بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 759|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ubuntu سېستىمىسىنىڭ 14.04 نەشىرىدە مەنبە ئارقىلىق lnmp مۇھىتى ھازىرلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ubuntu سېستىمىسىنىڭ 14.04 نەشىرىنى ھەمدە root ھوقوقى بولغان مۇلازىمىتېرنى ئاساس قىلىپ يېزىلدى، سىزنىڭ مۇھىتىڭىز يوقارقى ئىككى شەرتكە ماس كەلسە كىيىنكى مەشغۇلاتلارنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
  مەزكۇر يازما ئاساسلىق تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: سېستىمىنى يېڭىلاش، nginxنى قاچىلاش ھەمدە تەڭشەش، mysqlنى قاچىلاش، phpنى قاچىلاش ھەمدە تەڭشەش.
  ئالدىن تەييارلىق: بارلىق مەشغۇلات تېرمىنالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلىتىشكە قولايلىق بولغان nano تېكىست تەھرىرلىگۈچنى قاچىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز! قاچىلاش بۇيرىقى تۆۋەندىكىچە
  1. sudo apt-get install nano
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

1. سېستىمىنى يېڭىلاش
  1. sudo apt-get update
  2. sudo apt-get upgrade
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

2. nginxنى قاچىلاش
  nginxنىڭ ubuntu ئورگان مەنبەسىدىكى نەشىرى (nginx 1.4.6) بىرقەدەر تۈۋەن بولغانلىقدىن، بىز ئۈچۈنچى تەرەپ مەنبەسىنى ئىشلىتىپ بىرقەدەر يېڭى بولغان نەشىرىنى (nginx 1.10.0) قاچىلايمىز. (تۆۋەندىكىسى nginxنىڭ  نەشىرىنى كۆرۈش بۇيرۇقى)
  1. sudo apt-cache policy nginx
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


2.1. nginxنىڭ ئۈچۈنچى تەرەپ مەنبەسىنى قاچىلاش
  1. sudo apt-get install python-software-properties
  2. sudo apt-get install software-properties-common
  3. sudo add-apt-repository ppa:nginx/stable
  4. sudo apt-get update
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

2.2 nginxنى قاچىلاش
  1. sudo apt-get install nginx
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

2.3 nginxنى تەڭشەش
  1. sudo nano /etc/nginx/nginx.conf
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئاندىن http{}​ بۆلۈكىگە تۆۋەندىكى پارامېتىرنى قوشۇڭ! (بۇ پارامېتىرنىڭ مەنىسى nginx سىغىمى 1024MBدىن كىچىك بولغان ھۆججەتنى يۈكلەشكە يول قويىدۇ ۋە ياكى يۈكلىنىدىغان ھۆججەتنىڭ سىغىمىغا بولغان ئەڭ چوڭ چەك دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
  1. client_max_body_size 1024M;
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

3. mysqlنى قاچىلاش
  1. sudo apt-get install mysql-server
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ قەدەم باسقۇچتا mysql ساندانىنىڭ root(باشقۇرغۇچى) پارولىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ! ئۇدا ئىككى قېتىم پارول تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنى تۆۋەندىكىدەك!


4. phpنى قاچىلاش
4.1. phpنى قاچىلاش
  1. sudo apt-get install php5 php5-cli php5-curl php5-fpm php5-intl php5-mcrypt php5-mysqlnd php5-gd
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

4.2 phpنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆججەت يۈكلەش چەكلىمىسىنى ئۆزگەرتىش
  1. sudo nano /etc/php5/fpm/php.ini
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ پارامېتىرلارنى ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۆچ پارامېتىرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆزگەرتىڭ!
ئەسلى:
  1. post_max_size = 8M
    memory_limit = 128M
  2. upload_max_filesize = 2M
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئۆزگەرتكەندىن كىيىنكىسى:
  1. post_max_size = 1024M
  2. memory_limit = 1024M
  3. upload_max_filesize = 1024M
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

lnmp مۇھىتىنى ھازىرلاپ بولدۇق تۆۋەندە nginx مەۋھۇم بوشلۇقىنى يۈرگۈزۈپ كۆرۈپ باقايلى! بۇيرۇقلار تۆۋەندىكىچە:
  1. sudo nano /etc/nginx/sites-enabled/bilig
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ چاپلاڭ:
  1. server {
  2.     listen 80;

  3.     # [改] 网站的域名
  4.     server_name www.bilig.cc bilig.cc;
  5.    
  6.     #301跳转可以在nginx中配置

  7.     # 程序的安装路径
  8.     root /var/www/bilig/;

  9.         #入口文件
  10.         index index.php;

  11.     # 日志路径
  12.     access_log /var/log/nginx/bilig.cc.access.log;
  13.     error_log /var/log/nginx/bilig.cc.error.log;

  14.     # 配置设置图片格式文件
  15.     location ~* \.(jpg|jpeg|gif|png|ico|swf)$ {
  16.         # 过期时间为3年
  17.         expires 3y;
  18.         
  19.         # 关闭日志记录
  20.         access_log off;

  21.         # 关闭gzip压缩,减少CPU消耗,因为图片的压缩率不高。
  22.         gzip off;
  23.     }

  24.     # 配置css/js文件
  25.     location ~* \.(css|js)$ {
  26.         access_log off;
  27.         expires 3y;
  28.     }

  29.     # 禁止用户上传目录下所有.php文件的访问,提高安全性
  30.     location ~ ^/files/.*\.(php|php5)$ {
  31.         deny all;
  32.     }

  33.     # 以下配置允许运行.php的程序,方便于其他第三方系统的集成。
  34.     location ~ \.php$ {
  35.         # [改] 请根据实际php-fpm运行的方式修改
  36.         fastcgi_pass   unix:/var/run/php5-fpm.sock;
  37.         fastcgi_split_path_info ^(.+\.php)(/.*)$;
  38.         include fastcgi_params;
  39.         fastcgi_param  SCRIPT_FILENAME    $document_root$fastcgi_script_name;
  40.         fastcgi_param  HTTPS              off;
  41.     }
  42. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ ھۆججەتدىكى bilig.ccنىڭ ئورنىغا ئۆز تور نامىڭىزنى كىرگۈزۈڭ، تورنامىڭىز بولمىسا، مۇلازىمېتىرنىڭ ip ئادرېسىنى كىرگۈزۈڭ!
بىز يەنە تۆۋەندىكى ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەتنى قۇرۇشىمىز كېرەك!
  1. sudo mkdir /var/www/bilig
    sudo touch /var/www/bilig/index.php
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

index.php نىڭ ئىچىگە تۆۋەندكى مەزمۇنلارنى يېزىڭ!
  1. sudo nano /var/www/bilig/index.php
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
  1. phpinfo();
  2. ?>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ھوقوقىنى ئۆزگەرتىمىز
  1. sudo chown -R www-data:www-data /var/www/bilig
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

nginx، php، mysqlنى قايتا قوزغىتىپ توربېكىتىڭىزنى زىيارەت قىلىڭ!
  1. sudo service nginx restart
  2. sudo service php5-fpm restart
  3. sudo service mysql restart
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئەگەر تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلسا مۇۋەپپىقىيەتلىك lnmp قاچىلىغان بولىسىز!

مۇبارەك بولسۇن!! ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!! كىچىدە يېزىلغانلىقى ئۈچۈن پىكىر سەل قالايمىقان، باشقا كۆنى قايتا رەتلىنىپ، تېخىمۇ تەپسىلى قىلىپ دەرسلىك سۆزلىنىدۇ.
مەنبە: بىلىگ تور دەرسخانىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-14 18:32:00 | ئايرىم كۆرۈش
Ubuntu ئىشلىتىش ئارزۇسى بارلارغا نادىر دەرسلىك ماۋۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-14 20:09:21 | ئايرىم كۆرۈش
مانا مەن ھازىر linux دا بىلىملەرگە ئىنكاس يوللاۋاتىمەن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 22:47 , Processed in 0.262668 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش