_ توختاڭ ، توختاپ تۇرۇڭ ! بىز يەنە پاراڭلىشىپ باقساق بۇلامدۇ ؟ _ يىگىت ئۈتۈنۈش ئارلاشقان كۆزلىرىنى قىزغا تىكتى .
_ ئارىمىزدا پاراڭلاشقۇدەك ھېچنىمە قالمىدى . بۇندىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆز يۇلىمىزغا ماڭايلى ، ئەمدى مىنى ئىزدىمەڭ ،_ قىز سوغۇق تەلەپپۇزدا يىگىتكە قاراپ ئېيتتى .
_ بۇلىدۇ ، سىزنى ئەمدى ئىزدىمەسلىككە ۋەدە بىرەي ، لىكىن ئايرىلىپ كىتىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى بولسىمۇ بىلىپ قالاي ، _ يىگىت يىغىدىن ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇپ تۇراتتى .
_ سەۋەبى ؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي ، مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن ! _ قىز ھاكاۋۇرلۇق بىلەن بۈدرە چاچلىرىنى كەينىگە ئېتىپ قويدى .
_ سىز ؟ ئەمىسە بۇرۇن مېنى ياخشى كۆرىمەن دىگىنىڭىزنىڭ ھەممىسى يالغان ئىكەندە ؟ _ يىگىت ئېغىر خۇرسانماقتا ئىدى .
_ شۇنداق ....ھەممىسى يالغان !!! مەن ئەزەلدىن سىزنى ياخشى كۈرۈپ باقمىغان ،_ قىز كەسكىنلىك بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتتى .
_ بۇنداق يالغان ئېيتىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ بۇرۇنلا ماڭا شۇنداق دىگەن بولسىڭىز ...
_ بولدى ،ئەمدى سۆزلىمەڭ . مەن ئالدىرايمەن . سىز بۇ سۇئالنى سوراشتىن بۇرۇن ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ بىز ئارلاشقىلىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى ، لىكىن بۇ بىر يىل ئىچىدە سىز ماڭا نىمە قىلىپ بىرەلىدىڭىز ؟ بولدىلا ، كۆپ سۆزلىمەي . ھەققىي سەۋەبىنى بىلگىڭىز بولسا بىر ئايدىن كىيىن دەل مۇشۇ جايدا كۈرىشەيلى ! _ قىز شۇنداق دەپ تېز -تېز قەدەملەر بىلەن كىتىپ قالدى .
يىگىت ئۈن-تىنسىز ئورنىدا تۇرۇپ قالدى ، ئۆزىنى چۈشلەر دەرياسىدا ئۈزىۋاتقاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ خىيالىغا ھېچنىمە كىرمەيتتى ، كاللىسىمۇ قۇپقۇرۇق بۇلۇپ ھېچنىمىنىمۇ ئويلىيالمايتتى ...
بىر ئاي ئۈتۈپ كەتتى ، بۇ بىر ئاي يىگىت ئۈچۈن تۇلىمۇ ئازابلىق ، تۇلىمۇ ئۇزۇن ئۆتكەن ئىدى . ئۇ قىزنىڭ دىگىنى بۇيىچە بىر ئايدىن كىيىن ئۇنى ئايرىلغان جايدا كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى . شەھەرنىڭ چىراقلىرى پۈتۈن ئەتراپنى خۇددى كۈندۈزدەك يۇرىتىۋەتكەن بۇلۇپ ، قىز تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى . يىگىت خىيالغا چۆككىنىچە قىزنىڭ يىتىپ كىلىشىنى تەقەزاللىق ئىلكىدە كۈتمەكتە ئىدى ، ئۇنىڭ خىيالىغا قىز بىلەن ئارلاشقان مەزگىللەر كىلىشكە باشلىدى :
_ سىزنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرىمەن . سىزدىن ئايرىلسام بۇ ھاياتنىڭ ماڭا قىلچە كىرىكى يوق ..._ قىز يىگىتكە شىۋىرلاپ ئېيتتتى .
