بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نېمە ئۈچۈن بارماق دىسكىنىڭ ھازىرغىچە ۋاقتى ئۆتمەيدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


ېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى ماقالىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: قايسى بىر چاغلاردا، تور سىمى ئارقىلىق كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلايتتۇق، بىراق سىمسىز تورنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تور سىمىنى كۆپ ئىشلەتمەس بولدۇق. ئۇنداقتا، بارماق دىسكا نېمىشقا تور سىمىغا ئوخشاش، دەۋردىن قالمايدۇ؟
تا بۈگۈنگە قەدەر، نۇرغۇن كىشىلەر بارماق دىسكا قانچە كۆپ بولسىمۇ كۆپلۈك قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاز بولمىغان كىشىلەر ھەتتا يېنىدا بىر نەچچە بارماق دىسكا ئېلىپ يۈرىدۇ. ھەر خىل شەكىلدىكى، ئوخشىمىغان چوڭ-كىچىكلىك ۋە ئوخشىمىغان سىغىمچانلىققا ئىگە بارماق دىسكىلار يەنىلا ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا مۇھىتىدىكى ئۆزىمىزنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ.
ئىككى ئىش ناھايىتى كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ بىرى، گەرچە ھازىرقى دۇنيا تارىختىكى ھەر قانداق بىر دەۋردىنمۇ بەك زىچ باغلانغان بولسىمۇ، بىراق، بىر كومپيۇتېردىكى ماتېرىيالنى تېز سۈرئەتتە يەنە بىر كومپيۇتېرغا يۆتكەشتە، بىردىنبىر ئىشەنچلىك ئۇسۇل يەنىلا بارماق دىسكىدەك بىلىنىدۇ. بارلىق خاتىرە كومپيۇتېرلارغا دېگۈدەك ئۈچ ياكى تۆت خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تور تېخنىكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ھۆججەتلەرنى ھەمبەھرىلەش جەھەتتە، بارماق دىسكا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە ھۆججەتلەرنى نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىققا يوللاش ناھايىتى ئاسان بولسىمۇ، بىراق ئون نەچچە مېتىر ئارىلىقتا ھۆججەت يۆتكەش خۇددى ناھايىتى تەس ئىشتەك، بارماق دىسكىدىن ئايرىلغىلى بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

كۈلكىلىك ئىشنىڭ يەنە بىرى بولسا، گەرچە پەن-تېخنىكا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بارماق دىسكىغا ئىشلىتىلگەن تېخنىكا يەنىلا ناھايىتى ئىپتىدائىي. بارماق دىسكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مەقسەت، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئۇسۇل تېپىپ چىقىپ، بارلىق كومپيۇتېرلارنى يوچۇقسىز ھالدا ھەمكارلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى دەل 1977-يىلى كەشىپ قىلىنغان «FAT ھۆججەت سىستېمىسى» ئىدى. بۇ خىل ھۆججەت سىستېمىسى دەسلەپتە يۇمشاق دىسكىلارنى باشقۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بەلكىم ھازىرقى نۇرغۇن ياشلار يۇمشاق دىسكىنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
گەرچە تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكىلار ئاللىقاچان يۇمشاق دىسكىنىڭ ئورنىنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق باشقا بىر قىسىم تېخنىكىلار يەنىلا مەلۇم نەشردىكى FAT ھۆججەت سىستېمىسىنى ئىشلەتمەكتە. مەلۇم نەشردىكى FAT ھۆججەت سىستېمىسى ھايات ساقلىنىپ، تېخىمۇ ئىلغار بولغان سىستېمىلارغا سەپلىنىپ، تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ تېز ساقلاش تېخنىكىسىنى قوللاپ كەلمەكتە. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ھازىرغىچە FAT ھۆججەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى، خۇددى ئۆتمۈشكە قايتىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
تېخنىكىدىكى ئۆزگىرىش كىشىنى چۆچۈتىدۇ، بۇ بىر ئومۇميۈزلۈك كۆز قاراش، بىراق بارماق دىسكا بۇ خىل كۆز قاراشنى تەۋرىتەلەيدۇ. مەيلى ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن ياكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەربابلار بولسۇن، رەقەم تېخنىكىسى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاۋاتقان ۋاقىتتا، بىز بىچارە ئىنسانلار يەنىلا تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ئاستا سۈرئەتلىك يولىدا ئاستا قەدەم بىلەن كېتىۋاتىمىز. رەقەملىشىش ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىش، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش، باشتىن-ئاخىر يېڭى قىزىق نۇقتىلارغا ماسلىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ؛ ھالبۇكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىيىتى ئۆزگىرىشنى ياقتۇرمايدۇ، يېڭى شەيئىلەرگە ماسلىشىشى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. بىراق، كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان تېخنىكا ئۆزگىرىش سۈرئىتىدە، تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئاھاڭ ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: 1977-يىلى پەيدا بولغان FAT ھۆججەت سىستېمىسىنى، نېمە سەۋەبتىن بىلمىدۇق، ھازىرغىچە تاشلىيالماي كېلىۋاتىمىز.

    مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئەڭ يېڭى قورال ۋە ئەڭ يېڭى پروگراممىلاردىمۇ تېخنىكىنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى بولىدۇ. كومپيۇتېرىنىڭ كەشپىياتچىسى بۈگۈنكى كۈندىكى كومپيۇتېرلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشى مۇمكىن، بىراق ھازىرقى كومپيۇتېرلارنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ناتونۇش ئەمەس. مەيلى Windows ،Mac OS X ،Android ياكى iOS نىڭ كېيىنكى نەشرىگە قانداق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلسۇن، شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇلاردا يەنىلا FAT ھۆججەت سىستېمىسى ۋە ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن تېخنىكىلارنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 06:52 , Processed in 0.233763 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش