بۇ بولسا بارماق دېسكا (U دېسكا) ئارقىلىق سىستېما قاچىلاش قورالى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغا شۇنداقلا ئەڭ كەسپى بولغان Windows مەشغۇلات سىستېمىسى مۇھىتىدا بارماق دېسكا قوزغاتقۇچ ياساش قورالىدۇر؛ بۇ دېتال بارماق دېسكا، يانفون ئىچكى سىغىم كارتىسى، SD كارتا ۋە MP3,MP4 قويغۇچلارنىڭ ئىچكى سىغىم كارتىسىنى قوللايدۇ، شۇنداقلا كۆچمە قاتتىق دېسكىنىمۇ قوللايدۇ.
بارماق دېسكا قوزغاتقۇچ ئارقىلىق سىستېما قاچىلىغاندا، بارماق دېسكىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ھىچقانداق خېيىم-خەتىرى يوق! بارماق دېسكا ئارقىلىق سىستېما قاچىلاش قوراللىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، بۇ دېتال بارلىق مەشغۇلات جەريانىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئابونتلارغا ھىچقانداق تېخنىكىلىق قىيىنچلىق قالدۇرمىغان، يەنى بارلىق جەريان ئاپتوماتىك ھالدا بىر كۇنۇپكا بىلەن تاماملىنىدۇ.
بۇ دېتال ئارقىلىق سىستېما قاچىلىغاندا، پەقەت بىر تال بارماق دېسكا بولسىلا كۇپايە، باشقا دېسكا ئوقوغۇچ، ئوپتىك دېسكا قاتارلىقلار كەتمەيدۇ، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق يارىتىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق ياردەمچى ماتىرىياللار دېتال ئىچىگە قىستۇرۇلغان.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://share.weiyun.com/cc39ae610e8d23baf56bfb738e0239be