بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەنسار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-4-22 11:02
شىنخۇا تورى 22 – مارت خەۋىرى
ئەتىگەن تۇرماسلىق، كۈندە تاپشۇرۇق ئىشلەپ يۈرمەسلىك، كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشماسلىق، ھەتتا «تاللىما دەرسلەردىن چوقۇم قېچىش، زۆرۈر دەرسلەردىن تاللاپ قېچىش» — بۇ لى مو يېڭى ئالىي مەكتەپكە چىققان چاغدا، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەكتەپكە كەلگەن ئاكاش-ئاچاشلارنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان « تەربىيە » سى. بۇ «تەربىيە» ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئاتا-ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا دەيدىغان :«ئالىي مەكتەپكە چىقساڭلا ئەركىن ياشايسەن» دېگەن گېپىگىمۇ تازا ماس كېلىدۇ.
«ئالىي مەكتەپ جەريانىدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟» دېگەن بىر تۈرلۈك تور تەكشۈرۈشىدە بېرىلگەن جاۋابلار ئىچىدە «ياخشى ئوقۇمىغانلىق» ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن. ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتكەن لى مو «ئوغۇللارنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ باي بولغانلىقى»، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىپ ساياھەتكە بارغانلىقى» دەك «قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى» نى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قالغان.
تەبىئىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى سوئال ئىشلەش بىلەن ئالدىراش، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىسى لى مو بولسا «نېمىدېگەن پەيزى ۋاقىتلار بۇ!» دەپ ئەتىگەن سائەت ئونلاردا، بىرەر ياتاقدىشى تۇرۇپ دېرىزە پەردىسىنى ئاچقاندا، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ «ئەتىگەنلىك قۇياش» نى كۈتىۋالىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئەسلى مەنمۇ ئەتىگەندىكى بىرىنچى سائەتلىك دەرسنى تاللاي دېگەن ئىدىم، ئەمما ئويلاپ باقسام، ئەتىگەنكى دەرسنى تاللىسام روھلانماقتا يوق، بەلكى دەرستىن قېچىپ يۈرىدىكەنمەن.»
«بىرىنچى ماي»، «بىرىنچى ئۆكتەبىر» دەم ئېلىشلىرىدا ھەتتا ئوقۇتقىچىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كېلەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر گەپ بار ئىكەن :«يۈرەكلىك بولسىڭىزلا چوكانتال بايرىمىدىمۇ يەتتە كۈن دەم ئالالايسىز، كىم يامان بولسا شۇ كۆپ دەم ئالىدۇ».
بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى پىسخىكىلىق گىگېنا دوكتۇرى ۋاڭ بىڭنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنلا ئۆزىگە قويغان تەلەپنى تۆۋەنلەتكەن، بۇنداق پىسخىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە «تولۇق ئوتتۇرىدا تارتقان جاپانىڭ راھىتىنى كۆرۈش» ئويى سەۋەبچى ئىكەن. ئاتا-ئانىلار دائىم تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىغا:« ئالىي مەكتەپ ئۆتۈۋالغۇچە يەنە ئازراق چىدىغىن» دەپ تەسەللىي بەرگەچكە ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنى ئاخىرقى نىشانى قىلىۋالىدىكەن-دە، ئالىي مەكتەپتە نېمە ئىش قىلىش ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ قارايدىكەن.
ۋاڭ بىڭ يەنە:« ئەگەر سىزنىڭ بۇرۇنقى ئۆگىنىشىڭىز باشقىلارنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە زورلىشى ئاستىدا بولغان بولسا، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بۇ خىل باشقۇرۇش بولمىغاچقا، ئۆگىنىشتە بوشىىشىش بولىدۇ» دەيدۇ.
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپىدىغان چاغدا ئوقۇغۇچىلاردا «گاڭگىراش» بولىدۇ. ئەگەر ئۆزى ياقتۇرمايدىغان خىزمەت ئۇچراپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋاڭ بىڭنىڭ تەكلىپى بولسا، ئاغرىنىشنى ئاز قىلىپ، ئەڭ ئاز زېھنى-قۇۋۋەت ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىتنى ئىشلىتىپ ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشنى لاياقەتلىك تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان ۋاقتىنى ئۆزى قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش.
( ئوكيان تورىدىن رومانگۈل تەرجىمىسى)