بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 675|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تىرامپنىڭ ئاخىرقى نەچچە سائەت ئىچىدىلا يېڭىپ زۇڭتۇڭ بولۇشتىكى سىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ھەممىمىزگە ئايان يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ زوڭتوڭ سايلىمى بىز ئويلىمىغان ھەيران قالارلىق نەتىجە بىلەن غەلبىلىك ئاياغلاشتى . ئالدىنقى مەزگىللەردىكى بىلەت سانىغا ئاساسەن پۈتۈن دۇنيا خەلقى ھىلارى زوڭتۇڭ بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز تىرامپنىڭ بىلەت سانى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ بىراقلا زوڭتۇڭ ئورنىغا موۋەپپەقىيەتلىك ئولتۇردى .

تىرامپ ئەمەلىيەتتە بولسا سىياسى ساھەدىن قىلچە خەۋىرى يوق بىر سودىگەر بولۇپ ، ئۇ زوڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقىنى ئۇ بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن ئامېرىكا جەمىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن قىزى ئىۋانكا تىرامپ بولدى .


كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ گۈزەل ھەم زىلۋا تۇرغان بۇ ئايال بولسا ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر ئېسىلزادە خېنىم ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىنتايىن تىرىشچان ھەم جەڭگىۋار .

بۇ ئايال 6 ياش ۋاقتىدىلا پايچېكى ئويناپ پۇل تېپىشقا باشلىغان، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتتا مودىل بولۇپ ئىشلەپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجەت پۇلىنى ئۆزى تېپىپىپ خەجلەشكە باشلىغان . ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن كۈندە پەقەت 4 سائەت ئۇخلايتتى . كىيىن ئۇ تىرامىپ جەمەتىنىڭ گوروھىغا كىرىپ مۇئاۋىن لىدىر بولغان ھەم ئۆزىنىڭ سەخسىي ماركىسىنى ياراتقان.

دۇنيادا ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى مانا مۇشۇنداق ئائىلە كىلىپ چىقىشى سىزدىن ياخشى ، ئارقا تېرىكى سىزدىن كۈچلۈك ،  شارائىتى سىزدىن ئەلا بولغان كىشلەرنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە يەنە سىزدىنمۇ بەكرەك تىرىشىچانلىق كۆرسىتىشى بولسا كېرەك.
ئىۋانكا تىرامپ مۇشۇ گۈزەل سىرتقى قىياپىتى ھەم ئەقلى – قابىلىيىتى بىلەن دادىسىنىڭ زوڭتۇڭ تاللىنىشىغا قانچىلىغان بېلەتنى تاشلاتقۇزىشى تۇرغانلا گەپ، چۈنكى زوڭتۇڭ سايلىمىدىن بۇرۇنلا ئۇ ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچى خېلى زور بولغان بىر شەخس ئىدى.

تۇرمۇشتىكى ئىۋانكا بولسا ھەر جەھەتتىن تىرىشىپ تىرامىپ جەمەتىنى كىشلەرگە تېخىمۇ تونۇش ھەم يېقىملىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئايال بولۇپ، ئۇ ئادەتتە تاماقخانىلارغا كىرىپ غىزالانسىمۇ ئادەتتىكى كۈتكۈچى ھەم مۇلازىملارغا ئاكتىپ ھالدا سالام قىلىدىغان، دادىسىنىڭ سايلىنىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھەر بىر پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدىغان ئەقىللىق ئايال. بۇ ئايال ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىگە تايىنىپ دادىسىنىڭ زوڭتۇڭ سايلىمىدا ھەقىقەتەن مۇھىم رول ئوينىغان دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.

ئەمدى بىرلىكتە بۇ ئايالنىڭ پۈتۈن تارىخىنى بىرلىكتە كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقايلى :ئىۋانكا تىرامپ ، 1980- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ ، تىرامپنىڭ بىرىنجى ئايالىدىن تۇغۇلغان بولۇپ دۇنياغا داڭلىق مودىل ، ئامېرىكا نىيويورۇك ئۆي – مۈلۈك ساھەسىدىكى تىرامپ جەمەتى گوروھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، ئۇدا ئىككى يىل ئامېرىكا "فوربىس"ژورنىلىدىكى توي قىلمىغان ئون چوڭ باي ئايالنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلگەن.

كىچىكىدىن تارتىپ ئاتا- ئانىسىنىڭ نەزەرنى يىراققا تاشلاش ئىدىيىسىدە چوڭ بولغان بۇ قىز بىز تېخى بالىلىرىمىزنى " يامان كىشلەردىن ئېھتىيات قىل بالام " دەپ تەربىيە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا  ئاللىبۇرۇن پايچېكىنى قانداق ئويناشنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان .

