بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 4862|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[بىلۋېلىڭ] ئوغۇللار قىزلارنى توغرا ئايرىيالامسىز ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئەسسالام ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن يىگىت ، ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇ تىمىنى كۆرۇپ ھەيران قالماسلىقڭىزنى سۇرايمەن .
ھۆرمەتلىك  قىرىندىشم ، سىز بەزىدە نىمە  ئۇچۇن ئۆزىڭىزنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھ جەھەتتە مەغلۇپ بۇلۇش سەۋەبىنى ئويلىنىپ باققىڭىز بارمۇ ؟ بەزىدە سىز ئەگەر مەن مۇشۇ قىز بىلەن تۇنۇشمىغان بولسام بۇ ئاقىۋەتكە قالماس ئىدىم دەپمۇ قالامسىز ؟ ۋە بەزىدە ئاشۇ قىز بىلەن تۇنۇشقىنڭىز ئۇچۇن خۇشمۇ بولامسىز ؟
سىزگە مەلۇمكى ، ھەممە ئىشلار سىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن تەقدىر ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىشلار ، ئەمما سىز بۇ تەقدىرنى قانداق ئۆزگەرتىش توغىرسىدا ئويلىنىپ  باقتىڭىزمۇ ؟ ئەمدى سۆزۇمگە قۇلاق سىلىڭ .
ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە قىز -ئوغۇللار ئارسىدا بىر-بىرنى چۇشەنمەي تۇرۇپ ، تۇگىمەس مۇھەببەت ئالدامچلىقى سەۋەبىدىن ئۆز- ئارا ئىشەنمەسىلىك كىلىپ چىقتى .
ئەمدىكى قىزلىرىمىز مەسىلىسىگە كەلسەك ، بىز قىزلار نىمە ئۇچۇندۇر ئوغۇللار ئالدىدا خۇددى بىشىمىزنى كۆتۇرەلمەيدىغان بوپ قالدۇق ، بۇ گۇناھ زادى كىمىدە ؟ بۇ گۇناھ سىز ۋە مەن ئوتتۇرىدىكى زىددىيەت سەۋەپىلىك پۇتۇن قىزلار بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كەلدۇق ، ئىمانلىق قىزلىرىمىزمۇ ، ئەدەپ ئەخلاقىلىق قىزلىرىمىزمۇ ، ئشقىلىپ ھەرخىل تىپتىكى قىزلار مانا مۇشۇنداق بەزىبىر ئستىىلى ناچار ، ۋىجداننىنى ئىت يەپ كەتكەن قىزلار سەۋەپىلىك بىردەك قارىلىنىپ كەلمەكتىمىز ؟ ئەجىبا بۇ ئىشلارغا سىز بىر قىزغا قاراپ ھەممە قىزلارغا باھا بىرەرسىزمۇ ؟
قىزلارنى كىيىمىگە  قاراپ ،يۇرۇش -تۇرشىغا قاراپ ئۇنى ئەخلاقىلق قىز دەپ ئايرىغىلى بولسىكەن كاشكى ، سىز چۇقۇم بەخىتلىك بولالىغان ئىدىڭىز ؟ ئەپسۇس ، قىرىندشىم ، بۇ كىيىملەر بىزنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىمىزنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ ، سىز خۇددى تىشىنى كۆرۇپ ئىچىدىكى نەرسىنى كۆرمىگەنگە ئوخشاش  ئەھۋالغا چۇشۇپ قالمامسىز ؟ سىز ئەمدى زامانىمىز قىزلىرىغا دىققەت قىلىڭ ، ئۇلار نەچچە خىل كىيىم ۋە رەڭ بىلەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا نامايەن بۇلىدۇ ، سىز بۇ رەڭ ۋە كىيىم ئارىسدا ئۆزىڭىزگە ياققان بىر قىز بىلەن تۇنۇشىسىز ، ئەمما سىز قىزنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىسىز ، چىراي ئادەەتتىكىچە قىزلارنى سىز ئۆز نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلىسىز ( ئاز ساندىكى ئوغۇللىرىمىز چىرايى چىرايلىق بولسىلا ئۇنى ھەمراھ قىلىپ تاللايدۇ ) . ئەگەردە چىرايى چىرايلىق قىزلارنىڭ ھەممىسى ياخشى بولىدىغان بولسا بۇ دۇنيادا سەت قىز قالمىغان بولالاتتى ، بەزى قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ چىرايى بولسىمۇ ئۆزىگە تەمەننا قۇيۇپ چىرايى بىلەن جان باقىدۇ ، ئاللاھ بۇلارغا چىراينى ئايىماي بەرگەن بولسىمۇ ، بۇ قىزلار ھەممىنى ئۇنتۇپ پەرشتە سۇپەت ئالۋاستى قىزلارغا ئايلىنىدۇ ، ئاقىۋەت ئۇلار كىچككەن ۋاقىتتا ھەممە ، ھەممە نەرسە يوق بۇلىدۇ . قىزلار چىرايلىق بۇلۇپ ئۇنىڭدا ئىمان - ئىتقاد ، شەرىم -ھايا ، نۇمۇس بولمىسا  ئۇنى يەنە خۇتۇنلۇققا ئالامسىز ؟ چىرايى ئادەتتىكىچە ، ئەمما ئۇ شەرىئەتتىكى ھەممە ئىشلارغا بۇيسۇنغان قىزنى خارلامسىز ؟ ئەگەر بەخىت تاپاي دىسىڭىز ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى قىزلارنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىقىڭ ، سىزگە زادى قايسى قىز ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ ؟ مىنىڭچە بولغاندا سىزلەرگە سىزنى ئاللاھ يولىدا مىڭىشقا ئۇندەيدىغان ، سىزنى پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيەلەيدىغان ، ئاتا- ئانىڭىز ئالدىدا ئۆز مەجبۇريىتىنى ئادا قىلالايدىغان ، سىز ئازغاندا سىزنى ئۆز مۇھەببىتى ئارقىلىق سىزنى يامان يولدىن تارتىپ ئەكىلەلەيدىغان ، سىزنى مۇشكۇل كۇنلەردە تاشلىماي ، ينىڭىزدىن ئايرىلماي سىزگە سادىق ۋە ۋاپادار بىر قىز كىرەك . ئەمما سىز يەنە بىر نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، بىز قىزلار بىر -بىرىمىزگە ئوخشىمايمىز ، شۇنىڭ ئۇچۇن بىزگە ئالدىراپ باھا بەرمەڭ ، سىز ناچار بولسىڭىز بىزدە ئەيىپ يوق ، ئاللاھ ئىگىمىز ھەممىىزنى تەڭشەپ ياراتقان ، شۇنداق بولغان ئىكەن بەزى قىز قىرىنداشلىمز ئۆتكۇزگەن خاتالىقى ئۇچۇن بىزنى قارلىماڭ ، بەزى قىزلىرىمىز ھەققەتەن گۇناھىسز ، يولدىن ئاشۇ قىز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىىگە ئنساپ بىرشىنى ھەممىىز بىرلىكتە تىلەيلى . شۇنىڭ ئۇچۇن ئەمدى سىز قايسى قىزنى تاللاشىنى بىلدىڭىزمۇ ؟ ئەگەر سىزگە شۇنداق سوئال قويسام سىز قانچە سوئالغا توغرا جاۋاپ بىرەرسىز ؟
1.ئەدەپ -ئەخلاقىلىق، شەرىم ھايا مۇجەسسەملەنگەن بىر قىز بار ، ئەمما ئۇ ئىسلامچە كىيىنمەيدۇ ، لىكىن ئاللاھنى ھەر ۋاقىت دىلىدا ئەسلەيدۇ ۋە سىغىنىدۇ ،  گۇناھىلىرى ئۇچۇن ئاللاھدىن ئۆزىدىن ھىدايەت تىلەيدۇ .
