مەركۇر دەرسلىكتىن پايدىلىنىپ سىز يانفونىڭىزنى ئامراق كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ مائۇسى ئورنىدا ئىشلىتەلەيسىز. دەرسلىك ناھايىتى قولايلىق بولۇپ، مەزكۇر دىتالدا تېلفونىڭىزدىن ھېچقانداق تور ئېقىم خوراش ئەھۋالى بولمايدۇ. سىناپ باقماقچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز دەرسلىكىمىزدە بولسۇن.
ئاۋال WiFi Mouse HD قورالىنى تېلفونغا چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://soft.shouji.com.cn/down/24791.html
ئاندىن تۆۋەندىكى چۈشۈرۈش ئادىرىسىدىكى كومپىيۇتېرغا قاچىلاش قورالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://www.cr173.com/soft/103053.html
ئەمدى مۇشۇ MouseServer نى قوش چىكىپ تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ip ئادىرىس ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ كۆرسەتمە ئۇچۇر تىزلا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا دەرھال تېلفوندا رەسىم تارتىۋېلىڭ ياكى خاتىرلىۋېلىڭ.
شۇنداق قىلىپ كومپىيۇتېرىمىزغا قارىتا مەشخۇلات ئاياغلاشتى.
ئەمدى يانفونىمىزغا قاچىلاپ قويغان باياقى ئەپنى بىرىنچى قېتىم قوزغاتقىنىمىزدا بىر ئىشلىتىش قوللانمىسى ئۇچۇرى چىقىدۇ، پۈتتۈنلەي ئىنگىلىسچە، كارىڭىز بولمىسۇن بىۋاستە ok نى بېسىۋېتىڭ. ئاندىن كومپىيۇتېر بىلەن يانفوننى ئۇلاش بېتى ئېچىلىدۇ.
ئەمدى سىز بايا كومپىيۇتېردا ئەسكەرتكەن ip ئادىرىسنى ئاۋۇ ئۇچۇر رامكىسىغا تولدۇرۇپ ، « Auto Connect » ياكى « Connect » نى چىكىپ ئۇلاڭ.
ئۇلاش جەريانى تامام بولدى. ئەمدى ئىشلىتىپ باقايلى.
مانا سىز يوقارقى دەرسلىكىمز ئارقىلىق يانفوننى كومپىيۇتېر مائۇسى قىلىپ ئىشلەتكەندىن سىرىت يەنە يانفوندا بىۋاستە خەت يېزىپ كومپىيۇتېرغا يوللىيالايدىغانمۇ بولدىڭىز دىگەن گەپ.
مەزكۇر دەرسلىك سىزگە يارىغان بولسا ئاستىدىكى ھەمبەھرلەش ئورنىدىن QQ بوشلۇقىڭىز، مىكرو بلوگىڭىز ۋە ئۈندىدار چەمبىرىكىڭىزگە ھەمبەھرلىۋېلىڭ.