بارماق دىسكا ئېلىپ يۈرۈشكە
ئەپلىكلىكى، سىغىمىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشى بىلەن ھەر بىرىمىزنىڭ يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرىدىغان مۇھىم نەرسىلىرىمىز قاتارىغا قوشۇلدى. نۆۋەتتە ئىشلىتىدىغان مۇھىم ھۆججەتلەر، سىستېما قاچىلاش ئىشلىرىدىمۇ بارماق دىسكىدىن ئايرىلالمايمىز.
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغۇچىلار ۋە ئۇسلۇب
گۈزەللەشتۈرگۈچىلەر ئادەتتە كومپيۇتېردا يەرلىك مۇلازىمىتېر قۇرۇش ئارقىلىق PHP مۇھىتى ھازىرلاپ، تەرجىمە قىلغان ياكى
گۈزەللەشتۈرۈۋاتقان ئۇسلۇبلىرىنى سىناش ئىشلىرىنى ئېلىپ باراتتى. بەزىدە خىزمەت
ئورنىمىزدىمۇ ئۇسلۇب ئىشتىياقىمىز تۇتۇپ قالسا، ئاۋۇ ئۇسلۇب يېنىمدا بولغان بولسا، «ھەي
... »دىن نەچچىنى دەپ سالىدىغان گەپ، خۇددى ماڭا ئوخشاش.
شۇ كۈنلىرىمدە، بارماق دىسكىدا مۇلازىمىتېر قۇرۇش دېتالى ئۇچراپ قالدى، دېسە. سىلەرگە تەۋسىيە قىلىشتىن ئىلگىرى، بىر ھەپتە راسا سىنىدىم، سەۋەبى، سىلەر ئىشلىتىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭلار دادىل مەيدانغا چىقاي دەپ، ئاخىرى سىناقتىن ئۆتتى.
دېتال ھەققىدە:
دېتال نامى: USBWebserver
سىغىمى: 18.85MB
ئىجرا مۇھىتى: WIN XP , WIN 7 (مەن پەقەت مۇشۇ ئىككىسىدە سىناپ باقتىم )
ئالاھىدىلىكى: سىغىمى كىچىك، قوزغىلىشى تىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. قاچىلاش كەتمەيدۇ. دېتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، پىرېستىن يېشىپ، بارماق دىسكىغا كۆچۈرۈپ، «usbwebserver.exe»ھۆججىتىنى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولدى.
دېتال قوزغالغاندىكى كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرى:
ئەسكەرتىدىغان ئىشلار:
1.بارماق دىسكا نامىنىڭ ئىنگلىزچە بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ. مەسىلەن: «www»دېگەندەك.
2.wordpress سىستېمىسىنى «root dir»ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە قاچىلاڭ. يەنى رەسىمدىكىدەك:
3.ئەگەر ئېغىزنى «80»دەپ بېكىتكەن بولسىڭىز، «http://localhost/wordpress»ئارقىلىق سىناڭ، ئەگەر ئېغىزنى «8080»دەپ بېكىتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا «http://localhost:8080/wordpress»ئارقىلىق سىناڭ. سىناق جەريانىدا:
رەسىمدىكىدەك تاللاشنىڭ بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ، ھەر ئىككىلىسىگە توغرا بەلگىسى قويۇلغان بولسا، مۇلازىمىتېر نورمال دېگەن گەپ، ئەگەر ئۈندەش بەلگىسى چىقىۋالسا، ئېغىزنى ئۆزگەرتىڭ
...
دېتالنى چۈشۈرۈش:
خەير، سىزگە ئامەت تىلەيمەن، ئۆيدە چالا قالغان ئۇسلۇب ئەمدى ئىشخانا ۋە تورخانىدىمۇ پۈتىدىغان
بولدى-دە!
يازما مەنبەسى:
مۇئەللىم بىلوگى