2. ئۇ قىز بەك چىرايلىق ، ئۇ شۇنداق سەتەڭكى سىزنى لال قىلىپ يۇرىكىڭىزنى ئوغىرلاپ قاچىدۇ ، ئەمما ئۇ نە ناماز ،نە ئاتا- ئانىسى ئۇچۇين بىرەر ئىش قىپ باقمىغان . ئۇ پەقەت پۇل ئۇچۇن ئىپپەت نۇمۇسىنى ساتقان .
3. ئۇ ئۆي ئىشىغا شۇنچىلىك ئۇستا ، سىز ئۇچۇن بىر ۋاق تاماقىنى جايدا كەلتۇرۇپ سىزنى قىزغىن كۇتىدۇ ، ئەمما ئۇ شۇنچىلىك كۆرۇمسىز .
4. يەنە شۇنداق قىز باركى ، ئۇ دىھقان قىزى بولسىمۇ ، ئۆز ئەمگىگى ئارقىلىق سىز ۋە بالىڭىزغا راھەت تۇرمۇش بىغىشلايدۇ ، سىزنى كۇتۇش ئۇچۇن ھەتتا جىنىنىمۇ ئايىمايدۇ ، ئەمما ئۇ بىر گاچا .
5. ئۇ مۇھەببىتىگە شۇنچىلىك ساداقەتمەن، لىكىن ئۇ ئۆز سۆيگىنى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان ، ئۇ دائىم ئاللاھنى ياد ئىتىپ كۇن ۋە تۇن ئۆزىگە ياخشى بىر يىگىتىنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بۇلۇپ ،ئۇنىڭ بۇ خاتالىقىنى كەچۇرشىگە مۇيەسسەر بۇلۇشنى خالايدىغان .
6.ئۇ بىر باي ئائىلىنڭ قىزى ، ئەمما ئۇئاددى، ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ، باشقلارغا تايانماي ئۆز كۇچىنى خارقىلىپ ئۇنى بەختىلىك ئائىلىگە ئىىگە قىلالايىدىغان بىر كىشى بىلەن ئۆتۇشنى خالايدۇ ، ئۇ كۇچەنمەي تاپقان بايلىقىتىن بىزار ، ئۇ بۇ بايلىقىنى بىر كۇشەندە دەپ قارايدۇ .
7. ئۇ گۇزەل ، ئۆي ئىشغا شۇنچىلىك پۇختا ، سىزنى ھەر ۋاقىت ئەتراپىلىق كۇتەلەيدۇ ، ئۇ سىزنى دەپ كىچە ۋە كۇندۇز سىزگە خىزمەت قىلىدۇ . لىكىن ئۇ بەزىدە شۇنداق جىدەلغۇر ، چۇنكى ئۇ قىممەت باھالىق كىيىم كىيىشنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلۋالغان .
8.ئۇ ئاددى ، ئۇنىڭ ئاددى چىرايى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ياقمايدۇ ، ئەمما بۇ قىز ھەر جەھەتتىن يىتىشكەن ، ئۇ سىزنى ۋە ئاتا-ئانىڭىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ، سىزنى ۋە ئۇلارنى قانداق كۇتۇشنى بىلىدۇ .
9. ئۇ شۇنداق ھازازۇل بۇلسىمۇ ، ئەمما كۆڭىلى ياخشى ، سىزنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭىز ئۇچۇن سىزگە بىر ئۆمۇرخىزمەت قىلىدىغان سۆيۇملۇك ۋە ئوماق قىز .
10.ئۇبەش ۋاخ نامازنى ئۆتەيدىغان ، ئەمما كۇندە دىگۇدەك ئىشرەت كۇچىسدىن كىلەلمەيدىغان ، تۇن كىچىدە ئاللاھقا باش قۇيۇپ گۇناھىنى تىلەيدىغان. ئەتىسى يەنە ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ گۇناھ ئۇستىگە گۇناھ قىلىدىغان .
11. ئۇ شۇنداق قىز ،بىر ۋاخ نامازنى بولسىمۇ جايىدا ئۆتەپ ، خىزمەتتىن چارچىغان ۋاقىتىمۇ ، سىز ئۇچۇن جان-دىل بىلەن تاماق قىلىپ سىزنى كۇتەلەيدىغان ، ئەمما دائىم سىزنىڭ كۇيۇنىشىڭىزگە مۇيەسسەر بولالمايدىغان .....
