بۈگۈن بەلكىم ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۇنى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ....... شۇ تاپتا نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن قارىماقتىمەن . ئۆتكەن كىنلىرىمنى بىرمۇ بىر ئەسلەپ چىقتىم ، بەزى ئىشلار ھاياتىمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بۇلۇپ قاپتىكەن ، .ئەمما مەن بۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن ، بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىشكە تىگىشلىك بولسىمۇ ، .ئەمما يىللاردىن بىرى كۆڭلۇمدىن چىقىرۋىتەلمەوتىمەن . دوسلۇرۇمنىڭ ماڭا بولغان غۇبارسىز پاك كۆڭلىنى چۇشەنمەپتىمەن ، مىنى ياخشى كۆرگەن شۇ ئەزىزلەرنىڭ قەدىرىنى بىلمەپتىمەن ، ئاپامنىڭ تۇگىمەس ھىكايىلىرىنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ زەن قۇيۇپ تىڭشاپ باقماپتىمەن ، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلىمىڭ دەرىسلىك كونىسپىكىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، يەنە بىر نەچچە ئايدىن كىيىن سىڭلىمنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئۆتكۇزۇپ بەرمەكچى ئىدىم ، ئەپسۇس .... سىڭلىم چۇقۇم مىنى يالغانچى دەيدۇ ، ئۇنىڭ خاپا بۇلۇپ دومسايغان چىرايى بەك ئۇماق ئىدى ...... ئەمدى بۇلانى يەنە قايتا كۇرۇشكە پۇرسەبت يوق .....