يىگىت قىزنىڭ سۆزىگە جاۋابەن تۇلىمۇ چىن ، ساپ ھىسىيات ئارلاشقان كۆزلىرىنى قىزغا تىكىپ ئۇنىڭغا ئېيتتى :
_ مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن . سىز بولغاچقىلا بۇ دۇنيا ماڭا شۇنچە مەنىلىك ، ھاياتىم تۇلىمۇ گۈزەل بىلىنىدۇ .
لەۋلەر بىر -بىرىگە چىڭ جىسىپلاشتى ، بۇلارنى كۈرۈپ تۇرغان ئون تۆت كۈنلۈك تۇلۇنئاي خىجىل بۇلۇپ ئاستا بۇلۇت كەينىگە مۆكىۋالدى .
_بىزنى ھېچكىم ئايرىۋىتەلمەيدۇ ! بىز بىر -بىرىمىزگە سادىق ھەمراھلاردىن بۇلۇپ بۇ قىسقا ھاياتىمىزنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى ! _ ئۇلار بىر -بىرىگە ۋەدە بىرىشتى .
يىگىتنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى ، كۆز چاناقلىرىدىن نەچچە تامچە ياش سىرغىپ ئۇنىڭ لىۋىنى ئاچچىق قىلىۋەتتى . قىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۆزىدىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى تېخىچە ئويلاپ يىتەلمىگەنىدى . تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا بىر -بىرىگە مەھكەم چاپلىشىپ كەتكەن ئىككە گەۋدە پەيدا بولدى . ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ئويلايتتى :
_ ياق ...ياق ... ئۇ ئەمەس ..ئۇ ..ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ .
ئىككى گەۋدە يىگىتكە تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلدى ، يىگىت شۇندىلا ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلىدى ، كۆردىيۇ ،قاتتىق چۆچۈپ كەتتى .
_ ئۇ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ ؟ _ يىگىتنىڭ كاللىسدا تۈمەنمىڭ خىيال ئەگىيتتى ، يۈرىكى بولسا ئەنسىز سۇقۇپ تۇراتتى .
قىز يېنىدىكى يىگىتكە بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن يىگىت ئولتۇرغان ئۇرۇنغا قاراپ ماڭدى ، يىگىت تېخىچە قىز بىلەن بىللە كەلگەن يىگىتتىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى .
_ ئۇ يىگىت كىم ؟ مەن بىلەن ئايرىلىپ كىتىشىڭىزنىڭ سەۋەبى ئاشۇ يىگىت ئۈچۈنمۇ ؟_ يىگىت ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ پەس ئاۋازدا ئېيتتى .
_ شۇنداق ، ئەمدىغۇ سەۋەبىنى بىلگەنسىز ؟ ئۇ ...
_ بولدى سۆزلىمەڭ ،_ يىگىت قىزنىڭ سۆزىنى بۈلىۋەتتى ،_ مەن ھەممىنى بىلدىم . لىكىن نىمىشقا شۇنداق قىلىسىز ؟ مەن بىلەن ئارلىشىپ يۈرگەندىمۇ ئۇ يىگىت بىلەن ئارلىشىپ يۈرگەنمىدىڭىز ؟
_ ياق... ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولمىدى .لىكىن سىزگە راست گەپنى قىلسام ،_ قىز سەل ئويلىنىپراق ئېيتتى ،_ ئەمىلىيەتتە بۇرۇن سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتىم ، لىكىن سىز ماڭا نىمە قىلىپ بىرەلىدىڭىز ؟ ئاشۇ قۇرۇق سىنى ياخشى كۆرىمەن ، دىگەن گىپىڭىزگە نىمە كىلەتتى ، قورساق تۇيامتى ؟ ئۇ يىگىت مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇلى بار ، ماڭا ....