ئەمدى قىرىندىشىم قاراپ بىقىڭ ، ئويلىنىپ كۆرۇپ بىقىڭ ، جاھاندىكى ھەممە قىز ئوخشامدىكەن ؟ سىزنىڭمۇ ئەيىپىڭىز بولغاندەك بىز قىزلارنىڭمۇ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىمىز بار ، ئەمدى يۇرىكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ جاۋاپ بىرىڭ ، بىز ھەممە قىزلار چاكىنىمۇ ؟ بىزدە كەلگۇسىدە ياخشى بىر قىز ، ئانا ، ئايال ، كىلىن چىقماسمۇ ؟ بىزنىڭ راسلا سىلەرگە ئايال بۇلغۇدەك ھوقۇقىمىز يۇقمۇ ؟  
بىز سىلەرنىڭ كۇيۇنىشىڭلارغا ، بىزنى توغرا ئۇسۇل بىلەن چۇشىنىشڭلارغا شۇنچىلىك تەشنىا ، بىزنى قايسى ئۇسۇل بىلەن تاللاڭلار بىز سىلەرنىڭ ئۆمۇرلۇك ھەمرايىڭلار بۇلۇشقا تەييارمىز ، ئەمما بىزنى چەتكە قاقماي ،ھەممە قىزلارنى بىر تاياققتا ھەيدىمەي بىزگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىشڭلارنى ئۇمىد قىلىمىز . ياخشى قىزلارمۇ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت ، شۇنداق قىزلار سىلەرنى كۇتۇپ تۇرماقتا......

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +30 يىغىش سەۋەبى
بۇلبۇل + 30 ئىسىل، قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل6 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-4-23 13:57:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم تورداشلار  ....

    بۇ تىما بەكمۇ ياخشى بوپتۇ بۇنىڭدا بىر ئادەمنىڭ ئۆمۇرلىك ھەمراھلىقىغا تاللايدىغان قىزلار تۇلىمۇ ئېنىق ئەكىس ئەتتۇلرلىپتۇ
دىمىسمۇ ئاللاھ بىز ئىنسانلارنى خىلمۇ خىل ھەرخىل مىجەز ، رەڭدە ،تەندە ياراتقان شۇڭلاشقا كوڭلىدىكدەك ھەمراھ تاللىمغاندا نۇرغىنلىغان كۇڭىلسىزلىكنىڭ چىقىشى تۇرغانلا گەپ ...
كۆز خاتا تاللىسا تاللىسۇن ، كۇڭۇل ھەرگىز خاتا تاللىمسۇن دىگەن گەپ ھەقىقەتەنمۇ توغرا

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2013-3-29 11:44:16 | ئايرىم كۆرۈش
شۇ قېرىنداشلار ئەخلاق ھەممىدىن مۇھىم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-3-29 22:07:13 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭمۇ ئۈمۈرلىك ھەمراھىم باردۇ ھە،كوڭلىمنىڭ ياخشىلىغىدىن مەيلى مېيىپ مەيلى يولدىن چىققان قىز بولسۇن،ۋە ياكى بەش ۋاق ناماز ئۆتەيدىغان ۋە ياكى ئاددى دېھقان قىزى بولسۇن ھېچكىمنى تۆۋەن كۆرمەي ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇپ ياخشى ئۆتۈپ بەش قېتىم تەلەپ قۇيۇپ ھەممىسى ماقۇل بۇلۇپ ،نەچچە يىل يۈرۈپ،ھەممىسى مېنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى ئىكەنلىكىم پەقەت سەۋەنلىكنىڭ ئۆزىدە ئېكەنلىكىنى ئېيتىپ مەندىن ئايرىلىپ كىتىشتى 29ياشقا كىرگەندە  ئۆزۇم تەنھا قالدىم دېسە!ھەي تەغدىر!خۇدايىم ئۇلارنى بويرىمىغان ئوخشايدۇ ماڭا!تەغدىرگە بىرنىمە دېمەك تەسكەن!