سىز ئەمەلىيەتتە كىچىك بالىلار قانداقمۇ بۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ ئويلايسىز لىكىن بالىلار ئادەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ گەپ – سۆزلىرى ھەم ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن ئىلھاملىنىپ بۇ ئىلغار ئىدىيىلەرنى ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى بىر چوڭ ئارزۇ قىلىپ پۈكىدۇ، ھەم مۇشۇ نىشان ئۈچۈن توختىماي  بىر قەدەم بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلەيدۇ .

كىچىكىدىن تارتىپ بۇ قىزنىڭ ئۆگىنىشى شۇنچىلىك ياخشى بولۇپ، سىز بەلكىم بۇ قىز شۇنچىلىك باي – باياشات مۇھىتتا چوڭ بولغان تۇرسا ياخشى بولماي قالامدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، لىكىن ئەمەلىيەتتە بۇ باي دادا قىزى كىچىك ۋاقىتتىن باشلاپلا قانچە باي ئائىلىدە چوڭ بولغانسىرى شۇنچە ئۆزىگە تايىنىپ پۇل تېپىشنى ئۆگەتكەن، شۇڭلاشقا ئىۋانكا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۇلىدىن باشقا تۇرمۇش پۇللىرىنى سىرتتا مودىللىق قىلىپ ھەم ئىشلەپ تېپىشقا تىرىشقان .

شۇڭلاشقا بۇ قىز تېخى قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپ مودا ئېقىم چەمبىرىكىدە ئاز –تولا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان .1997- يىلى 5 –ئايدا ئۇ 17يېشىدا گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان،ھەم مودا ئېقىم ژورناللىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا باشلىغان .ھەم نۇرغۇن داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلىغان.

ئەمەلىيەتتە مۇشۇ يېشىدىلا چىرايىغا تايىنىپ ياشىسا بولىدىغان بىر قىز ئۆزىنى بۇنچە قىينىمىسا بولاتتى، لىكىن بۇ ۋاقىتتا دادىسى بۇ قىزغا ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ –ئارمىنىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەم قانداق قىلىپ بۇ ئارزۇ – ئارمىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا گەپ قىلغان .

شۇڭلاشقا بىز كۆرۈۋاتقان بۇ قىز :"مىنىڭ تاماشا چەمبىرىكىگە كىرىشىم پەقەت مەبلەغ سېلش ئۈچۈن يىتەرلىك پۇل تېپىش ، سودا ساھەسىگە كىرىشىم بولسا ھەقىقىي ئۆزۈمنىڭ ئارزۇ –ئارمىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر" دەيدۇ .

2007 –يىلى ئىۋانكا ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئۈنچە- مەرۋايىت ماركىسى ياراتقان ھەم دۇكان ئاچقان،2008 – يىلى باشقا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ  ئىسمى ماركىسىدىكى ئاياغنى بازارغا سالغان،ھەم يەنە باشقا زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ ئىسمى ماركىسىدىكى زىبۇ – زىننەتلەرنى بازارغا سالغان.

2009- يىلى ئىۋانكا ئۆزىنىڭ بىرىنجى كىتابىنى يېزىپ چىققان ھەم بۇ كىتاپ "نىيورۇك ۋاقىت گېزىتى" ھەم "ۋال سىتىرېت كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى" دىكى سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولغان كىتاپ بولۇپ باھالانغان.

ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە سىز بۇنچە ئۇتۇق قازانغان ئايالنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى قانداقتۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.

لىكىن ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان يىرى بولسا بۇ ئايالنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى شۇنچىلىك بەخىتلىك بولۇپ ، ئۇنىڭ يولدىشى بولسا چوڭ ئۆي - مۈلۈك سودىگىرىنىڭ ئوغلى بولۇپ نىيويوروكتا نامى چىققان نەشىرىيات سودىگىرى .


بۇ ئىككى كۈچلۈك جەمەتنىڭ بىرلىشىشى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ . بۈگۈنكى كۈندە ئىۋانكا ئاللىبۇرۇن ئۈچ بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ بۇ ئايال ھەقىقەتەن بىر قولىدا سودا  پۇرسىتى يەنە بىر قولىدا بەخىتلىك ئائىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى .


توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ كىلىۋاتقان بۇ ئايال پۈتۈن ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى يارىتىشقا ھەم توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە چاقىرغان  ھەم باشقىلارغا ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىشنى توختىتىپ قويمىغان.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-11-15 16:57:54 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-11-15 23:49:38 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بىلىملەردىن يېڭى بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم، رەھمەت!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2016-11-17 20:36:09 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ مەزمۇنى يېزىپ بىزگە بىر ساۋاتقا ئىگە قىلدىڭىز.چۈنكى تىرىشىش ئارقىلىق چوڭ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولۇدۇ-ئەلۋەتتە!!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2016-11-20 14:14:21 | ئايرىم كۆرۈش
ھە ئەسلىي مۇنداقكەندە تىرامىپنىڭ زۇڭتۇڭ بوپ سايلىنالىشىقىزنىڭ  تىرىشچانلىقىكەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 09:29 , Processed in 0.258437 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش