بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1394|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] گۈرۈچ يانفون بىلەن گۈرۈچ تېلۋۇزۇرنى ئۆز - ئارا ئۇلاش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
گۈرۈچچاق (小米) يانفونىنىڭ مودا بولىشىغا ئەگىشىپ يېڭىدىن چىققان گۈرۈچ تېلۋۇزىرىمۇ ئىنتىرنىت تورىدا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. يەنە كېلىپ بۇ تېلۋۇزۇرنى سېتىۋېلىش ناھايىتى مۇشكىل بولۇپ كەتتى. گۈرۈچ تېلۋۇزۇر 49 دىيۇملۇق بولۇپ پۇلىسى 2999 يۈەن. ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولغان تېلۋۇزۇرلارنىڭ بىرى.
بۇ قېتىملىق دەرسلىكتە بىز گۈرۈچ يانفون بىلەن گۈرۈچ تېلۋۇزۇرنى ئۆز - ئارا ئۇلاپ تۇرۇپ، يانفوندىكى رەسىم، ناخشا، فىلىم ۋە ماتىرياللارنى بىۋاستە تېلۋۇزۇردا كۆرسىتىشنى ئۆگىنىپ ئۆتىمىز. ئۇنداق بولسا دىققىتىڭىز دەرسلىكىمىزدە بولسۇن.


[بىرىنچى خىل ئۇسۇل] Miracast


ئاۋال miracast ھەققىدە ئازىراق چۈشەنچە سۆزلەپ بىرەي. miracast بولسا Wi-Fi بىرلەشمىسى 2012 يىلى ئىجات قىلغان بولۇپ، Wi-Fi ۋاستىسى ئارقىلىق سىمسىز كۆرسىتىش ئۇسۇلىدۇر. مەسلەن، Miracast ئارقىلىق سىز كۆچمە ئۈسكىنلەرنى ئۆز - ئارا سىمسىز ئۇلاپ ئۇچۇر يوللاش مەشخۇلاتى قىلالايسىز. يوللاش ئارلىقى ئادەتتە 5 مىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ.

بىرىنچى قەدەم:
   يانفونىڭىز چوقۇم WIFI ئوچۇق شارائىتتا بولىشى كىرەك. تېلۋۇزۇر تورغا ئۇلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سىز تېلۋۇزۇرنىڭ « قوللانچا » تىزىملىكىدىن « Miracast » نى تاللاپ، يانفوننىڭ « تەكشەك » رايونىغا كىرىپ « تېخىمۇ كۆپ سىمسىز تەڭشەك » تىزىملىكنى ئاچىمىز. كىرگەندىن كىيىن يانفون ئۆزلىكىدىن ئەتىراپتىكى سىگىناللارنى ئىزدەشنى باشلايدۇ. ئاندىن « 客厅的电视 » ئۇچۇرىنى تاپقاندىن كىيىن جەزىملەش كونۇپكىسىنى باسىمىز.






[ئىككىنچى خىل ئۇسۇل] گۈرۈچ ئۇلىنىش(米联)


   گۈرۈچ ئۇلىنىش بولسا يانفوندىكى ئۇچۇر، مېدىئا مەزمۇنلارنى سىمسىز تېلۋۇزۇرغا يوللايدىغان بىر تېخنىكا بولۇپ 2013 يىلى 5- ئايدا گۈرۈچ شىركىتى بارلىققا كەلتۈرگەن. گۈرۈچ ئۇلىنىش ئاندرويىد يانفون (MIUI سېستىمىسى قاچىلانغان)، IPHONE، IPAD ۋە شەخسى كومپىيۇتېرلاردىكى ئۇچۇرلارنى، فىلىملەرنى، رەسىملەرنى ۋە مەزمۇنلارنى سىمسىز يول ئارقىلىق تېلۋۇزۇردا كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدۇ.
   گۈرۈچ يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار گۈرۈچ ئۇلىنىشىنى قانداق ئىشلىتىمىز؟
   1. ئەگەر گۈرۈچ يانفونىڭىز V4 سېستىما بولسا، سېستىمىنى چوقۇم V4 2.9.2 نەشىر يېڭىلايسىز. ئەگەر V5 بولۇپ قالسا گۈرۈچ ئۇلىنىش نۇرمال ئىشلەۋېرىدۇ.
   2. يانفون بىلەن تېلۋۇزۇر چوقۇم بىر تور شارائىتىدا ئۇلانغان بولىشى كىرەك.
   3. يانفوننىڭ ئۆزىدە بولغان ئالبومنى ئېچىپ، رەسىمنى پۈتۈن ئېكران ئاچىمىز. ئاندىن يوللاش تىزىملىكدىىن « گۈرۈچ ئۇلىنىش » نى چىكىپ، « گۈرۈچ تېلۋۇزۇرى » دىگەننى تاللاپ يوللىساق يانفون ئېكرانىدىكى رەسىم تېلۋۇزۇردا بىۋاستە كۆرۈنىدۇ.



   4. يەرلىكتىكى ۋە توردىكى ناخشىلارى يانفوننىڭ قويغۇچىدا قويۇپ تۇرۇپ، قويغۇچ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۈرجىكىدىكى « گۈرۈچ ئۇلىنىش » كۇنۇپكىسىنى چىكىپ تېلۋۇزۇردا ناخشا ئاڭلىيالايسىز.


[ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل] HML ياكى HDMI ئارقىلىق سىملىق ئۇلاش


   
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ

   قېنى دوستلار ئۆزەڭلار يوقارقى 3 ئۇسۇلنىڭ خالىغان بىرىنى ئۇلاپ سىناپ بېقىڭلار.

   يوقارقى دەرسلىك پەقەت گۈرۈچ مەھسۇلاتلىرىغىلا ماس كەلمەستىن، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق نۇرغۇن ئۈسكىلەرگە ماس كېلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن دەرسلىكنى ساقلاپ قويۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مۇناسىۋەتلىك قېزىلما ئالبوملار:

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما1 ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2013-12-16 16:16:04 | ئايرىم كۆرۈش

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-12-4 13:51:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئۈچىنجى  ئۇسۇل قىنى؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 11:40:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلغار يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 13:51
ئۈچىنجى  ئۇسۇل قىنى؟

ئىنكاس يازغاندىن كىيىن كۆرەلەيسىز، ھازىر كۆرگەنسىز؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2017-3-18 00:49:23 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئۈگۈنىۋالاي

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:06 , Processed in 0.265719 second(s), 41 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش