بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uysalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-4-12 17:37
ئالاھىدە تېما: كۆچۈرۈش ئۈچۈن مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ. بۇ مەزمۇن پەقەت ئالىپ تورىدىلا مەنبەسىز يوللاندى ، باشقا تور بېكەتلەرنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىمەي تۇرۇپ ئەمگەك مېۋىنى ئوغرلارشقا قەتئى يول قويۇلمايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىملەر تورداشلار ياخشىمۇسىلەر!!! كۆپىنچە تورداشلار يانفۇننىڭ سىستىمىسنى 6.0 گە يېڭلىغاندىن كېيىن نورمال ئىشلىمەسلىكتەك ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. بۇ توغرا، مېيزۇ تېخى سىناق نۇسخىسنى ئېلان قىلىپ بولغۇچە يېڭلاش ئۇقتۇرۇشى كەلدى، كۆپىنچە تورداشلار يېڭلىغاندىن كېيىن ھەرخىل سەۋەبلەر مەسىللەر كېلىپ چىقىپتۇ.
ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك، 6.0 ياكى 5.0 سىستىمىغا يېڭلىغان بولساق (ئېكرانىنىڭ سىستىما نەشىرى تۆۋەن بولغان بولسا يېڭلاش ئۇچۇرى كېلىدۇ. ) ئۇ سىستىمىنىڭ كۆپىنچە يەرلىرىدە نورمالسىزلىق كۆرۈنگەنلىكتىن ۋە كۆپىنچە تورداشلارنىڭ ياقتۇرماسلىقى سەۋەبتىن تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈرمەكچى بولدۇق.(ئۆزىنىڭ سىستىمىسى 5.1 ياكى 4.5 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىر دېمەكچى) ئەمسە ئىش باشلايلى....
ئاستىدىكى خەتنى بېسىپ مېيزۇنىڭ سىستىما چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىمىز(يانفۇن كومپيۇتېر ئىككىلىسدە بولىۋېرىدۇ). ئاستىدىكى سۈرەتتىكىدەك بىزنىڭ يانفۇنمىز قايسى بولسا شۇنى تاللايمىز.
بېسىپ كىرىڭ
قىزىل رامكا ئچىدە كۆرسىتىلگەندەك قىلىپ تەڭشەيمىز(يانفۇنمىز قايسى كارتىنى قوللىسا شۇنى تاللايمىز)
چۈشۈرۈشنى بېسىپ سىستىمىنى چۈشۈرىمىز(يانفۇندا چۈشۈرسەكمۇ ئوخشاش، يانفۇندا بولسڭىز سىمسىز تور شارائىتدا چۈشۈرسىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى سىستىمىنىڭ سىغىمى چوڭ، ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز ئىشىلتىۋاتقان يانفۇندا چۈشۈرىسىز باشقا يانفۇندا چۈشۈرۈش ھاجەتسىز ھەم بولىۋېرىدۇ. )
ئەمدىكى قەدەم يانفۇنمىزنىڭ زاپاسلاش ئامبىرىغا كىرىپ ماتىرياللىرىمىزنى تور دېسكىغا ياكى كومپيۇتېرغا زاپاسلىۋالىمىز. رەسىمدىكى قەدەم بويىچە قىلسڭىز بولىدۇ.
ئەمدى چۈشۈرۈلگەن سىستىمىنى يانفۇنغا ئاستىدىكى رەسىمدىكى ئۇسۇل بويىچە قاچلايمىز. (يانفۇندا چۈشۈرسەكمۇ بولىدۇ قايسى ھۆججەتكە قاچلىساق بولىدۇ، ئامال بار ئاسان تاپقىلى بولۇش ئۈچۈن باش بەتكە چىقرىش كېرەك. )
ئەمدى چۈشۈرگەن سىستىمىنىڭ ئەسلى ئىسمى بويىچە قويۇپ ئاچىمىز، ئاچقاندىن كېيىن رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ بەلگە ئۇرۇلغان ھالەتتە باسقاندىن كېيىن تېلفۇن قايتا قوزغىلىدۇ.
تېلفۇن قايتا قوزغىلىپ بۇ ھالەتكە كېلىدۇ، 2 ئورۇنغا بەلگە ئۇرىمىز، ئېلۋېتىشكە بولمايدۇ.
ئاز دېگەندە 15 مىنۇت ياكى 30 مىنۇت ساقلاڭ سىستما چۈشۈپتىمۇ؟ قايتا قوزغالغاندا ئەسلى پارولنى كىرگۈزىسىز.
يۇقارقىدىن باشقا مەشغۇلات قىلىپ مەسلە كېلىپ چىقسا بىلىملەر تورى مەن ئىگە بولمايدۇ.