_ ئەمدى چۈشەندىم ، بولدى سىزمۇ جىق سۆزلىمەڭ ، سىز پۇل ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلىۋاتىسىز شۇنداقمۇ ؟_ يىگىت ئىككىنچى رەت قىزنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى .
_ شۇنداق ، توغرا دەيسىز .سەۋەبى پۇل ئۈچۈن ! پۇل ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم . سىزنىڭ پۇلىڭىز بارمۇ ؟ ماڭا نىمە ئېلىپ بىرىپ باقتىڭىز ؟ ...
_ خاتالاشتىڭىز ... مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ئۆلىچمى پۇل ئەمەس ! _ يىگىت كەسكىن تەلەپپۇزدا ئېيتتى .
_ سىزمۇ خاتالاشتىڭىز . ھازىرقى جەمئىيەتتە قۇرۇق مۇھەببەتكە ھېچنىمە كەلمەيدۇ . بۇرۇن ھىس قىلماپتىكەنمەن ، ھازىر مەن ئۈچۈن پۇل بولسىلا مۇھەببەت دىگەن شۇ ! پۇل بولسىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بۇلىدۇ . ئۇ ماڭا ھەممىنى قىلىپ بەردى . مېنى جېنىدىن ئەزىز سۈيىدۇ ..._ قىز يىگىتنىڭ سۆزىگە رەدىيە بىرىۋەتتى .
- بۇ سىزمۇ ؟ بۇ راستىنلا سىزمۇ ؟ _ يىگىت قىزنى قايتا كۆرگەندەك بۇلۇپ قىزغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى .
_ ھا....ھا....ھا....قانداق ؟ مېنى تۇنىمايۋاتامسىز ؟ _ قىزنىڭ ساختا كۈلكىسى يىگىتنىڭ قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى .
_ ھە ، ئەمدى بىلدىم ! راستىنلا سىز ئىكەنسىز . مەن خاتالىشىپتىمەن ، سىزنى ھەققىي مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغان ، پاك ، ئاقكۆڭۈل قىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن . سىزنى ياخشى كۆرگىنىمگە ناھايىتى ئەپسۇسلىنىمەن . بولدى ، بۇندىن كىيىن ھەرئىككىلىمىز ئۆز يۇلىمىزغا ماڭايلى . لىكىن سىزگە شۇنى دەپ قۇياي ، بىر كۈنلەردە مۇشۇ دىگەنلىرىڭىزگە ، قىلغانلىرىڭىزغا پۇشايمان يەپ قالىسىز ! بۇ ئۆتنە ئالەم ....بايا ياخشى دىدىڭىز ، مىنىڭ پۇلۇم يوق . سىزگە ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم . ئەمما مەن ھالال ئەمگىكىم بىلەن ياشايمەن ، ئىككى قۇلۇمغا تايىنىپ گۈزەل كەلگۈسىمنى يارىتىمەن . _ يىگىت شۇنداق دەپ سالماق قەدەملەر بىلەن كىتىپ قالدى .
ھاۋا گۈلدۈرلەپ ، چاقماق چېقىشقا باشلىدى . قىز يەنە بىر يىگىتنى چىڭ قولتۇقلىغىنىچە كىتىپ قالدى .
باياتىن بېرى ئۇلارنى يۇرۇتۇپ تۇرغان تۇلۇنئاي نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان بۇلۇپ ، شارىلداپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى .
ھەش -پەش دىگۈچە ئىككى يىلمۇ ئۈتۈپ كەتتى . يىگىت قىزنى ئۇنتۇپ كەتكەن بۇلۇپ ، شۇنداق بىر قىز بىلەن ئارلاشقانلىقىمۇ خۇددى رەڭدار چۈشكە ئوخشاش بىلىنەتتى . يىگىت كەسپتە نەتىجە قازىنىپ جىق پۇللارنى تاپتى ، ئۆزى ئايرىم شىركەتمۇ ئېچىپ داڭ قازانغان كارخانىچى بۇلۇپ قالدى .
داۋامى بار .