باھا سۆز

ئاللا سىز گىمۇ نىسىپ قىلغىنى بار دوست  ۋاقتى: 2013-3-29 22:34
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2013-3-30 22:32:10 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي.......  كىچچىك  تۇرۇپ  كۆپ قىزنىڭ  كۆڭلىنى  ياندۇرۋەتتىم  .يېنىم  قېلىشىدىن قورقىمەن ... مەن ئويلىغاندەك  ئەخلاخلىق  مىنى  شۇنىلىك  ياخشى كۆرىدىغان   مەن بىلەن جاپا  مۇشاقەتتە  بىللە  بوللالايدىغان قىزنى قاچان تاپامەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2013-3-30 22:32:17 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي.......  كىچچىك  تۇرۇپ  كۆپ قىزنىڭ  كۆڭلىنى  ياندۇرۋەتتىم  .يېنىم  قېلىشىدىن قورقىمەن ... مەن ئويلىغاندەك  ئەخلاخلىق  مىنى  شۇنىلىك  ياخشى كۆرىدىغان   مەن بىلەن جاپا  مۇشاقەتتە  بىللە  بوللالايدىغان قىزنى قاچان تاپامەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2013-3-31 01:46:19 | ئايرىم كۆرۈش
مەن 1- سى تاشلىۋەتكەن ئۇ ماڭا بەك كۈيۈنەتتى ، ھەم بەك بەتبەشىرە ئىدى ، سەتتى .
2- سى مىنى ئالدىدى ، پۇلۇم قالمىغاندا تاشلىۋەتتى .
3- سى بۇ بەك چىرايلىق بۇلۇپ بەك ياخشى كۆرەتتىم ، توي خېتى ئالغىلى بارغاندا قان تەششۇرۇش نەتىجەم Bتىپلىق جىگە كىسىلى بۇلۇپ چىقىپ قالغاندا كالىسىدىن ئۆتكىزەلمەي مىنى تاشلىۋەتتى .
4-سى بۇنى ياخشى كۆردۇم لېكىن سۆيمىدىم ، ئۇ خاتا چۈشۈنۇپ قېلىپ ، ماڭا قارمىغاندا مەن ئۇنۇڭغا ، مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرگەچ كېسىلىم يۇقۇپ قېلىشتىن قورقۇپ سىزنى سۆيمىگەن ئىدىم دىدىم ، ئۇ قۇلا سالماي مىنى تاشلىۋەتتى .
5-سى ئۇنۇڭ ھېچنارىگە كەلمىدى ، ئادەتتىكى ئىشتەكلا پەرۋا قىلمىدى ، توي قىلماقچى بولدۇم ، بىراق ئۇقىزنى ئېنىقلاقان بىر ئادەمگە ، ئۇ يولدىن چىقان قىزكەن‹‹ ئۇماڭا سۆرەتلىردىن تۇتۇپ يەتكۈزۈپ بەردى ھەرقېتىم مەن بىلەن كۆرىشىپ بۇلۇپ باشقىدىن گىرىم قىلىپ كوچىغا چىقىدىكەن ››  كۆڭنۇم كۈتەمىدى.
6-سى بىلەن تېغى كۆرۈشمىدىم ، توختاپ قالغىم كىلۋاتىدۇ ھېرىپ قالدىم ئۇفففففففففف ...........
مەن بىرنى تاپقان ھالەتتىمۇ ، قارشى تەرەپتە ئۇنداق يۇقۇملۇق كىسەل بولمىغان ھالەتتە توي خېتى بېردىكەن
ھەي كۆرۈشۈپلە قېنىڭىزنى تەششۇرتۇپ پاقاي دىگىلى بولمىغان يە ، بىكادىن بىكا پۇل خەچلەپ
ھيييييييييييي
خۇدايىم بەگەن كۈنۈڭگە شۇكرى  

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2013-3-31 19:27:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئوغۇللارنىمۇ باھالاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2015-8-3 16:36:34 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئۆزىڭىز يازدىڭىزما؟؟؟؟؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
ۋاقتى: 2016-12-26 21:44:05 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز.قۇلىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:20 , Processed in 0.240428 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش