى EXE ھۆججىتىنى قوش چەكسەم،
.بۇ كۆزنەك چىقتى.


بۇنىڭدىن، كاتەك ئىچىگە ئېلىپ قويغان «ئىجرا قىل» كۇنۇپكىسىنى باسسام،بۇ كېلىشىمنامە كۆزنىكى چىقتى.


بۇنىڭدىن «قوشۇلىمەن» كۇنۇپكىسىنى باسسام،بۇ كۆزنەك چىقتى.


بۇ كۆزنەكنىڭ بوياپ قويغان تىزىملىكىدىن، Ubuntu 11.10 Desktop نى تاللايمىز.
مانا مۇنداق:


بۇ ۋاقىتتا ئورۇن (2) ئۆزلىكىدىن تولدۇرىلىدۇ.
ئورۇن (3) دىن سىزنىڭ بارماق دىسكىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچ ھەرىپىنى تاللايمىز. (بۇنى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق.)
ئورۇن (4) بولسا بۇ بارماق دىسكىنى فورماتلاش تاللانمىسى بولۇپ، بۇنى ئۆز ئەھۋالىڭىز بويىچە تاللاڭ.(مېنىڭ تەۋسىيەرىم، بۇنى تاللىماڭ. ناۋادا بارماق دىسكىڭىزنى فورماتلىماقچى بولسىڭىز بۇ ئىشلار باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئايرىم فورماتلىۋېلىڭ).
ئورۇن (5) مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش بوشلۇقىدۇر. ناۋادا بارماق دىسكىڭىز 1GB لىق بولسا، باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى يوق. بۇ ۋاقىتتا «No Persistence» (شەخسىي ھۆججەتلەرنى ساقلىمايمەن) نى تاللايسىز.
ناۋادا بارماق دىسكىڭىز چوڭ بولسا، ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ بۇ يەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە تاللىغان بوشلۇق بىلەن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش بوشلۇقى 1GB نىڭ يىغىندىسى چوقۇم بارماق دىسكىنىڭ سىغىمىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولۇشى كېرەك.
ناۋادا 8GB لىق بارماق دىسكىڭىز بولسا، ئۇنىڭ 1GB قا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، يەنە 3GB قا ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدىكى ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلىسىڭىز، يەنە 4GB ئېشىپ قالىدۇ. بۇنى Windows مۇھىتىدا يەنە بەھوزۇر ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
بۇنى تاللاپ بولۇپ (6) نى (قۇرىمەن) چەكسىڭىز

قاچىلاش جاريانى باشلىنىدۇ. ئاۋال ئۇ ئۇبۇنتۇ ISO نى پىرىستىن يېشىدۇ.


بۇنىڭغا 3-2 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.ئاندىن قاچىلاش باشلىنىدۇ.


خۇلاسە :
بۇنىڭغا 10-5 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىۋاستە USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش تامام بولدى .



تەييارلىغۇچى : 1يول تورى تېخنىك گۇرۇپىسىدىن ئەنقەر.ئابدۇرشىت
بايانات : مەن تەييارلىغان بۇ ماتېرىياللارنى مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتكەن ھالدا ھەرقانداق تورغا كۈچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .

پايدىلانغان مەنبەلەر :
http://1yol.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=720
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=589


يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى adminنىڭ مىكرو بلوگى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2012-4-25 17:34:49 | ئايرىم كۆرۈش
ئەجىرڭىزگە ھەشقاللا ئادىمىنكا  ئۇزاق بوپتۇ كىرمىگىلى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-25 17:53:33 | ئايرىم كۆرۈش
www.sarhil.tk يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 17:34
ئەجىرڭىزگە ھەشقاللا ئادىمىنكا  ئۇزاق بوپتۇ كىرمىگىلى

ۋوي يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ،،، كۆرۈنمەيسىز  ...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 07:49:41 | ئايرىم كۆرۈش
ubuntu نى كومپىيۇتېرىم قوللىماي كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان ئىدى. ئەمدى بارماق دىسكىغا قاچىلىسام شۇنداق نۇرمال قوزغالدى مانا خى خى ...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2012-4-26 08:01:21 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بارماق دېسكىغا مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلدىم ، كومپېيۇتېرنى قايتا قوزغاتسام Ubuntu ئىجىرا بولماي بىۋاستە XP قوزغۇلۇپ قەتتى....

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 08:09:24 | ئايرىم كۆرۈش
تەغدىر يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 08:01
مەن بارماق دېسكىغا مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلدىم ، كومپېيۇت ...

سىز كومپىيۇتېرنىڭ قوزغالغاندا ئاۋال usb ئوقۇيدىغان قىلىپ تەڭشىشىڭىز كىرەك. ئۇنى سىموستىن تەڭشەيسىز.
ئەگەر ئۇنداق تەڭشىمىزىڭىز كومپىيۇتېر قوزغالغاندىلا Esc كونۇپكىسىنى بېسىپمۇ usb قوزغاتقىلى بولىدۇ. ئادەتتە ھەممە كومپىيۇتېرنىڭ ئوخشاش Esc ئەمەس، مېنىڭ ASUS ماركىلىق كومپىيۇتېر. بەزى كومپىيۇتېرنىڭ F12 لەردە بولىدۇ. ئۈستىدىكى بىر بىرلەپ بېسىپ بېقىڭ. تاللاش چىقسا usb دىگەننى تاللاڭ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2012-4-26 09:29:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلدىم ۋە ubuntu نى قوزغۇتۇپ ئىشلەتتىم ، ئەپسۇس ئۇيغۇرچىسى ئانچە نورمال ئەمەسكەن ، شۇنداقتىمۇ windowsتىن ياخشىكەن....كۆپ رەھمەت سىزگە!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2012-7-3 10:21:09 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ سىناپ باقاي ئۇنداقتا

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2012-7-16 12:30:12 | ئايرىم كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 17:53
ۋوي يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ،،، كۆرۈنمەيسىز  ...

يوقاپ كەتمەيتىم ئۈلۈشكۈنكى ئىشقا سەل ئاچچاغىم كەپ قالدى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
ۋاقتى: 2016-4-16 07:48:50 | ئايرىم كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 17:53
ۋوي يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ،،، كۆرۈنمەيسىز  ...

رەسىملەر يوققۇ قاچىلىيالمايۋاتىمەن خەپ خەپ

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
ۋاقتى: 2016-11-17 22:15:45 | ئايرىم كۆرۈش
رەسىملەر يوققۇ قاچىلىيالمايۋاتىمەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 06:52 , Processed in 0.259800 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش